پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رۇقىيە ئوقۇغۇچىدا تىپىلىشى كېرەك بولغان شەرتلەر

سۇئال

   كىشىلەرگە رۇقىيە ئوقۇش ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇيدىغان كىشى توغرىسىدا تالاش-تارتىش بولدى، بەزىلەر: شەرئى بىلىم ئالمىغان كىشىنىڭ ھەممە كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن رۇقىيە ئوقۇپ قويۇشى توغرا بولمايدۇ دەيدۇ، يەنە بەزىلەر: رۇقىيە ئوقۇيدىغان كىشى ھاپىز بولسا، ئەقىدىسى ساغلام بولسا، تەقۋادار ياخشى كىشى بولسا كۇپايە قىلىدۇ دەيدۇ، بۇ مەسىلىدىكى چېگىشنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن، بۇنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قۇرئان كەرىمنى گۈزەل ئوقۇيدىغان، مەنىسىنى چۈشىنىدىغان، ئەقىدىسى ساغلام، توغرا ئەمەل قىلىدىغان، ئەخلاقى ياخشى بولسا، رۇقىيە ئوقۇسا توغرا بولىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ ئىلمى ماددىلارنىڭ ھەممىسىنى ۋە شاخچە مەسىلىلەرنىمۇ بىلىشى شەرت قىلىنمايدۇ، ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يىلان چېقىۋالغان كىشىگە رۇقىيە ئوقۇغانلىقى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك؛ «بىز پاتىھە سۈرىسىنىڭ رۇقىيە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق» دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 2276-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2201-ھەدىس].

    رۇقىيە ئوقۇغۇچىنىڭ نىيىتى توغرا بولۇش،  مۇسۇلمان قېرىندىشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىش كېرەك، ھەق ئېلىشنى ئاساسى مەقسەت قىلماسلىق كېرەك، شۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ ئوقۇغان رۇقىيەسى مەنپەئەتكە يېقىن بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ "ئىبنى جىبرىين پەتىۋالىرى" لۇئلۇئ ئەلمەكىن" ناملىق كىتاب22-بەت.