ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
مېيت ئەھلىنىڭ مېيىتكە ياش تۆكۈپ يىغلىغانلىقى سەۋەبىدىن مېيت ئازابلىنامدۇ؟ بۇ ئىش مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بولسىمۇ شۇنداق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
مېيت ئەھلىنىڭ مېيىتكە ياش تۆكۈپ يىغلىغانلىقى سەۋەبىدىن مېيىتنىڭ ئازابلىنىدىغانلىقىنى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىندى، ئۇ ھەدىسلەردىن: «ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا قاراپ يىغلىغاندا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئەي قىزىم! توختا، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: مېيت ئەھلىنىڭ مېيىتكە ياش تۆكۈپ يىغلىغانلىقى سەۋەبىدىن مېيت ئازابلىنىدۇ» دېگەنلىكى بىلمەمسىز؟ دېگەن. [ مۇسلىم رىۋايىتى 927-ھەدىس].
يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مېيىتنىڭ يېنىدا يىغلىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىبراھىم ۋاپات بولغاندا يىغلىغانلىقى بايان قىلىنغان» [ بۇخارى رىۋايىتى 2 -توم 105 -بەت . مۇسلىم رىۋايىتى 7 -توم 76 -بەت.]
ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىدىن بىرى ۋاپات بولغاندا دەپنە قىلىش جەريانىدا يىغلىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىس.» [ بۇخارى رىۋايىتى 1258 -ھەدىس].
ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەۋېرلىرىدىن بىرى ۋاپات بولغاندا يىغلىغان». [بۇخارى رىۋايىتى 1284 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى. 923-ھەدىس].
مەيىتكە يىغلاشتىن چەكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىس بىلەن يىغلاشقا رۇخسەت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىنى قانداق مۇۋاپىقلاشتۇرىمىز؟ دېيىلسە، بۇنىڭ جاۋابى: بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزى بايان قىلىپ بەرگەن.
ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىزلىرىدىن بىرى ۋاپات بولغاندا يىغلىغان، سەئەد ئىبنى ئۇبادە رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى! نېمە ئىش بۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بۇ رەھمەت، ئاللاھ بۇنى بەندىلىرىنىڭ دىلىدا قىلدى، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرىدىن رەھىمدىل كىشىلەرگە رەھمەت قىلىدۇ دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى 7377 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 923-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: سەئەد رەزىيەللاھۇئەنھۇ يىغلاشنىڭ ھەممە تۈرىنى ھارام دەپ ئويلاپ قالغان، كۆزنىڭ يېشىنى ھارام دەپ ئويلىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۇنتۇپ قالدى دەپ ئويلاپ ئەسلەتكەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: كۆزىدىن ياش تۆكۈش ۋە يىغلاشنىڭ ئۆزى ھارام ئەمەس، مەكرۇھمۇ ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ رەھمەت ۋە پەزىلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەقىقەتەن ھارام بولغىنى ۋارقىراپ، جارقىراپ، ئۆزىنى كاچاتلاپ يېغلاشتۇر، بۇ ئىككى خىل ھالەتتە ياكى ئۇنىڭ بىرى بىلەن يىغلاش ھارامدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كۆزنىڭ يېشى بىلەن، دىلنىڭ قايغۇرىشى بىلەن ئازابلىمايدۇ، لېكىن مۇشۇ تىل بىلەن ياكى ئازابلايدۇ ياكى رەھمەت قىلىدۇ».
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن: " ۋاپات بولغان كىشىگە ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ھەمشىرىلىرى يىغلىسا، ئۇنىڭدا مەيىتكە بىر خاتالىق بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "كۆزنىڭ يېشى بىلەن، دىلنىڭ قايغۇرىشى بىلەن خاتالىق بولمايدۇ، لېكىن ۋارقىراپ، جارقىراپ، ئۆزىنى كاچاتلاپ يىغلاشتىن چەكلەنگەن". [ "پەتىۋالار توپلىمى" 24 -توم 380 -بەت.]
ئەمما مېيت ۋاپات بولۇپ مەلۇم ۋاقىتلار ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا يىغلىسا خاتا بولمايدۇ، لېكىن ۋارقىراپ، جارقىراپ، ئۆزىنى كاچاتلاپ يىغلىماسلىق ياكى ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە نارازى بولماسلىق شەرتى بىلەن بولىدۇ.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە يىغلىدى، ئەتراپتىكىلەرمۇ يىغلىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «رەببىمدىن ئانام ئۈچۈن ئىستىغپار ئېيتىشنى رۇخسەت سورىدىم، رەببىم ماڭا رۇخسەت بەرمىدى، مەن ئۇنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىسام ماڭا رۇخسەت بەردى، قەبىرلەرنى زىيارەت قىلىڭلار، ھەقىقەتەن قەبرە زىيارەت قىلىش ئىنسانغا ئۆلۈمنى ئەسلىتىدۇ[. مۇسلىم رىۋايىتى 976 -ھەدىس].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.