چارشەنبە 8 رەجەب 1446 - 8 يانۋار 2025
Uygur

ئوۋ ئوۋلاشنىڭ شەرتلىرى

سۇئال

ئىسلامدا ئوۋ ئوۋلاش دۇرۇس بولامدۇ؟، ئوۋ ئوۋلاشنىڭ شەرتلىرى قايسى؟، يوشۇرۇن ئوۋ ئوۋلىسىمۇ بولامدۇ؟، چۈنكى بەزى دۆلەتلەردە ئوۋ ئوۋلاش چەكلىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئەسلىدە ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام كىيمىگەن ياكى ئىھرامسىز بولسىمۇ ھەرەم دائىرىسىگە يېقىن بولمىغان كىشىلەرنىڭ قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلىشى دۇرۇس بولىدۇ.

ئەمما بېلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دېڭىز ھايۋانلىرى ئېھراملىق كىشى بولسۇن ياكى ئادەتتىكى كىشى بولسۇن ئوۋلىسا بولىدۇ.

ئوۋلاش دۇرۇس بولغان ھايۋاننى ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش ياكى سېتىپ كەسىپ قىلىش ياكى يېيىش ياكى ھەدىيە بېرىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئوۋلىسا ھەممە ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا 152261 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىككىنچى:  قۇرۇقلۇقتا ئوۋ ئوۋلاشنىڭ شەرتلىرى ئوۋچى، ئوۋلايدىغان ھايۋان ۋە ئوۋلايدىغان قوراللارغا ئالاقىدار بولىدۇ، بىز بۇنى تۆۋەندە قىسقىچە بايان قىلىمىز:

ئوۋلىغان نەرسىنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن ئوۋچىغا ئالاقىدار بولغان شەرتلەر:

-ئوۋچى ئەقىللىق، بىر نەرسىنى ئايرىيالايدىغان بولىشى كېرەك، بۇ ھەنەفى، مالىكى، ھەنبەلى مەزھىبىدىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ ۋە شاپىئى مەزھەپنىڭ بىر قارىشىدۇر.

بۇنداق بولىشى، ئۇلارنىڭ قارىشىدا بىر نەرسىنى ئايرىيالمايدىغان بالا مال بوغۇزلاشقا لايىق بولمايدۇ، بۇنىڭ ئوۋ قىلىش سالاھىيىتىمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئوۋ دېگەن مەقسەت بىلەن ۋە ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش بىلەن ئوۋلىنىدۇ، بۇ ئىككى ئىش ئەقلى تولۇق بولمىغان كىشىدىن توغرا بولمايدۇ، بۇنى ھەنەفى ۋە ھەنبەلى ئالىملىرىمۇ شۇنداق بايان قىلغان.

-ئوۋچى ئېھرامدا بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام كىيگەن بولسا ئۇ كىشىنىڭ ئوۋلىغان نەرسىسىنى يېگىلى بولمايدۇ، بەلكى ئۇ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋانغا ئوخشاش بولىدۇ.

-ئوۋچى بوغۇزلىغان نەرسىسىنى يېگىلى بولىدىغان مۇسۇلمان بولىشى كېرەك، ياكى ئەھلى كىتاپ بولسىمۇ بولىدۇ، ئەمما مۇشرىك، ئاتەشپەرەس، مۇرتەد، دىنسىز ۋە كوممۇنىستلارنىڭ ئوۋلىغان نەرسىلىرىنى يېگىلى بولمايدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن پەقەت ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىنىڭ ئوۋلىغان ھايۋىنىمۇ ھالال بولمايدۇ، ئۇنىڭ بوغۇزلىغان نەرسىسىنى يېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى كاپىر، مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ.

-ئوۋچى ئوۋغا ئۆگىتىلگەن قۇش ياكى ئىتنى ياكى ئوقنى ئاتقاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتىشى شەرت، بۇ ھەنەفى، ھەنبەلى ۋە مالىكى مەزھىبىدىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

-ئوۋچى ئوقنى ياكى قۇشنى ياكى ئىتنى دۇرۇس بولغان نەرسىنى ئوۋلاش مەقسىتىدە ئىتىشى ياكى ئەۋەتىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنى مەقسەت قىلماي ئاتسا ياكى ئەۋەتسە ئۇ ئىنسان ياكى ئۆي ھايۋىنىغا تېگىپتۇ ياكى مەقسەتسىز بىر تاشنى ئېتىپتۇ تاش ئوۋغا تەككەن بولسا بۇ ھالال بولمايدۇ.

ئىككىنچى:  ئوۋلايدىغان ھايۋاندا شەرت قىلىنىدىغان ئىشلار:

-ئەگەر گۆش يېيىش ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلىماقچى بولسا، ئوۋلىنىدىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش دۇرۇس بولىدىغان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ. بۇ كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر.

ئەمما مۇتلەق ئوۋ ئوۋلاش مەسىلىسىدە، ئالىملار ئارىسىدا پەرقلىق قاراشلار بار: ھەنەفى ۋە مالىكى مەزھەپ ئالىملىرى ئوۋلىنىدىغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان بولىشىنى شەرت قىلمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ قارىشىدا گۆشىنى يىگىلى بولسۇن ياكى گۆشىنى يېگىلى بولمىسىمۇ تېرىسىدىن، مويلىرىدىن، قاناتلىرىدىن پايدىلىنىش ياكى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەر قانداق ھايۋاننى ئوۋلىسا بولىدۇ.

ئەمما شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرى گۆشىنى يېگىلى بولمايدىغان ھايۋانلار ئوۋلانمايدۇ ۋە بوغۇزلانمايدۇ دەپ قارايدۇ.

-ئوۋلىنىدىغان ھايۋان ئۆزىنىڭ پۇت-قوللىرى ياكى تۇمشۇق-قاناتلىرى بىلەن ئىنساندىن ئۆزىنى توسىدىغان بولىشى كېرەك، ئەسلىدىنلا ئامال-چارە قىلمىسا تۇتقىلى بولمايدىغان بولىشى كېرەك.

ئىگىسى بولغان ئائىلە ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش توغرا بولمايدۇ.

-ئوۋلايدىغان ھايۋان ھەرەم دائىرىسى ئېچىدىكى ھايۋانلاردىن بولماسلىقى كېرەك. پىقھى ئالىملىرى قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىدىن قۇرۇقلۇقتا تۇغۇلۇپ، قۇرۇلۇقتا يېتىلگەن گۆشىنى يېگىلى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھەرەم دائىرىسى ئىچىدە بولسا ئۇنى ئوۋلاش ھارام دېگەن قاراشقا ئىتتىپاق كەلگەن.

-ئوۋچى كۈتۈپ ئولتۇرسا ئۇزۇن مۇددەت ئوۋچىغا كۆرۈنمەيدىغان ھايۋانلاردىن بولماسلىقى كېرەك، ھايۋان ئوۋچىنىڭ كۆزىدىن يىراق يوشۇرۇنۇپ، ئوۋچى ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرىدىغان بولسا بۇنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولمايدۇ. ئەمما كۆزدىن غايىپ بولماپتۇ ياكى غايىپ بولسىمۇ ئوۋچى ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماستىن ئۇنى ئىزدەپ تۇتقان بولسا ئۇنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولىدۇ، بۇ ئومۇمەن پىقھى ئالىملىرى ئارىسىدا ئىتتىپاققا كەلگەن مەسىلىدۇر.

-ئوۋغا ئوق ئېتىپ ئۇنىڭ بىرەر ئەزاسى ئۈزۈلگەن بولسىمۇ ئوۋ ھايۋىنى يەنىلا ھايات ياشىغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئۈزۈلگەن ئەزانى يېگىلى بولمايدۇ، بۇ مەسىلىدە پىقھى ئالىملىرى ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوقتۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھايۋان ھايات ھالەتتە ئۇنىڭدىن ئۈزۈلگەن ئەزا مېيىتقا ئوخشاشتۇر». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2858-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ”ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا”كەلتۈرگەن. ]

ئەزاسى ئۈزۈلگەن ھايۋان بولسا ھايات ھايۋان بولۇپ ئۇنى چوقۇم بوغۇزلاپ يېيىش كېرەك بولمىسا ئۇمۇ ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ھارامدۇر.

ئەمما دېڭىز ھايۋانلىرىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەر شەرت قىلىنمايدۇ.

كۆپچىلىك پىقھى ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا-مالىكى، ھەنبەلى ۋە شاپىئى مەزھىبىدىكى سەھىھ قاراشتا بېلىق بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا نەرسە بولسۇن دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوۋلاپ يېيىش دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‎أُحِل لَكُمْ صَيْدُ الْبَحْرِ وَطَعَامُهُ ‏ تەرجىمىسى: «سىلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دېڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى». [سۈرە مائىدە 96 -ئايەت.]

دائىم سۇدا ياشايدىغان دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ ھەممىسى ھايات بولسۇن ياكى ئۆلۈك بولسۇن ھالالدۇر.

ئۈچىنچى:  ئوۋ ئوۋلايدىغان قوراللاردا بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەر:

ئوۋ ئوۋلايدىغان قوراللار جانلىق ۋە جانسىز دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

بىرىنچى: جانسىز قوراللار:

بۇ قوراللارنىڭ بېسى بولىشى جاراھەتلەندۈرەلىشى ۋە كېسىش ۋە ئۈزۈش بىلەن گۆشكە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ھايۋاننى بوغۇزلىماستىن يېيىش ھالال بولمايدۇ.

-ئۇ قوراللارنىڭ پەقەت تۆمۈردىنلا بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، تۆمۈر بولسۇن ياكى ياغاچ بولسۇن ياكى ئۇچى ئىنچىكە تاش بولسۇن ياكى جىسىمنىڭ ئېچىگە كېرىدىغان ھەرقانداق نەرسە بىلەن ئوۋلىسا بولىدۇ.

-ئوۋغا ئاتقان نەرسىنىڭ بىسى تىگىپ جاراھەتلەندۈرىشى، شۇ جاراھەت بىلەن ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىشى شەرت قىلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالال بولمايدۇ، چۈنكى قورالنىڭ توغرىسى ياكى ئېغىرلىقىدىن ئۆلگەن بولسا بۇ ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەننىڭ ئورنىدا بولۇپ ئۇنى يېيىش ھالال بولمايدۇ.

-مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئوۋ ئوۋلىسا بولىدۇ، مىلتىق بىلەن ھايۋاننى ياكى قۇشنى ياكى توشقان، كېيىك دېگەندەك جانلىقلارنى ئوۋلىغاندا، ئوقنى ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئاتقان بولسا (يەنى بىسمىللاھ دەپ ئاتقان بولسا) گەرچە ئۇ ھايۋاننى ئۆلۈك ھالەتتە تاپسىمۇ ئۇنى يېيىش ھالال بولىدۇ. 121239– نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

-پىقھى ئالىملىرى زەھەرلىك ئوق بىلەن ئوۋ ئوۋلاشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى، بۇنىڭدا زەھەر ھايۋاننى ئۆلتۈرۈشكە ياردەم بەرگەن ياكى شۇنىڭدەك ئېھتىمالنى ياكى كۈچلۈك قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى ئوۋنى ئۆلتۈرۈشتە دۇرۇس نەرسە بىلەن ھارام نەرسە جۇغلاشتى، ھارام غالىپ كەلدى، شۇنىڭدەك ھايۋاننى ئۆلتۈرۈشتە مۇسۇلماننىڭ ئوقى بىلەن ئاتەشپەرەسنىڭ ئوقى تەڭ كەلگەن بولسا ئۇنى يېيىش ھارام بولىدۇ، ئەمما يۇقىرىقىدەك ئېھتىماللار بولمىسا ھارام بولمايدۇ.

ئىككىنچى ھايۋانلار:

ئۈگۈتۈلگەن ھايۋان ياكى قۇشلار بىلەن ئوۋ ئوۋلاش دۇرۇس بولىدۇ، ئۇ ئىت، يىرتقۇچ ھايۋان، مەگەن چىشلىق ياكى تىرناقلىق قۇشلاردىن ئىبارەت، بۇنىڭ ئۆگىتىلگەن ئىت، يىلپىز، يولۋاس، شىر، قارچۇغا ئۇنىڭدىن باشقا ئۆگىتىلگەن بۈركۈت، بەلدەڭ سا قاتارلىق ئۇچارلىقلار بىلەنمۇ بولىدۇ.

قائىدە:  ئۈگۈتىلسە تەلىمنى قوبۇل قىلىدىغان ھەر قانداق ھايۋان ياكى قۇشلار بىلەن ئوۋ ئوۋلاش دۇرۇس بولىدۇ.

ئوۋ ھايۋانلىرىدا يەنە تۆەندىكىدەك شەرتلەرنىڭ تېپىلىشى شەرت قىلىنىدۇ:

-ھايۋاننىڭ ئۆگىتىلگەن بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا بارلىق پىقھى ئالىملىرى ئىتتىپاققا كەلگەن. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‎﴿وَمَا عَلَّمْتُمْ مِنَ الْجَوَارِحِ‎﴾ ‏تەرجىمىسى: «سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنى بويىچە ئۆگەتكەن ئوۋچى جانىۋارلارنىڭ شىكار قىلغان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى». [سۈرە مائىدە 4 -ئايەت. ]

-ئوۋچى ھايۋان ئوۋ ھايۋىننىڭ بەدىنىدىن قايسى جاينى بولسا جاراھەتلەندۈرىشى لازىم، بۇ مالىكى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدۇر، ھەنەفى مەزھەپتە پەتىۋا بېرىلگەن زاھىرى رىۋايەتتۇر. شاپىئى مەزھىبىدە بۇنىڭ قارىشى ئېنىقتۇر.

ئوۋچى ھايۋان قاتتىق سوقۇلۇش ياكى چىشلىسىمۇ جاراھەتلەندۈرمەي ئوۋ ھايۋىنىنى ئۈلتۈرگەن بولسا بۇنى خۇددى قورالنىڭ توغرىسى ياكى ئېغىرلىقى بىلەن ئۆلگەن ھايۋاننى يېگىلى بولمىغاندەك يېگىلى بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەۋەتىلگەن ئىتمۇ ئوۋ ھايۋىنىنىڭ بوينىنى سۈندۈرۈپ جاراھەتلەندۈرمەي ياكى ئۈستىگە مېنىپ بوغۇپ ئۆلتۈرگەن بولسا بۇنىمۇ يېگىلى بولمايدۇ.

–  مۇسۇلمان ياكى كىتابى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئوۋچى ھايۋان ئەۋەتىلگەندە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن ئەۋەتىلىشى كېرەك، ئەگەر ئوۋچى ھايۋان ئۆزى بارغان ياكى ئىگىسىنىڭ قولىدىن بوشۇنۇپ كەتكەن ياكى ئەۋەتىدىغان ۋاقىتتا ئىگىسى ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتىماي ئەۋەتكەن بولسا، ئۇ ئوۋنى تۇتۇپ ئۆلتۈرگەن بولسا بۇنى يېگىلى بولمايدۇ.

–   ئوۋچى ھايۋان ئوۋغا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماسلىقى لازىم، بۇنداق بولىشى ئوۋلاشنىڭ ئەۋەتىشكە مەنسۇپ بولغانلىقىدىندۇر، ھەنەفى ۋە مالىكى مەزھەپ ئالىملىرى بۇ شەرتلەرنى بايان قىلغان.

–  پىقھى ئالىملىرى شۇنىڭغا ئىتتىپاققا كەلدى: بىر ئوۋ ھايۋىنىنى ئوۋلاشقا، ئوۋلىغان ھايۋاننى يېگىلى بولىدىغان مۇسۇلمان ۋە ئەھلى كىتاپ بىلەن ئوۋلىغان ھايۋىنىنى يېگىلى بولمايدىغان ئاتەشپەرەس ياكى بۇت پەرەس ئىشتىراك قىلغان بولسا، بۇ ئوۋ ھايۋىنىنىڭ گۆشىنى يېگىلى بولمايدۇ، بۇ بىر نەرسىنىڭ ھاراملىق تەرىپى ھالاللىق تەرىپىگە غالىپ كېلىش دېگەن قائىدىگە ئاساسەن شۇنداق بولدى.

شۇنىڭدەك، ئوۋ ئوۋلاشتا ئاتەشپەرەس مۇسۇلمان شېرىك بولۇپ، ئوۋنى ئاتقان ياكى ئوۋچى ھايۋاننى ئەۋەتكەن بولسا، بۇنى يېيىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا دۇرۇس بولغان ئۆلتۈرۈش بىلەن ھارام بولغان ئولتۇرۇش جۇغلاشتى. ھاراملىق تەرىپى غالىپ كەلدى. [ “پىقھى توپلاملىرى” 28 -توم 117-142 -بەت].

ئۈچىنچى: دۆلەت قانۇنى ياكى پرىنسىپى ئوۋ ئوۋلاشقا رۇخسەت قىلمايدىغان، ئۇنىڭدىن چەكلەيدىغان بولسا، ئوۋ ئوۋلاش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزى ۋىزا بىلەن كىرگەن دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بولىدۇ، خىزمەت كېلىشىم ئەقىدىسىدىكى شەرتكە بويسۇنغان ھالەتتە ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇلار چەتئەللىكنى ئۆز دۆلىتىگە قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش شەرتى بىلەن كىرگۈزىدۇ، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوۋ ئوۋلاشتىن چەكلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش زۆرۈر.

پەرزەن قانۇنغا بويسۇنمىغاندا جازا كېلىشى مۇمكىن، بەلكى ئۇ دۆلەتتىن يىراقلاشتۇرىشى مۇمكىن، ئەقىللىق كىشى ئۆزى ۋە ئائىلىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى