جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئاجرىشىش قەغىزىگە ئىمزا قىلىش تالاق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟

سۇئال

    مەھكىمىدىن ئەر كىشىگە ئاجرىشىش توغرىسىدىكى ئانكىت قەغىزى بېرىلگەن بولسا، ئۇنىڭدا: ئايالىمنى تالاق قىلدىم دەپ يېزىلغان بولسا، ئەر ئۇنىڭغا ئىمزا قىلغان بولسا، بۇ تالاق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنداق، ئانكىت قەغىزىگە ئايالنىڭ ئىسمى يېزىلغان بولسا تالاق بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ شەيخ ئىبنى جىبرىين