ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەۋرەت ۋە قولتۇقنى تازىلاشنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت توغرىسىدا

23-08-2024

سۇئال 202827

سۈننەت قىلىش ۋە قولتۇقنىڭ تۈكىنى تازىلاشتىن بولغان ھېكمەت نېمە؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە نېمە بىلەن ئالاتتى؟، ئۇنى قىرقىۋېتىش كۇپايە قىلامدۇ؟ ياكى چوقۇم تولۇق ئېلىش كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ھەدىس سۈننەت قىلىش ۋە قولتۇقنىڭ تۈكىنى تازىلاشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئون تۈرلۈك ئىش ئىسلام تەبىئىتىدىن: خەتنە قىلىش، سۈننەت قىلىش، تىرناقلىرىنى ئېلىش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى ئېلىش ۋە بۇرۇتنى قىسقارتىش قاتارلىقلار.» [بۇخارى رىۋايىتى5889-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 257-ھەدىس].

    بۇ ئىككى ئورۇننىڭ تازىلاشتىن بولغان ھېكمەت-بۇنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر- مۇكەممەل پاكىزلىقنى ھاسىل قىلىش، ۋاقتىدا ئېلىپ تۇرمىسا ئۇ ئورۇندىن چېقىدىغان سېسىپ پۇراقلارنى يوق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھېكمەتلەر ۋە پايدىلار ئۈچۈندۇر.

   ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەبىئىي خىسلەتكە يەنە دىنى ۋە دۇنيالىق پايدا-مەنپەئەتلەر ئالاقىدار بولىدۇ، بۇ ئىزدىنىش ئارقىلىق بىلىنىدۇ، ئۇ مەنپەئەتلەرنىڭ جۈملىسىدىن: ھەيئىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش، بەدىنىنى ئومۇمى ۋە خۇسۇسىي تەرەپلەردىن تولۇق پاكىزلاش، چوڭ-كېچىك تەرەتتىن ساقلىنىش، بۇ ئورۇنلاردىن چىقىدىغان سېسىق پۇراقلارنى يوق قىلىش ئارقىلىق تەڭ-تۇشلىرى ۋە ئارىلاشقان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش، ئاتەشپەرەس، يەھۇدى، خرىستىئان ۋە بۇتقا چوقۇنىدىغان كاپىرلارنىڭ ئالامىتىنىڭ قارشىسىنى قىلىش، شەرىئەتنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇش، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتتى دېگەن گۈزەللىكنى مۇھاپىزەت قىلىش يۇقىرىدا بايان قىلىنغان خۇسۇسىيەتلەرنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ خۇددى ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ شەكلىڭلارنى گۈزەل شەكىلدە ياراتتى، بۇنى پاسكىنىلىق ۋە ناچار ئىشلار بىلەن سەتلەشتۈرىۋەتمەڭلار ياكى گۈزەللىكىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇشنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار دېيىلگەندەك بولدى، بۇنى مۇھاپىزەت قىلىش بولسا تەلەپ قىلغان يول بويۇنچە ئۆزىنىڭ ئېسىللىكىنى مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن بولىدۇ، چۈنكى ئىنسان گۈزەل شەكىلدە نامايەندە بولسا، ئىنساننىڭ نەپسى ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ، سۆزىنى قوبۇل قىلىدۇ، پىكىر-قارىشىنى ماختايدۇ، ئۇنىڭ ئەكسى بولسا ئەكسى بىلەن بولىدۇ". ["پەتھۇل بارىدىن ئېلىندى"].

    ئىككىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان نەرسە بولسا چاچ ئېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇستىرا ئېدى.

   جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئۇرۇشتا بولغان ئىدۇق، مەدىنىگە قايتىپ كەلگەن ۋاقتىمىزدا ئۆيگە كىرگىلى ماڭساق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بىر ساقلاڭلار، كەچتە خۇپتەندىن كېيىن كىرەيلى، ئاڭغىچە ئاياللار چاچلىرى تاراپ، سۈننەت قىلىپ تەييار بولسۇن» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 5079-ھەدىس. مۇسلىم  رىۋايىتى 715-ھەدىس].

   ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "پەتھۇل بارىدا" مۇنداق دەيدۇ: "ئاياللار ئەرلىرى سەپەردىن ياكى ئۇرۇشتىن قايتىپ كېلىپ بولغىچە ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ سۈننەت قىلىپ چاچلىرىنى تاراپ تەييارلىق قىلسۇن دېمەك، بۇنىڭدىن ئۇستۇردىن باشقا نەرسىدە سۈننەت قىلسا بولمايدۇ دېگەن ئىپادىلەنمەيدۇ".

   خۇبەيب ئىبنى ئەدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ۋەقەلىكىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: قۇرەيشلەر ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە توپلانغاندا، ھارىسنىڭ بەزى قىزىدىن سۈننەت قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇستىرا ئارىيەت سورىغاندا ئۇلار ئارىيەت بەرگەن". [بۇخارى رىۋايەت 3989-ھەدىس].

  مەئمەر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىنادا ئەكەلگەن ھەدىيە ئۇلاغلىرىنى بوغۇزلاپ بولغاندىن كېيىن مېنى چېچىنى ئىلىپ قويۇشقا بۇيرىدى، مەن ئۇستىرىنى ئېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ چېچىنى ئالاي دەپ تۇرسام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ چىرايىمغا بىر قاراپ ماڭا مۇنداق دېدى: «ئاللاھنىڭ رەسۇلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇلىقىنىڭ يۇمشۇقىدىن ساڭا ئىمكانىيەت بەردى، ھالبۇكى سېنىڭ قولۇڭدا ئۆستۈر بار». ["مۇسنەد ئىمام ئەھمەد" 26705-ھەدىس].

    ئۈچىنچى: سۈننەت بويۇنچە ئەۋرەتنىڭ تۈكى چۈشۈرۈش، قولتۇقنىڭ تۈكىنى بولسا يۇلۇشتۇر، ئەگەر قىسقارتىپ قالسىمۇ بولىدۇ لېكىن ئۇ سۈننەتنىڭ خىلاپىدۇر.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىش مۇستەھەپ، چۈنكى ئۇ ئىسلامى تەبىئەت، ئالماي قويۇش بەك سەت ئىش، يوق قىلىش ياخشى بولىدۇ، قايسى نەرسە بىلەن ئالسا بولىدۇ، چۈنكى مەقسەت يوق قىلىشتۇر. ئىمام ئەھمەدكە: سىلىچە كىشى قايچا بىلەن سۈننەت قىلسا توغرا بولامدۇ؟ دېگەندە، ئىمام ئەھمەد: ئاللاھ خالىسا كۇپايە قىلىشنى ئۈمىت قىلىمەن دېگەن. ["ئەلمۇغنى" 1-توم 65-بەت].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سۈننەت قىلىش بولسا ئەرەپچىدە "ئىستىھداد" دەپ ئاتالدى چۈنكى ئۇ ئىش ئۇستىرا قاتارلىق تۆمۈر نەرسىلەر بىلەن بولىدۇ، بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت شۇ ئورۇننى پاكىزلاشتىن ئىبارەتتۇر، ئەڭ ياخشىسى چۈشۈرۈشتۇر، قىسقارتسا ياكى يۇلسىمۇ باشقا نەرسە بىلەن ئالسىمۇ توغرا بولىدۇ، يۈنۈس ئىبنى ئابدۇل ئەئلا مۇنداق دەيدۇ: ئىمام شاپىي رەھىمەھۇللاھنىڭ يېنىغا كىرسەم يېنىدا قولتۇقنى چۈشۈرىدىغان نەرسە بار ئىكەن. ئىمام شاپىئى مۇنداق دېدى: "يۇلۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ئۇنىڭ ئاغرىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن". [نەۋەۋىينىڭ: "مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 3-توم 149-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەبىئى ھالەتتىكى سۈننەتلەر
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش