جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

قارا بىسىۋىلىش (كابۇس) دېگەن نېمە؟

سۇئال

   بىز جاسۇم (كابۇس) دېگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلىدۇق، (كابۇس) دېگەن ئىنسان نامازنى ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى تەرك قىلغاندا ئۇنىڭ كۆكسىگە ئورنىشىدىغان جىن دەيدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىرەر ھەدىس كەلگەنمۇ؟ ياكى بۇ سۆز توقۇلما-خۇراپات سۆزمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: جاسۇم دېگەن: ئۇيقۇلۇق ۋاقىتتا ئىنسانغا يېتىدىغان كابۇستىن ئىبارەتتۇر.

     ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دەيدۇ: "جاسۇم" دېگەن ئىنسانغا يېپىشىدۇ، ئىنسان ئۇخلاۋاتقاندا ئۈستىگە چۈشىدىغان نەرسە جاسۇم دېيىلىدۇ. ["لىسانۇل ئەرەپ" 12-توم 83-بەت].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: كابۇس دېگەن: كېچىدە ئۇخلاۋاتقان كىشىدە يۈز بېرىدىغان نەرسە بولۇپ، بۇ تۇتقاقلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر، بەزى لۇغەت ئالىملىرى: بۇ ئەرەپ تېلى ئەمەس، ئەرەپ تېلىدا "نىيدلان" دېيىلىدۇ، ئۇ بارۇك ۋە جاسۇم بىر مەنىدە دەيدۇ. ["لىسانۇل ئەرەپ"6-توم 190-بەت].

    ئىككىنچى: بەزى ۋاقىتتا جاسۇم(كابۇس) ئەزادىكى ماددىنىڭ سەۋەبىدىن خۇددى يېمەكلىك ياكى دورا قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا جىن ئىگىلىنىۋېلىش بىلەن بولىدۇ، بىرىنچىسىنىڭ ئىلاجى قان ئالدۇرۇش، قان تەكشۈرۈش ۋە يېمەكلىكلەرنى ئازايتىش بىلەن بولىدۇ، ئىككىنچىسىنىڭ ئىلاجى بولسا، قۇرئان تىلاۋىتى، شەرئى زىكىرلەر بىلەن بولىدۇ.

    ئىبنى سىنا ئۆزىنىڭ "قانۇن" ناملىق تىببى كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: كابۇس توغرىسىدىكى تەپسىلات: كابۇس دېگەن بوغۇلۇپ قېلىش دېيىلىدۇ، ئەرەپ تېلىدا بولسا "جاسۇم، نىيدلان" دېيىلىدۇ.

    كابۇس دېگەن بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، ئىنسان ئۇيقۇنى باشلىغاندا ئۈستىگە چۈشكەن ئېغىر خىياللارنى ھېس قىلىدۇ، تەرلەيدۇ، نەپسى سىقىلىدۇ، ئاۋازى ۋە ھەرىكىتى ئۈزىلىدۇ، بەدەن تۆشۈكچىلىرى ئېتىلىپ قالغانلىقتىن بوغۇلۇپ قالغىلى تاس قالىدۇ، بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن تېزلىكتە ئەسلىگە كېلىدۇ، بۇ تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك كېسەللىكنىڭ بىرىنىڭ باشلىنىشىدۇر: بۇ ياكى تۇتقاقلىق، ياكى نەپەس توختاپ قىلىش ياكى قۇرۇقتىن بولىدۇ، بۇ جىسىمدىكى ماددىلارنىڭ تىقىلىپ قېلىشىدىن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەپ يوق".

     زامانىمىزدىكى بەزى تىببى ئالىملىرىمۇ شۇنداق دەيدۇ، دوكتۇر ھەسسان شەمسىي پاشا كابۇسنى: تاسادىپىي بولىدىغان ۋە تەكرار بولىدىغان دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىدى، بىرىنچىسى ماددى سەۋەپتىن، ئىككىنچىسى بولسا جىن ئىگىلىنىۋېلىش سەۋەبىدىن بولىدۇ.

    ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ "ئۇيقۇ، تەرلەش ۋە چۈش كۆرۈش" ناملىق ئەسىرىدە، تاسادىپىي بولىدىغان كابۇس ئىككى سەۋەپتىن پەيدا بولىدۇ دېدى:"

   ئا-ئىنساننىڭ نەپەس ئېلىش يوللىرىدا ھۆرنىڭ توسۇپ قىلىپ دىماغقا ئۆرلەپ كېتىشى، ياكى ئۇخلىغاندا دىماغ توسۇلۇپ قىلىپ، شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا دۇچار بولغان كىشى ھەرىكىتىدە، سۆزىدە ياكى تۇيغۇسىدا بىئارام بولۇش بىلەن سۆز-ھەرىكەتلىرىدە ئېغىرچىلىقنى ھېس قىلىدۇ، بۇ بەدەندىكى تۇتقاقلىقنىڭ باشلىنىشىدۇر، بۇ ئىش نەپەس سىقىلىشقا دۈچكەلگەندىمۇ يۈز بېرىدۇ.

    ب-بەزى دورا-ئىلاجلارنى ئىستىمال قىلىشمۇ كابۇسقا سەۋەپ بولىدۇ، ئۇلار:

1-رەزىربىين.

2-ھەسەرات بىيتا.

3-لىيپۇدبا.

4-مۇزادىل ھەمۇد.

5-پالىيۇمغا ئوخشاش تىنچلاندۇرغۇچى ئىلاجلارنى ئىشلىتىشنى توختاتقان ۋاقىتتىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ.

2-تەكرارلىنىدىغان كابۇس: كابۇستىن بولغان بۇ تۈر بولسا، ئىنساننى پاسكىنا روھلارنىڭ ئەزىيەتلىرى كونتۇرۇل قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ".

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: جاسۇم دېگەن كابۇس بولۇپ توقۇلما ياكى خۇراپات ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەمەلىي ۋەقەلىك، بەزى ماددىي سەۋەبلەردىن بولىدۇ، بەزى جىن كونتۇرۇل قىلىۋالغاندا بولىدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى