ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

سېتىۋېلىشنى بۇيرىغۇچىغا پايدا ئېلىپ سېتىش توغرىسىدا

17-12-2024

سۇئال 81967

بىزنىڭ بىر شىركەت بولۇپ مۇھىم خىزمىتى يىتىم بالىلارنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، ئۇنىڭغا قازىلار ۋە شەرئى مەھكىمە مەسئۇل بولىدۇ، شىركەت يېتىملەرنىڭ ئىقتىسادىنى قەرز بېرىش ۋە تۈرلۈك تىجارەت يوللىرىغا ئىشلىتىش بىلەن گۈللەندۈرىدۇ، بۇ شىركەتنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش يوللىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1-بىر كىشى ئۆي، ماشىنا، ئائىلە سايمانلىرى ۋە زېمىن قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى خالىسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نەرسىلەردىن بىرىنى تاللايدۇ، ئاندىن بۇ شىركەتكە كېلىپ شىركەت ئەزالىرىدىن بىرىنى مۇشۇ نەرسىلەرنى كۆرۈشكە ئەۋەتىدۇ، ئاندىن شىركەت بۇ تاۋارلارنى سېتىۋالىدۇ، ئاندىن بۇنى ھىلىقى سېتىۋېلىشنى مەقسەت قىلىپ شىركەتكە كەلگەن كىشىگە 5% پىرسەنت پايدا ئىلىش بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ قەرزنى ئۆتەشكە سېتىپ بېرىدۇ، بۇ شەكىلدە ئىلىپ بېرىلغان سودىدا جازانىغا چۈشۈپ قالىدىغان ئىش بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

بىرىنچى: يىتىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادلىرىنى كۆپەيتىپ، ئۇلارغا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈش، مەنپەئەتلىك بولغان ياراملىق خىزمەتلەردىندۇر، ئاللاھ تائالادىن بۇ خىزمەتنى قىلغۇچىلارغا ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلىشىنى سورايمىز. بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە بايان قىلغان: «مەن بىلەن يېتىمغا ئىگە بولغۇچى جەننەتتە مۇشۇنداق يېقىن دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى جۈپلەشتۈرۈپ، ئارىسىنى ئازراق ئاچقان دېگەن ھەدىستە بايان قىلىنغان يىتىملارغا ئىگە بولۇشنىڭ جۈملىسىدىندۇر». [بۇخارى رىۋايىتى5304 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2983-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: يىتىمگە ئىگە بولغۇچى دېگەن يېتىمنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئەدەپ-ئەخلاق، تەلىم-تەربىيە قاتارلىق ئىشلىرىغا ئىگە بولغان كىشىدۇر، بۇ پەزىلەت ئۆز ئىقتىسادى بىلەن يېتىمغا ئىگە بولغان ياكى شەرئى ئىگىدارچىلىق بىلەن يېتىمنىڭ مېلى بىلەن ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان كىشىگە ھاسىل بولىدۇ” .

يېتىمنىڭ مېلىنى تىجارەتكە سىلىش توغرىسىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «يىتىملارغا سەدىقە يىدۈرمەستىن ئۇلارنىڭ مىلى بىلەن ئىقتىسادىنى كۆپەيتىڭلار». [دارىقۇتنى رىۋايىتى. بەيھەقى مۇنداق دەيدۇ : بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ بولۇپ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇنىڭغا شاھىت بولىدىغان ھەدىس بايان قىلىنغان. يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆتۈرۈپ مەرپۇ يول بىلەن رىۋايەت قىلىنغان. شەيخ ئەلبانى مەرپۇ ۋە مەۋقۇپ بايان قىلىنغان ھەدىسنى زەئىپ دېگەن. [ “ئىرۋائۇل غەلىيل” 3 -توم 258 -بەت.  ]

ئىككىنچى:  سورالغان سوئالنىڭ شەكلىنى ئالىملار:  “سېتىۋېلىشنى بۇيرىغۇچىغا پايدا ئېلىپ سېتىش” دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ خۇلاسىسى:  بىر كىشى مەلۇم بىر نەرسىنى سېتىۋالماقچى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى مەلۇم بىر كىشىنىڭ يېنىغا بارىدۇ ياكى بىر شىركەتكە ياكى بانكىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئۆزى سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىنىڭ دائىرىسىنى ۋە سۈپىتىنى بېكىتىدۇ ۋە شەخس ياكى شىركەت ياكى بانكا سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇ نەرسىنى ئىككى تەرەپ كېلىشكەن مىقداردا پايدا بېرىپ ئۆزىنىڭ سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ شەكىلدىكى مۇئامىلە پەقەت ئىككى تۈرلۈك شەرت تولۇق بولغاندا دۇرۇس بولىدۇ:

بىرىنچى:  شىركەت بۇ تاۋارنى سېتىشتىن ئىلگىرى بۇنىڭغا ئۆزى ئىگە بولىشى كېرەك، ئۆينى ياكى ماشىنىنى سېتىۋالماقچى بولغان كىشىگە سېتىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن ھەقىقى سېتىۋېلىشى كېرەك.

ئىككىنچى: شىركەت تاۋارنى خېرىدارغا سېتىشتىن ئىلگىرى تاپشۇرۇپ ئېلىشى كېرەك، ھەر نەرسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۇ نەرسىگە قارىتا بولىدۇ، ماشىنىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش بولسا ئۇنى يۆتكەپ ئەكىلىش، ئۆينى تاپشۇرۇپ ئېلىش بولسا ئۇنى بىكارلىتىپ ئاچقۇچىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش بىلەن بولىدۇ.

ئەگەر مۇئامىلىدە بۇ ئىككى شەرت ياكى ئىككىدىن بىرى تېپىلمىسا بۇ مۇئامىلە ھارام بولىدۇ، بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:

بانكا ياكى شىركەت تاۋارنى ئۆزى ئۈچۈن ھەقىقى سېتىۋالمىسا، پەقەت خېرىدار نامىدىن چەك يېزىپ بېرىش بىلەن كۇپايىلەنگەن بولسا، بۇ جازانە شەكىلدىكى قەرز بولىدۇ، چۈنكى ھەقىقەتتە خېرىدارغا ئالىدىغان تاۋارنىڭ پۇلىنى زىيادە قايتۇرۇش بەدىلىگە قەرز بەرگەن بولدى، خۇددى يۈزمىڭنى قەرز بېرىپ يۈز ئون مىڭنى قايتۇرۇپ ئالغانغا ئوخشاش.

ئەگەر تاۋارنى سېتىۋېلىپ تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى سېتىۋەتكەن بولسا، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەكىم ئىبنى ھىزامغا دېگەن سۆزىگە زىت ئىش بولىدۇ: «بىرەر مالنى سېتىۋالساڭ، ئۇنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئالماي تۇرۇپ ساتمىغىن» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 15399-ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى4613 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ “سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى”  342 -كەلتۈرگەن].

زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مالنى سېتىۋالغان ئورۇندىن يۆتكىمەي تۇرۇپ سېتىشتىن چەكلىگەن».  [ دارى قۇتنى رىۋايىتى. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3499 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دەپ “سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا” كەلتۈرگەن. ]

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يېمەكلىك سېتىۋالغان كىشى ئۇنى تولۇق تاپشۇرۇپ ئالمىغۇچە ساتماسلىقى كېرەك» [بۇخارى رىۋايىتى 2132 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1525  -ھەدىس].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ بۇ لەپزىنى زىيادە قىلدى: ھەممە نەرسە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولىدۇ، يىمەكلىك بولسۇن ياكى باشقا نەرسىلەر بولسۇن ئوخشاش.

يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك ھەر قانداق نەرسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش شۇ نەرسىگە كۆرە بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ” كىيىم-كېچەك، جانلىق ھايۋانلار، ماشىنا قاتارلىق يۆتكىگىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى يۆتكەش، ئۇنى يۆتكەپ تاپشۇرۇپ ئېلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ، چۈنكى ئۆرپىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ”. [ “شەرھىل مۇمتى”  8 -توم 381 -بەت. ]

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋا 13 -توم 153 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: “بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنساندىن مەلۇم بىر ماشىنىنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى ياكى مەلۇم سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ بېكىتىپ بەرگەن نەرسىنى سېتىۋالسا ئۇ كىشىدىن ئۆزىنىڭ سېتىۋالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسا، قارشى تەرەپ تەلەپ قىلغان كىشى ئۈچۈن سېتىۋالسا ۋە ئۇنى تاپشۇرۇپ ئالسا، شۇنىڭدىن كېيىن دەسلەپتە تەلەپ قىلغان كىشىنىڭ ئۇنى نەخ بولسۇن ياكى مەلۇم پايدا بېرىش بىلەن مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىش سودىسى بىلەن  سېتىۋېلىشى دۇرۇس بولىدۇ. بۇ ئىنساندىن يوق نەرسىنى سېتىۋالغانلىق ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى خېرىدار تاۋارنى ئۆزى تەلەپ قىلغان كىشى سېتىۋېلىپ تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ سېتىۋالىدىغانلىقى ۋەدە قىلدى، تەلەپ قىلىنغان كىشى  دوستىغا ئۆزىدە بولمىغان نەرسىنى ساتمىدى ياكى سېتىۋالغان نەرسىنى تاپشۇرۇپ ئىلىشتىن ئىلگىرى ساتمىدى. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام  «تىجارەتچى سېتىۋالغان نەرسىنى ئۆزىنىڭ تەرىپىگە يۆتكەپ ئەكىلىشتىن بۇرۇن سېتىشتىن چەكلىگەن».

ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارارغا كۆرە” بۇ شەكىلدىكى پايدا بېرىپ سېتىۋېلىش سودىسىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قارارىدا مۇنداق كەلگەن: سېتىۋېلىشنى بۇيرىغۇچىغا پايدا ئېلىپ سېتىش سودىسى سېتىۋېلىنغان نەرسە بۇيرۇلغۇچىنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتسە، ئۇنى شەرىئەت كۆرسەتكەن تەرىقىدە تاپشۇرۇپ ئېلىش ھاسىل بولغان بولسا، بۇ سودا دۇرۇس بولىدۇ، تاۋارنى بۇيرىغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى بۇزۇلغان بولسا بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى بۇيرۇلغۇچىغا بولىدۇ، شۇنىڭدەك تاۋارنى يوشۇرۇن ئەيىبى سەۋەبىدىن قايتۇرۇۋېتىش قاتارلىق تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قايتۇرىۋېتىدىغان ئىشلار بولسا، بۇنىڭ مەسئۇلىيتىمۇ بۇيرۇلغۇچىغا بولىدۇ، سودىنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولۇپ، چەكلىمىلىرى يوق بولسا سودا دۇرۇس بولىدۇ”. [ “مەجمۇئە ژورنىلى”  5 -پەسىل 2 – سان 753 – ۋە 965-بەتلەر].

بۇنىڭغا ئاساسەن، تاۋار تەلەپ قىلىنغان شىركەت تاۋارنى قەغەز يۈزىدە شەكلەن سېتىۋالماي بەلكى ھەقىقى سېتىۋالسا ئاندىن بۇنى سېتىۋالغان ئورۇندىن يۆتكەپ ئاندىن ساتقان بولسا، بۇ سودا توغرا بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ شەكىلدىكى مۇئامىلە دۇرۇس بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەبلەغ سېلىش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش