چارشەنبە 26 رامىزان 1446 - 26 مارت 2025
Uygur

بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا

سۇئال

ئانامنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى دەرىجىدىن تاشقىرى بەك ناچار، شۇ سەۋەپتىنمىكى مەن ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى يوقۇتۇپ قويدۇم، مەن دائىم ئىككىلىنىپ تۇرىدىغان، ئىشلارنى ياخشى قىلالمايدىغان، بىرەر ئىشتا قارار قىلىشنىمۇ بىلمەيدىغان بولۇپ قالدىم،  توي قىلدىم، ئاللاھ تائالا بىر قىز پەرزەنت ئاتا قىلدى، مەن  بېشىمدىن ئۆتكەن بۇ دەرتلىك تەجىربىلەرنىڭ قىزىمدا يەنە تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمدە پەيدا بولغان بۇ ئىشلاردىن يىراق بولۇشنى خالايمەن، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە يول كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بوۋاق ئىككىنچى ياشقا قەدەم قويغاندا، ئۆز يۆلىنىشىنى قۇرۇپ چىقىشنى ئەتراپىدىكى ئالەمدىن باشلايدۇ، پىسخولوگىيە ئالىملىرى ئۇ يۆلىنىشنىڭ ئەۋۋىلى ئىشەنچنى ھېس قىلىش دەپ قارايدۇ، بۇ تۇيغۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولىشى بالىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئاتا-ئانىنىڭ ئۇ پەرزەنتنىڭ ئاساسلىق ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىشىغا كۆرە ئىككى ياشنى تولۇقلىغاندا توختايدۇ. بۇ باسقۇچتا بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىقتىدارى مۇستەقىللىككە يۈزلەنگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ ئەركىن سۆز قىلىش، مېڭىش ۋە ئويناشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت ئۆزىدە بار بولغان مۇستەقىللىق بىلەنلا ئېرىشكىلى بولىدۇ، بۇنى پىشىپ يېتىلىش ئارقىلىق بولغان ئۆسۈپ يېتىلىش نەزىرىيىسى ئىسپاتلايدۇ. بۇ، بالىنىڭ خاسلىقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى تەبىئىي ئۆسۈپ يېتىلىشكە چاقىرىدۇ. بەزى قىزلار ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمايدۇ، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ھېچ ئىشتا ئۆزىگە تايانمايدۇ، بىر ئىشنى ئۆزىنىڭ باشلىشى بەك ئاز، دائىم باشقىلارنىڭ: ئۇنداق قىلىڭ، مۇنداق قىلىڭ دېيىشىنى كۈتىدۇ، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسە قارار ئىلىشقا پېتىنالماي توختاپ قالىدۇ، قىيىنچىلىققا دۈچ كېلىشتىن قاچىدۇ، قىلمىشىغا قاراپ بەزى ۋاقىتتا يىغلاپ كېتىدۇ، بۇ ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتىگە قىلغان جىنايەت تەرىپى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:

چوڭ-كېچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە بۇيرۇش ۋە چەكلەشنى كۆپ قىلىش ۋە ھەتتا بۇيرۇشقا لايىق بولمايدىغان ئىشلارغىمۇ بۇيرۇش بالىنىڭ ئىجاتچانلىقىنى يوق قىلىپ، بالىنى ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىغا ئىشەنچ قىلالمايدىغان، بەلكى دائىم باشقىلارنىڭ توغرىلاپ بېرىشىنى، قىلغان ئىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە باشقىلارنىڭ ئىشەنچ بېرىشىنى كۈتىدىغان قىلىپ قويىدۇ.

-قىلغان ھەر بىر ئىشىغا تاپا-تەنە قىلىش، تەنقىت قىلىش، كېچىككىنە كەمچىلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش، تەنبىھ بېرىش قاتارلىقلار، بەزى ۋاقىتتا بالا تىرىشچانلىق قىلىش جەريانىدا خاتالىشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالا، ئۆزىنى خىزمەت قىلىش، ئىجاد قىلىش، ئۇتۇق قازىنىش، مۇسابىقىلىشىشكە يۈزلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان تېرىشچانلىققا ئاساسەن توغرا يولغا يېتەكلەشنى كۈتىۋاتقاندا كۈتكىنىدىن بەكرەك تاپا-تەنە، ئەيىبلەشكە ئۇچرايدۇ.

-بالىنى خاتا كېتەمدىكىن ياكى باشقىلار قىزىقمايدىغان تېمىلاردا سۆزلەپ كېتەمدىكىن دەپ ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەسلىك ياكى پۇرسەت بەرسىمۇ ئېيتىپ بەرگەن سۆزنىلا سۆزلەشكە بۇيرۇش.

-بالىنى دائىم خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنى دائىم يامانلىق يۈز بېرىدۇ دەپ ئويلايدىغان قىلىش، پۈتۈن ئەتراپىنى خەتەر قورشاپ تۇرغاندەك تەسەۋۋۇرنى پەيدا قىلىش.

-باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ تۆۋەن كۆرۈش، ئېتىبارىنى چۈشۈرۈش.

-مەسخىرە قىلىپ، زاڭلىق قىلىش.

-ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سۇئاللىرىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك.

-سالامەتلىكى ياكى كېلەچىكى ئۈچۈن بەك قورقىدىغانلىقىنى نامايەندە قىلىشنى زىيادە قىلىۋېتىش.

-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتقان بالىدا بىر قانچە تۈرلۈك يامان ئادەتنىڭ تەسىرى نامايەندە بولىدۇ:

1-ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر ئىش قىلىشقا قادىر بولالماسلىق، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئەكىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇنىڭغا سۈپەتلەپ بەرگەنگە ئوخشىمايدىغان نەرسىنى تاپىدۇ، شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالىدۇ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا كەسكىن قارار قىلالمايدۇ.

2-ئېچىلالمايدۇ، بىر نەرسە ئىجاد قىلالمايدۇ.

3-بۇيرۇلغان ھەر قانداق بىر ئىشتا سىقىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇ قىلغان ئىشىغا مالامەت قىلىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

4-ئىرادىسى ئاجىز، كەسكىنلىكى بوش بولىدۇ، پىرىنسىپى ناچار، خىزمەتكە سەل قارايدىغان ئۆزىگە لايىق بولمىغان ئورۇنلاردا تۇرىدۇ.

5-ئىككىلىنىش، چۈشكۈنلۈك، دۈشمەنلەرچە توقۇنۇش، قاتلىنىشقا ۋە يالغۇزلۇققا يۈزلىنىدۇ.

بالىنى بۇ ناچار ئىشلاردىن يىراق قىلىش ئۈچۈن ئاتا-ئانا بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا بىر قانچە يۆلىنىشكە ئەگىشىشى كېرەك، ئۇنىڭدىن مىسال تەرىقىسىدە بىر قانچىنى بايان قىلىمىز:

-ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان ۋە ئۇنىڭ دائىرىسىدە مېڭىشى كېرەك بولغان ئومۇمى كۆرسەتمىلەرنى سىزىپ بېرىش، ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا ھالال قىلغاننى ئېلىش، ھارام قىلغانلىرىدىن ھەزەر قىلىشنى بىلدۈرۈش كېرەك، يۈكسەك ئەدەپ، گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆگىتىش، كۆڭلىدە ناچار ئەخلاق، يامان سۆز-ھەرىكەتلەرگە قارىتا نەپرەت پەيدا قىلىش، پەسكەش ئىشلاردىن يىراق تۇرىدىغان قىلىش، بۇنى تولۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئەركىن ئىجادىيەتكە قويىۋېتىش كېرەك.

-ئانا قىزىنىڭ كۈچى يېتىدىغان ۋە قىلىشقا قادىر بولالايدىغان بەزى ئىشلارنى تاپشۇرۇشى، خاتا كېتىپ قالسا، ئۇنى قايتىدىن قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ئاندىن بۇنى قانداق قىلىشنى بىلدۈرۈشى كېرەك، بەزى ۋاقىتتا ئۇ ئىشنى قىلىشقىلا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىشنى بىۋاستە قىلىشقا يۈزلەندۈرمەي، ئۆزى قېلىپ مېھرىبانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش كېرەك، ئەگەر بالا بۇ ئىشنى قىلالمايدىغان بولسا، ئۇنىڭغا بۇ ئىش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىشى كېرەك، بەزى ئىشلاردا بالىسىنىڭ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىش، ئىشنىڭ توغرىسىدىن خاتا تەرىپىنى بايان قىلىش كېرەك، بۇ ئارقىلىق بالا ھەممەيلەننىڭ خاتالىققا ۋە توغرا قىلىشقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ ئىرادىسىنى كۇچلاندۇرىدۇ.

-ئاتا-ئانا پەرزەنتىنى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى ئالدىدا رىغبەتلەندۈرۈشى، بەزى ئۇتۇقلىرىغا مۇناسىپ مۇكاپاتلارنى بېرىشى، نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش، قۇرئان ياد قىلىش، دەرستە  يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىش، ئەخلاق-پەزىلەتتە يۈكسىلىش دېگەن ئىبادەت ئىشلىرىنى كۈچەيتىشى لازىم.

-ئاتا-ئانا ئۇ پەرزەنتى ئۈچۈن باشقىلىرىدىن پەرقلىنىدىغان كۇنىيەت قوللىنىش، ناچار لەقەم بىلەن ئاتىلىشتىن چەكلەش، ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويسا ئۇنى ئىسمى بىلەنلا چاقىرىش، ئاتا-ئانىنىڭ ياكى ئىككەيلەندىن بىرىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىسا بۇنى چۈشەندۈرۈش، باشقىلارنىڭ ھەققىدە خاتالاشسا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش كېرەك.

پەرزەنتنىڭ ئىرادىسىنى كۇچلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئادەتلەندۈرۈش ئىككى تۈرلۈك ئىش بىلەن بولىدۇ، ئۇ ئىككى تۈرلۈك ئىش:

ئا-سىر ساقلاش، پەرزەنت سىرنى يوشۇرۇش، ئۇنى ئاشكارا قىلىپ قويماسلىقنى بىلگەندە، ئىرادىسى كۈچلىنىپ زىيادە بولىدۇ، ئاندىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كۈچىيىدۇ.

ب-روزا تۇتۇشقا كۆندۈرۈش، پەرزەنت روزا تۇتۇپ ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇققا دۇچ كەلگەندە، نەپسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىغا قارىتا ئىرادىسى كۈچىيىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى زىيادە بولىدۇ.

- ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كۈچىيىش بىلەن جەمئىيەتكە بولغان ئىشەنچىسىمۇ ئاشىدۇ، بۇ ئائىلىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئادا قىلىش، ئاتا-ئانىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش، چوڭلارنىڭ سورۇنلىرىغا ھازىر بولۇش، كىچىكلەر بىلەن بىرگە بولۇش يولى بىلەن بولىدۇ.

-ئۆزىگە بولغان ئىلمى ئىشەنچىسى كۈچلىنىدۇ، بۇ قۇرئان كەرىمنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى، كاتتىلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بولىدۇ، كېچىگىدە نۇرغۇن ئىلىمنى بىلگەن بولۇپ يېتىلىدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىلمى ئىشەنچىسى كۈچلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ خۇراپات ۋە توقۇلمىلاردىن خالى بولغان ھەقىقى ئىلىمنى بىلگەن بولىدۇ.

-بۇنىڭ قارشىسىدا، ئاتا-ئانىلارمۇ ساقلىنىش سەۋەبلىرىنى قىلىشى كېرەك، بالىنى كەمچىللىك تۇيغۇلىرىنىڭ كۆرۈنۈشىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن ئىلاج قىلىش ۋاستىلىرىنى قىلىشى لازىم، مۇشۇ كۆرۈنۈشكە سەۋەپ بولىدىغان ئامىللاردىن: كۆزگە ئىلماسلىق، ئاھانەت قىلىش، مەسخىرە قىلىش، بالىنى قېرىنداشلىرى، تۇغقانلىرى ئالدىدا سەت سۆزلەر ۋە ناچار سۆزلەر بىلەن چاقىرىش، بەزى ۋاقىتتا دوستلىرى ئالدىدا ياكى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان، بىرگە توپلانمىغان يات كىشىلەرنىڭ ئالدىدا سەت چاقىرىشلار پەرزەنتنى ئۆزىنى ئېتىبارسىز، تۆۋەن كۆرىدىغان قىلىپ قويىدۇ، بۇنىڭدىن باشقىلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان، ھاياتنى ئۆچ كۆرۈپ، ئۆز ئىچىدىن پۇچۇلىنىپ ھاياتلىقتىن قاچىدىغان بىر خىل ھالەتكە ئېلىپ بارىدۇ.

ئاتا-ئانىنىڭ ئېغىزىدىن پەرزەنتكە: چوڭ گۇناھ سادىر قىلغاننى تۈزۈتىش ئۈچۈن ياكى كىچىك گۇناھنى داۋام قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەدەپلەشتىن باشقىغا ئىشلىتىلمەيدىغان ناچار سۆز چىققاندا، بۇ خاتالىقنى تۈزىتىش ئۈچۈن پەرزەنتنىڭ ئەخلاقى يۆنىلىشىدە ۋە كۆڭلىدە خەتەرلىك ئۆچمەنلىك ئىزى قالدۇرىدىغان بۇنداق ۋاسىتىلارنى قوللىنىش توغرا بولمايدۇ، بۇ ئۇسلۇب پەرزەنتنى ئەخلاقنى، پسىخىكىسىنى ۋەيران قىلىدىغان تىل، دەشنام سۆزلىرى تەبىئىتىگە ئورناپ كەتكەن بىر ئىنسان قىلىپ قويىدۇ.

بۇ كۆرۈنىشى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى: ئەگەر پەرزەنتىن خاتالىق سادىر بولسا، سادىر قىلغان خاتالىقىغا مېھرىبانلىق ۋە مۇلايىملىق بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بالىنى خاتالىقتىن يىراق بولىشىغا قانائەتلەندۈرىدىغان دەلىل-ھۆججەتلەرنى بايان قىلىپ بېرىش لازىم، ھەرگىزمۇ ئاتا-ئانا بالىنى سىلكىمەسلىك ياكى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كايىماسلىق كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسلۇبىغا ئەگىشىپ، بالىنى تۈزىتىش ۋە ئىسلاھ قىلىشنىڭ گۈزەل ئۇسسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەك، بالىلار دۇنياسى بولسا تۇيغۇلىرى ئىنچىكە، تەسىر كۆرسىتىشى بەك تىز، ئىدراك قىلىشى ئاز، ھىيلە-نەيرەڭلىرى يوق دېيەرلىك بولۇپ، بالىنى ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈش بالىنىڭ ھايات باسقۇچلىرىنىڭ ھەممىسىدىكى شەخسىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ بىرىنچى ئاساسىدۇر.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ھىنان ئەتىيە تەۋرى جۇھەنىينىڭ: "مۇسۇلمان قىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى" ناملىق ئەسىرى 163 -بەت