ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆز تېگىش دېگەن نېمە؟ مەن بۇ تور بەتتە بۇ سۆزنى كۆپ ئوقۇدۇم چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئىلتىجا قىلىمەن؟.
كۆز تېگىش ھەقىقەتتۇر، بۇ شەرئى دەلىل بىلەن ۋە ئەمەلىي تەجىربە بىلەن ئىسپاتلانغان، بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش: ئاللاھ تائالاغا تايىنىش، ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىش، ئەتتىگەنلىك-كەچلىك زىكىرلەرنى لازىم تۇتۇش، شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن پاناھلىق تېلەش دۇئالىرىنى ئوقۇش بىلەن بولىدۇ، كۆز تېگىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىلاجىنى قىلىش رۇقىيە ئوقۇش، كۆزى يامان ئادەمنى يۇيۇندۇرۇپ ئۇ سۇنى كۆز تەككەن ئادەمنىڭ ئۈستىگە قۇيۇش بىلەن بولىدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكى جاۋاپتا بايان قىلىنىدۇ.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
تۆۋەندە كۆز تېگىشكە ئالاقىدار بولغان پەتىۋا ۋە بەزى مەسىلىلەرنى بايان قىلىمىز، ئاللاھ تائالادىن ئۇنى مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشنى سورايمىز.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: كۆز تېگىشنىڭ ھەقىقىتى قانداق؟ ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان ۋاقتىدىكى يامانلىقىدىن پاناھ تېلەيمەن»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە ھەدىسنىڭ مەنىسى: «قەبرىگە كىرگەنلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى كۆز تېگىش سەۋەبىدىن بولغان»؟، ئىنسان بىر كىشىنىڭ ھەسەت قىلغانلىقىدا شەكلىنىپ قالسا، مۇسۇلمانغا نېمە قىلىش ۋە نېمە دېيىش كېرەك بولىدۇ؟، كۆزى يامان كىشىنىڭ يۇيۇنغان سۈيىنى ئىلىپ كۆز تەككەن كىشىگە شىپالىق قىلماقچى بولساق، ئۇ ئادەم سۇنى ئېچەمدۇ ياكى يۇيۇنامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: كۆز دېگەن ئەسلىدە بىر كىشىگە كۆزى ئارقىلىق زىيان يەتكۈزگەنگە ئىشلىتىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەسلى: كۆزى يامان كىشىنىڭ بىر نەرسىدىن ئەجەپلىنىپ، ئۇنىڭغا پەسكەش نەپسىنى ئەگەشتۈرىشىدىندۇر، ئاندىن ئەجەپلەنگەن نەرسىگە قاراشقا كۆز زەھىرىنى يۈرگۈزىدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەسەتخوردىن پاناھلىق تىلەشكە بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ تەرجىمىسى: «ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان ۋاقتىدىكى يامانلىقىدىن پاناھ تېلەيمەن» دېگىن، ھەر قانداق كۆزى يامان ئادەم ھەسەتخور بولىدۇ، ھەر قانداق ھەسەتخورنىڭ كۆزى يامان بولمايدۇ، ھەسەت قىلغۇچى كۆزى يامانلىقنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن پاناھلىق تېلەشتىن ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلىشىدىن پاناھلىق تېلەش ئومۇمراق بولىدۇ. بۇ ھەسەتخور ۋە كۆزى ياماننىڭ ئىچىدىن ھەسەت قىلىنغۇچى ۋە كۆزى تېگىدىغان كىشىنىڭ تەرىپىگە چىققان بىر ئوق بولۇپ، بۇ ئوق بەزى ۋاقىتتا تېگىدۇ، بەزى ۋاقىتتا خاتا كېتىپ تەگمەيدۇ، ئەگەر ئوق ئۇنىڭدىن ساقلىنىش بولمىغان ئوچۇق ھالەتتە تەگسە ئۇنىڭدا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭدىن ھەزەر قىلغان ۋە تولۇق قوراللانغان ھالىتىگە تەگسە ئۇنىڭغا كىرمەيدۇ، تەسىرمۇ كۆرسىتەلمەيدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئوق ئۆز ساھىبىغا قايتىدۇ”. [“زادىل مىئادتىن ئېلىندى”].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كۆز تېگىشنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھەدىسلەر بايان قىلىندى، ئۇ ھەدىسلەردىن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى كۆز تېگىشتىن رۇقىيە ئوقۇشقا بۇيرۇتتى» [بۇ ھەدىسنى مۇسلىم، ئەھمەد، تىرمىزى قاتارلىقلار بايان قىلغان تىرمىزى سەھىھ دېگەن. ]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۆز تېگىش ھەقتۇر، ئەگەر تەقدىرگە بىر نەرسە ئىلگىرى بولىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە كۆز تېگىش ئىلگىرى بولاتتى، يۇيۇنۇش تەلەپ قىلىنسا يۇيۇنۇپ بېرىڭلار». [شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ” سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى” دا 1251- كەلتۈرگەن].
ئەسما بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇئەنھا: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! جەپەرنىڭ بالىلىرىغا كۆز تېگىپتۇ، ئۇلارغا رۇقىيە ئوقۇيمىزمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، ئەگەر تەقدىرگە بىر نەرسە ئىلگىرى بولىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە كۆز تېگىش ئىلگىرى بولاتتى» دېگەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. تىرمىزى 2059 -ھەدىستە سەھىھ دەپ رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «كۆزى يامان ئادەم تاھارەت ئىلىشقا بۇيرىلاتتى ئاندىن ئۇ سۇ بىلەن كۆز تەككەن كىشى يۇيۇناتتى» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ”ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا” كەلتۈرگەن].
سەھىل ئىبنى ھەنىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چىقىپ ئۇ كىشى بىلەن مەككە تەرەپكە مېڭىپ جۆھپەنىڭ خەرار جىلغىسىغا كەلدى، سەھىل ئىبنى ھەنىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يۇيۇنغان ئېدى، بۇ كىشىنىڭ رەڭگى ئاق، كېلىشكەن ئادەم ئېدى، ئۇ يۇيىنىۋاتقاندا ئۇنىڭغا ئەدى ئىبنى كەئەبنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان ئامىر ئىبنى رەبىيئە قارىدى ۋە: مەن بۈگۈنگىچە بۇنداق تېرىسى گۈزەل بىرنى كۆرمەپتىكەنمەن دېدى، شۇئاندا سەھىل يىقىلدى، ئۇلار سەھەلنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلتۈرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سەھىلگە شىپالىق تەلەپ قىلسىلا، بېشىنى كۆتۈرمەيۋاتىدۇ دېيىشتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ ئىشتا بىرەرسىدىن گۇمان قىلامسىلەر؟» دېدى، ئۇلار: سەھىل يۇيىنىۋاتقاندا ئۇنىڭغا ئامىر ئىبنى رەبىئە قارىغان ئېدى دېيىشتى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئامىرنى چاقىرتىپ ئۇنىڭ قاتتىق سۆز قىلىپ: «نېمە ئۈچۈن بىرىڭلار ئۆزىنىڭ قىرىندىشىنى ئۆلتۈرىدۇ؟ ئۇنىڭدىن ئەجەبلىنىدىغان، ھەيران قالىدىغان بىر ئىشنى كۆرسە بەرىكەت تىلىسە بولمامدۇ؟» دەپ، ئاندىن ئامىرغا: ئۇنىڭ ئۈچۈن يۇيۇنغىن دېدى، ئامىر يۈزىنى، ئىككى قولىنى، ئىككى جەينىكىنى، ئىككى تېزىنى، ئىككى پۇتىنىڭ ئەتراپىنى يۇدى، ئاستى كىيىمىنى بىر قاچىغا سالدى، ئاندىن ئۇنىڭغا تاھارەت ئالغان سۇنى توكتى، قاچىغا قۇيغان سۇ بىلەن كەينى تەرەپتىن سەھىلنىڭ بېشىنى ۋە دۈمبىسىنى يۇدى ۋە ئاشقان سۇنى بەدىنىگە تۆكتى، شۇنىڭ بىلەن سەھىل ئورنىدىن تۇرۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كىشىلەر بىلەن بىرگە يۈرۈپ كەتتى». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 15550-ھەدىس. ئىمام مالىك رىۋايىتى1811-ھەدىس. نىسائى ۋە ئىبنى ھىببان كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى “مىشكاتىل مەسابىھ” تا سەھىھ دەپ 4562-ھەدىستە كەلتۈرگەن].
كۆپچىلىك ئالىملار يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋە باشقا ھەدىسلەر بىلەن كۆز تېگىشنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، بۇ ئەمەلىي ۋاقىئەنى بىلدۈرىدۇ.
ئەمما سىز زىكىر قىلغان ھەدىس: «قەبرىگە كىرگەنلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى كۆز تېگىش سەۋەبىدىن بولغان» بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، لېكىن “نەيلۇل ئەۋتار”نىڭ ساھىبى زىكىر قىلغان، بەززار ھەسەن ئىسناد بىلەن جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ قازا ۋە قەدەردىن كېيىن ئۇممىتىمدىن ئەڭ كۆپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلار كۆز تېگىش بىلەن بولىدۇ».
مۇسۇلمان كىشىگە ئۆزىنى جىن ۋە ئىنسانلارنىڭ قوغلاندىلىرىدىن بولغان شەيتانلارنىڭ شەررىدىن ئاللاھ تائالاغا بولغان كۈچلۈك ئىمان، ئاللاھقا تايىنىش، تەۋەككۇل قىلىش، ئىلتىجا قىلىش، يالۋۇرۇش، ھەدىستە بايان قىلىنغان پاناھلىق دۇئالىرى بىلەن پاناھلىنىش، پەلەق، ناس، ئىخلاس ۋە پاتىھە سۈرىلىرى، ئايەتەل كۇرسى، پاناھلىق دۇئاسى «ئاللاھنىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى بىلەن ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تېلەيمەن»، «ئاللاھنىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى بىلەن ئاللاھنىڭ غەزىبىدىن، ئازابىدىن، بەندىلىرىنىڭ يامانلىقىدىن، ھازىر بولغان شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھلىق تېلەيمەن،» دېگەن دۇئالار.
ئاللاھنىڭ بۇ ئايىتى: حَسْبِيَ اللَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ تەرجىمىسى: «سەن: ئاللاھ ماڭا كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر دېگىن». ئۇنىڭدىن باشقا شەرئى دۇئالارنى كۆپ ئوقۇش بىلەن ساقلىنىش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ بىرىنچى جاۋاپتا زىكىر قىلغان سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر.
ئىنسان ئۆزىگە كۆز تەككەننى بىلسە ياكى بىرەرسىنىڭ كۆزى
تەككەنلىكىدىن شەك قىلسا، كۆزى يامان كىشى قېرىندىشى ئۈچۈن يۇيۇنۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ سۇ تولدۇرۇلغان بىر داس كەلتۈرىلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالقىنىنى كىرگۈزۈپ سۇ ئىلىپ ئېغىزىنى چايقاپ، ئاندىن ئۇنى قاچىغا سىلكىيدۇ، يۈزىنى قاچىغا يۇيىدۇ، ئاندىن سول قولىنى كىرگۈزۈپ ئوڭ تېزىغا قاچىغا قىلىپ سۇ قويىدۇ، ئاندىن ئوڭ قولىنى كىرگۈزۈپ سول تېزىغا سۇ قويىدۇ، ئاندىن ئاستى كىيىمىنى يۇيۇپ ئۇنىڭ سۈيىنى كۆز تەككەن كىشىنىڭ كەينى تەرىپىدىن بېشىغا بىر قېتىم قۇيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شىپا تاپىدۇ”. [“سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى” 1- توم 186-بەت. ]
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: ئىنسانغا كۆز تېگەمدۇ؟، بۇنىڭ ئىلاجى قانداق؟، بۇنىڭدىن ساقلىنىش تەۋەككۇلغا زىت كېلەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: “بىزنىڭ قارىشىمىزدا كۆز تېگىش ھەق بولۇپ ئۇ شەرىئەت بىلەن ۋە ئەمەلىي ۋاقىئە بىلەن ئىسپاتلانغان. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَإِنْ يَكَادُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَارِهِمْ تەرجىمىسى: «كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (ساڭا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ قاتتىقلىقىدىن يامان)كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ.» [سۈرە قەلەم 51-ئايەت].
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقىلار بۇ ئايەت تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: “ئۇلار ساڭا قەست قىلىشقا كۆزلىرىدىن ياردەم ئالىدۇ”. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۆز تېگىش ھەقتۇر، ئەگەر تەقدىرگە بىر نەرسە ئىلگىرى بولىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە كۆز تېگىش ئىلگىرى بولاتتى، يۇيۇنۇش تەلەپ قىلىنسا يۇيۇنۇپ بېرىڭلار» [مۇسلىم رىۋايىتى].
ئۇنىڭدىن باشقا نىسائى ۋە ئىبنى ماجە قاتارلىق بايان قىلغان سەھىل ئىبنى ھەنىپنىڭ يۇيىنىۋاتقاندا كۆز تەككەن ھەدىسى بار، ئەمەلىيەت بۇنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇنى ئىنكار قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ.
كۆز تەككەن ۋاقتىدا شەرئى ئىلاجلار قىلىنىدۇ ئۇ:
رۇقىيە دۇئاسى ئوقۇش : پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رۇقىيە دۇئاسى پەقەت كۆز تەككەن ۋە قىزىتمىغا ئوقۇلىدۇ» [تىرمىزى رىۋايىتى 2057-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى3884-ھەدىس].
جەبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا رۇقىيە ئوقۇپ مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ساڭا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن، ھەر نەپسىنىڭ يامانلىقىدىن، ھەسەتخورنىڭ كۆزىدىن ساڭا رۇقىيە ئوقۇيمەن، ساڭا ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ساڭا رۇقىيە ئوقۇيمەن».
يۇيۇنۇشنى تەلەپ قىلىش: ئىلگىرىكى ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئامىر ئىبنى رەبىئەنى يۇيۇنۇشقا بۇيرىغاندەك، يۇيۇنغان سۇنى كۆز تەككەن كىشىنىڭ ئۈستىگە تۆكىدۇ.
كۆزى يامان كىشىنىڭ چوڭ-كېچىك تەرىتىدىن ئېلىش دېگەن سۆزنىڭ ئاساسى يوق، ئۇنىڭ ئىزىدىن بىر نەرسە ئېلىشنىڭمۇ ئەسلى يوق، يۇقىردىكى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، كۆزى يامان كىشىنىڭ ئەزالىرىنى يۇيۇپ، ئاستى كىيىمىنى ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئوخشاش دوپپىسى، غۇترىسى ۋە كۆينىكىنىڭ ئىچىنى يۇيۇش قاتارلىقلارنى قىلسا بولىدۇ.
توغرىسىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
دەسلەپتە كۆز تېگىشتىن ساقلانسا بولىدۇ، بۇ تەۋەككۇل قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ تەۋەككۇل قىلىشتۇر، چۈنكى تەۋەككۇل دېگەن دۇرۇس بولغان سەۋەپلەرنى ياكى بۇيرۇلغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا تايىنىشتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ھەسەن بىلەن ھۈسەينگە پاناھلىق تېلەش دۇئاسىنى ئوقۇپ مۇنداق دەيتتى:«ئاللاھنىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى بىلەن بارلىق شەيتانلاردىن، چەرەندە-پەرەندىلەردىن، كۆزى ياماننىڭ كۆزىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلەيمەن» [تىرمىزى رىۋايىتى 2060 -ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4737-ھەدىس].
يەنە مۇنداق دېگەن: «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسھاق ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن مۇشۇنداق دۇئا قىلاتتى» [بۇخارى رىۋايىتى3371 -ھەدىس. “شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى” 2-توم 117-118-بەت].
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 130786– نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.