ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە يات ئايال بىلەن تىلىپۇن ئارقىلىق جىنسى ھەرىكەت قىلغان كىشى تەۋبە قىلسا كۇپايە قىلامدۇ ياكى كاپارەتمۇ كىتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: روزا تۇتۇشتىن بولغان ھېكمەت پەقەتلا يىمەك-ئىچمەك ۋە جىنسى شەھۋىتىنى تەرك قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالا بۇيرىغاننى قىلىش، بەدەن ئەزالىرىنى ئاللاھ تائالاغا ئاسىي بولىدىغان ئىشلاردىن مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن ھەقىقى تەقۋالىققا يىتىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمْ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان) روزىسى پەرز قىلىندى» [سۈرە بەقەرە 183-ئايەت].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى روزا تۇتۇپ يالغان سۆزلەشنى، ساختا ئەمەللەرنى نادانلىقنى تەرك قىلمىسا ئاللاھ ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىنى تەرك قىلىپ روزا تۇتقىنىنىڭ ھېچ ھاجىتى بولمايدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى6057-ھەدىس].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «بەزى روزى تۇتقۇچىلار بولۇپ ئۇلارنىڭ تۇتقان روزىسىدىن پەقەت ئاچلىق قالىدۇ، كېچىدە قىيامدا تۇرغۇچى بەزى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كېچىدە تۇرغۇنىدىن پەقەت ئۇيقۇسىزلىقىلا قالىدۇ». [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 1690-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ۋە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان ئەسەردە: «روزا تۇتۇش دېگەن پەقەت يېمىك-ئىچمەكتىن چەكلىنىش ئەمەس، لىكىن يالغانچىلىق، باتىل ۋە پايدىسىز سۆز-ھەرىكەتلەرنى تەرك قىلىشتۇر». 50063 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
روزىدارغا مۇھىم بولىدىغان ئىشلاردىن: تۇتقان روزىسىنى ئۆزىنى تەربىيلەشنىڭ، شەھۋېتىنى كۇنتۇرۇل قىلىشنىڭ ۋە ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشقا يەتكۈزىدىغان ۋەسىلە قىلىشقا بەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
ئىككىنچى: بەزى ئالىملار گۇناھ-مەسىيەت پەزىلەتلىك ئورۇن ۋە ماكاندا قىلىنغاندا ئۇنىڭ جىنايىتى زىيادە، قىلمىشى قەبىھ بولىدۇ دەيدۇ.
گۇناھ-مەسىيەتنىڭ ھەممىسى قەبىھ ۋە جىنايەت بولسىمۇ ئۇنىڭ قەبىھلىكى ۋە جىنايىتى رامىزاندا زىيادە بولىدۇ. [بۇ توغرىدا 38213 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن].
ئىنسان رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئاللاھ ئۈچۈن روزا تۇتىدىكەن، ھالال شەھۋېتىدىن چەكلىنىدىكەن بۇنىڭ بىلەن ھەقىقى ئاللاھ ئۈچۈن روزا تۇتقان بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «بەندەم مەن ئۈچۈن روزا تۇتۇپ ئۆزىنىڭ يېمىك-ئىچمەك ۋە شەھۋېتىنى تەرك قىلدى، روزىنىڭ مۇكاپىتىنى مەن بېرىمەن، بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە بولىدۇ» [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. ھەدىسنىڭ لەپزى بۇخارىيدا 1894-ھەدىستە بايان قىلىنغان].
رامىزاندا ئۆزىنىڭ ھالال شەھۋېتىدىنمۇ چەكلەنگەن تۇرسا، چەكلەنگەن يات ئايال بىلەن پاسكىنا ئىشلارنى قىلىغان كىشىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟!. شۇنىڭ ئۈچۈن، سوئالدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ سالغان كىشى بولسا، دەرھال ئاللاھ تائالاغا ھەقىقى تەۋبە قىلسۇن. ھەقىقى تەۋبە قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىش، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىش، كەلگۈسىدە بۇ خاتالىققا قەتئى قايتماسلىق ئىرادىسىگە كىلىش، مۇشۇنداق چەكلەنگەن ئاياللارغا ئۇلىشىدىغان بارلىق ۋاستىلارنى ئۈزۈپ تاشلاش زۆرۈر بولىدۇ.
مانا بۇ ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشى، ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقىنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ئۈمىد قىلىنىدىغان ھەقىقى تەۋبە بولىدۇ.
ئۈچىنچى: بۇ خاتالىقنىڭ روزىغا بولغان تەسىرى.
ئەگەر ئۇ ئىش مەنىينىڭ چۈشىشىگە ئىلىپ بارسا، روزىسى بۇزىلىدۇ، ئۇ كۈننىڭ ئورنىغا بىر كۈن قازا روزا تۇتۇش كېرەك بولىدۇ، كاپارەت كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا كاپارەت دېگەن رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كىشىگە كېلىدۇ. 38074 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئەمما ئۇ ئىش مەنىي چۈشۈش باسقۇچىغا ئېلىپ بارمىغان بولسا، روزىسى توغرا بولىدۇ. بۇ كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا سەمىمى تەۋبە قىلىشى كۇپايە قىلىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 232352 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ دېگەننىڭ مەنىسى: ئۇ كىشى يەنە بىر قېتىم ئۇ كۈننىڭ روزىسىنى قايتىدىن تۇتۇشقا تەكلىپ قىلىنمايدۇ، لىكىن ئۇ كىشىنىڭ روزىسى شۇنچىلىك بولىدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلغان روزىدىن يىراقتا بولىدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى روزا تۇتۇپ يالغان سۆزلەشنى، ساختا ئەمەللەرنى نادانلىقنى تەرك قىلمىسا ئاللاھ ئۈچۈن ئۇ كىشىنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىنى تەرك قىلىپ روزا تۇتقىنىنىڭ ھېچ ھاجىتى بولمايدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 1804-ھەدىس].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەزى روزى تۇتقۇچىلار بولۇپ ئۇلارنىڭ تۇتقان روزىسىدىن پەقەت ئاچلىق قالىدۇ، كېچىدە قىيامدا تۇرغۇچى بەزى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كېچىدە تۇرغۇنىدىن پەقەت ئۇيقۇسىزلىقى قالىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 8693 -ھەدىس. ئىبنى ھىببان سەھىھ دەپ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىنىڭ 8-توم 257-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "تەرغىبنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"1-توم 262-بەتتە كەلتۈرگەن].
93723 - ۋە 50063 - نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.