ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاستىرنومىيە ئالىملىرىنىڭ گېزىتتە ئىلان قىلغان خەۋىرىگە كۆرە كۈن تۇتۇلۇش نامىزى ئادا قىلىمىزمۇ؟، باشقا بىر شەھەردە كۈن تۇتۇلسا بىزمۇ كۈن تۇتۇلۇش نامىزى ئادا قىلىمىزمۇ ياكى كۈن تۇتۇلغاننى كۆزى بىلەن كۆرگەنلەرنىڭ ئوقۇشى ۋاجىپ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەردە كۈن تۇتۇلغاندا بۇيرۇلغان ناماز ئوقۇش، دۇئا قىلىش، ئاللاھنى ياد قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئادا قىلىش مۇسۇلمانلار كۈننىڭ ياكى ئاينىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرگەندە بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن قۇياش بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولغان ئىككى ئالامەتتۇر، ئۇ ئىككىسى بىرەر شەخسنىڭ ۋاپات بولىشى ياكى دۇنياغا كېلىشى بىلەن تۇتۇلمايدۇ، لېكىن ئاللاھ تائالا بۇ ئىككىسىنى بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ، شۇنداق ئەھۋالنى كۆرسەڭلار، سىلەر كۆرگەن نەرسە ئېچىلغانغا قەدەر ناماز ئادا قىلىپ ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار».
يەنە بىر لەپزىدە: «شۇنداق ئىشنى كۆرسەڭلەر، ئاللاھنى ياد قىلىش، دۇئا قىلىش ۋە ئىستىغپار ئېيتىپ تەۋبە قىلىشقا ئالدىراڭلار» دەپ كەلگەن.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۈن تۇتۇلغاندا ناماز ئادا قىلىش، دۇئا قىلىش، ئاللاھنى ياد قىلىش ۋە ئىستىغپار ئېيتىپ، تەۋبە قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئاستىرنومىيە ئالىملىرىنىڭ كۈن تۇتۇلىدۇ دېگەن خەۋىرى بىلەن ئەمەس بەلكى كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرۈشكە ئالاقىدار قىلغان.
بارلىق مۇسۇلمانلارغا ۋاجىپ بولىدىغىنى سۈننەتكە ئەمەل قىلىپ ئۇنىڭغا زىت كېلىدىغان ھەرقانداق ئىشلاردىن چەكلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر.
بۇنىڭدىن شۇ بىلىنىدۇكى، ئاستىرنومىيە ئالىملىرىنىڭ خەۋىرىگە تايىنىپ كۈن تۇتۇلۇش نامىزى ئادا قىلغانلار خاتالاشقان ۋە سۈننەتكە زىت ئىش قىلغان بولىدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۆز شەھىرىدە كۈن تۇتۇلمىغان كىشىلەر ئۈچۈن كۈن تۇتۇلۇش نامىزى ئادا قىلىش يولغا قويۇلمىغان، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۈن تۇتۇلغاندا ناماز ئادا قىلىش، دۇئا قىلىش، ئاللاھنى ياد قىلىش ۋە ئىستىغپار ئېيتىپ، تەۋبە قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئاستىرنومىيە ئالىملىرىنىڭ كۈن تۇتۇلىدۇ دېگەن خەۋىرى بىلەن ئەمەس ۋە باشقا بىر شەھەردە كۈننىڭ تۇتۇلۇشى بىلەن ئەمەس بەلكى كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرۈشكە ئالاقىدار قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانتَهُوا تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» [سۈرە ھەشىر 7-ئايەت].
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ تەرجىمىسى: «سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر» [سۈرە ئەھزاب 21-ئايەت].
مەدىنىدە كۈن تۇتۇلغاندا مەدىنە خەلقى بۇنى كۆردى، ئۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەر بىلەن بىرگە كۈن تۇتۇلۇش نامىزى ئادا قىلغان.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ تەرجىمىسى: «پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە يولۇقۇشتىن، ياكى (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن» [سۈرە نۇر 63-ئايەت].
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بەكراق بىلگۈچى، كىشىلەرگە نەسىھەت قىلغۇچى ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى يەتكۈزگىچىدۇر. ئەگەر كۈن تۇتۇلۇش نامىزى ئاستىرنومىيە ئالىملىرىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە ياكى باشقا يۇرتلاردا يۈز بېرىپ ئۇنى شۇ يۇرتتىكى كىشىلەردىن باشقىلار كۆرمىسىمۇ باشقا يۇرتتىكىلەرنىڭ ئادا قىلىشى كېرەك بولغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلىپ بېرەتتى ۋە ئۈممەتنى بۇنىڭغا باشلاپ قوياتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنى بايان قىلمىغان بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىنى بايان قىلغان، ئۇممەتنى كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرۈپ ناماز ئادا قىلىشقا يېتەكلىگەن، بۇنىڭدىن كۈن تۇتۇلۇش نامىزىنى كۈن تۇتۇلغاننى كۆرگەن ياكى كۈن تۇتۇلغان يۇرتتا ھازىر بولغان كىشىلەرنىڭ ئادا قىلىدىغانلىقى بىلىندى. ئاللاھ تائالا توغرا ئىشقا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.