ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بىرىڭلارنى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى مېھمان قىلسا، دەستۇرخانغا ئەكەلگەن يېمەكتىن يىسۇن ئۇنىڭ كېلىش مەنبىيىنى سورىمىسۇن، ئۇسسۇزلۇق ئەكەلسە ئىچسۇن، ئۇنىڭ كېلىش مەنبىيىنى سورىمىسۇندەيدۇ. [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد 8933- نومۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلغان. ئىمام ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 627- ھەدىستە بايان قىلغان].
شەيخ ئەلبانىي مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، دىندا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىدىغان مۇسۇلمان كىشىنىڭ مال-مۈلكى ھالال دەپ قارىلىدۇ. ئەمما كاپىرلار ئارىسىدا ياشايدىغان كىشىلەر ۋە شۇنىڭدەك ھالال ياكى ھارام بىلەن ھېسابلاشمايدىغان شەكلىك كىشىلەر بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن گۆشلىرى بوغۇزلانغانمۇ ياكى باشقا شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەنمۇ بۇنى سوراش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. [سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى627 -ھەدىس].