يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

ئاللاھقا بولغان تەقۋادارلىقنى قەلبىمىزدە قانداق زىيادە قىلىمىز؟

سۇئال

دىلىمىزدىكى تەقۋادارلىقىمىزنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرىمىز؟، مەن كۆپ ۋاقىتلىرىمنى تېلىۋېزۇر ئالدىدا فېلىم كۆرۈپ زايە قىلىۋەتتىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئاللاھ تائالا بارلىق كىشىلەرنى تەقۋادار بولۇشقا بۇيرىدى. تەقۋادارلىقنىڭ ئۇتۇق قازىنىش ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە نىجات تېپىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ حَقَّ تُقَاتِهِ وَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنْتُمْ مُسْلِمُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار» [سۈرە ئال ئىمران 102-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَخْشَ اللَّهَ وَيَتَّقْهِ فَأُولَئِكَ هُمُ الْفَائِزُونَ تەرجىمىسى: «ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلغان، ئاللاھدىن قورققان ۋە ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر» [سۈرە نۇر 52-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ تەقۋادارلار بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ اللَّهَ مَعَ الَّذِينَ اتَّقَوْا وَالَّذِينَ هُمْ مُحْسِنُونَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» [سۈرە نەھىل 18-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ تەقۋادارلارنىڭ دوستى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَاللَّهُ وَلِيُّ الْمُتَّقِينَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر » [سۈرە جاسىيە 19-ئايەت].

ئاللاھ تائالا تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ تەرجىمىسى: «ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپدۇر» [سۈرە ئەراپ 128-ئايەت].

ئاللاھ تائالا تەقۋادارلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە مەقسىتىگە يېتىدىغان ۋە ئۇتۇق قازىنىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: وَنَجَّيْنَا الَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ تەرجىمىسى: «ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە تەقۋادارلارنى ئازابتىن قۇتقۇزدۇق » [سۈرە پۇسسىلەت 18-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ثُمَّ نُنَجِّي الَّذِينَ اتَّقَوْا تەرجىمىسى: «ئاندىن تەقۋادارلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز» [سۈرە مەريەم 72-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ لِلْمُتَّقِينَ مَفَازًا تەرجىمىسى: «شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار نېمەتكە ئېرىشىدۇ» [سۈرە نەبە 31-ئايەت].

تەقۋادار مۆمىنلەر بولسا ئاللاھنىڭ دوستلىرى-ئەۋلىيالىرىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَلا إِنَّ أَوْلِيَاء اللّهِ لاَ خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلاَ هُمْ يَحْزَنُونَ ، الَّذِينَ آمَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ تەرجىمىسى: «راستلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا (ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقۇش يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ، ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر» [سۈرە يۈنۈس 62-63-ئايەتلەر].

بۇ توغرىدىكى ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ.

ئىككىنچى: تەقۋادارلىق دېگەن: ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىشلارنى كۈچىنىڭ يېتىشچە تولۇق ئادا قىلىش ۋە چەكلىگەن ئىشلاردىن دەرھال يېنىشتۇر.

ئىنساننىڭ تەقۋادارلىقىنى زىيادە قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ئىشلاردىن:

دۇنيا-ئاخىرەت ئىشلىرى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىش، ئويلىنىش، ھەر ئىككىسىنىڭ قەدرى-قىممىتىنى بىلىش كېرەك، بۇنى بىلىش ئىنساننى ئاخىرەتتە جەننەت نېمەتلىرى بىلەن ئۇتۇق قازىنىپ، دوزاختىن نىجات تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىزگە جەننەت توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ‎أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ تەرجىمىسى: «تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار» [سۈرە ئال ئىمران 133-ئايەت].

دىلدا تەقۋادارلىقنى زىيادە قىلىدىغان ئىشلاردىن: ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىشتا تىرىشچانلىق قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ھىدايەت، ئىمان ۋە تەقۋادارلىقنى زىيادە قىلىش بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ كىشىگە ياخشىلىق ۋە تائەت-ئىبادەت ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ. ئۇ كىشىگە ئىلگىرى ئاسان بولمىغان ئىشلار ئاسان بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَالَّذِينَ اهْتَدَوْا زَادَهُمْ هُدًى وَآتَاهُمْ تَقْواهُمْ تەرجىمىسى: «ھىدايەت تاپقانلارنى ئاللاھ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ» [سۈرە مۇھەممەد 17-ئايەت].

ئىنساننى تەقۋادارلىققا يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن:

نەپلە روزىلارنى كۆپ تۇتۇشتۇر. ئاللاھ تائالا روزىدار بەندىنىڭ تائەت-ئىبادىتىگە ياردەم بېرىدىغان ۋە ئۇنى ياخشى كۆرسىتىدىغان خۇسۇسىيەتلەرنى قىلدى. ئاللاھ تائالا روزىنىڭ پەرزلىكى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ‎يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمْ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان) روزىسى پەرز قىلىندى». [سۈرە بەقەرە 183 -ئايەت].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ئۇممىتىنى نەپلە روزىنى كۆپ تۇتۇشقا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىپ. ساۋاپتا روزىغا يېتىدىغان ئىشنىڭ يوق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن. بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە:  ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: « مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى!  بىزنى ساۋابى كاتتا بولغان بىر ئىشقا بۇيرۇسىلا؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نەپلە روزىنى كۆپ تۇتقىن، چۈنكى ئۇنىڭغا باراۋەر كېلىدىغان ئەمەل يوق دېدى». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 22149 -ھەدىس. نىسائى رىۋايىتى  4/165-ھەدىس. باشقا ھەدىس ئالىملىرى بايان قىلغان، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

ئىنساننى تەقۋادارلىققا يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن:

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغان تەقۋادارلارنىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئەخلاقلىرى بىلەن ئەخلاقلىنىش لازىم. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎لَيْسَ الْبِرَّ أَنْ تُوَلُّوا وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ وَالْمَلائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَى حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّائِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُوا وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ وَحِينَ الْبَأْسِ أُوْلَئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا وَأُوْلَئِكَ هُمْ الْمُتَّقُونَ تەرجىمىسى: «سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ . بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل ـ مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل ـ مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە(ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر (ئىمانىدا راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر». [سۈرە بەقەرە 177 -ئايەت ].

يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَسَارِعُوا إِلَى مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَوَاتُ وَالأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ * الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنْ النَّاسِ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ * وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللَّهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ وَمَنْ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إِلاَّ اللَّهُ وَلَمْ يُصِرُّوا عَلَى مَا فَعَلُوا وَهُمْ يَعْلَمُونَ * أُوْلَئِكَ جَزَاؤُهُمْ مَغْفِرَةٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَجَنَّاتٌ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَنِعْمَ أَجْرُ الْعَامِلِينَ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار، تەقۋادارلار كەڭچىلىكتىمۇ، قىسىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا(پۇل ـ مال)سەرپ قىلىدىغانلار، ئۆچ ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ، تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، گۇناھنى كەچۈرىدىغان ئاللاھدىن باشقا كىم بار؟ ئۇلار قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرمايدۇ، ئۇلارنىڭ(يەنى يۇقىرىقى خىسلەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ) مۇكاپاتى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان مەغپىرەت ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇر. بۇ يەرلەردە ئۇلار مەڭگۈ قالىدۇ. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى نېمىدېگەن ياخشى!». [سۈرە ئال ئىمران 133-ئايەتتىن 136-ئايەتكىچە].

ئىنساننى تەقۋادارلىققا يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويۇنچە ئەمەل قىلىش، دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت-خۇراپاتلاردىن يىراق تۇرۇشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎وَأَنَّ هَذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ وَلَا تَتَّبِعُوا السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَنْ سَبِيلِهِ ذَلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ  تەرجىمىسى: «بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، (ناتوغرا) يوللاردا ماڭماڭلار. ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ.  (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ». [سۈرە ئەنئام 153 -ئايەت.]

ئىنساننى تەقۋادارلىققا يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن: ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلَا تَقْرَبُوهَا كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ تەرجىمىسى: «ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ». [سۈرە بەقەرە187 -ئايەت].

ئىنساننى تەقۋادارلىققا يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن: ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئەتتىكى ۋە كائىناتتىكى ئايەتلىرى ۋە ئالامەتلىرى توغرىسىدا پىكىر قىلىش، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎انَّ فِي اخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَمَا خَلَقَ اللَّهُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَّقُونَ تەرجىمىسى: «كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ياراتقان شەيئىلەردە (ئاللاھدىن) قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، (ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار». [سۈرە يۈنۈس 6 -ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‎وَكَذَلِكَ أَنْزَلْنَاهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا وَصَرَّفْنَا فِيهِ مِنَ الْوَعِيدِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ أَوْ يُحْدِثُ لَهُمْ ذِكْرًا تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ تەقۋادار بولۇشلىرى ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى ۋەز ـ نەسىھەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ساڭا ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بايان قىلدۇق». [سۈرە تاھا 113 -ئايەت].

ئىنساننى تەقۋادارلىققا يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن:  ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلىش ۋە قۇرئان تىلاۋېتىنى كۆپ قىلىش.

-ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان، ياخشى ئىشلارنى ئەسلىتىدىغان سالىھ كىشىلەر بىلەن ھەم-سۆھبەت بولۇش، ناچار، ئەسكى ۋە بىدئەتچى كىشىلەردىن يىراق بولۇش.

– ئىلگىرى ئۆتكەن سالىھ مۆمىنلەر، ئالىم-ئۆلىمالار، زاھىد-تەقۋادار ۋە ئىبادەتگۇي كىشىلەرنىڭ تارىخلىرىنى كۆپ ئوقۇش كېرەك.

ئىككىنچى:  ئەقىللىق كىشى ھەر ۋاقىت ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشقا تەييارلىق قىلىپ تۇرۇشى كېرەك، چۈنكى ئىنسان ئۆزىگە قاچان ئۆلۈم كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ كەمچىللىكلىرىنىمۇ بىلىپ بولالمايدۇ، پۇشايمان پايدا بەرمەيدىغان ۋاقىتتا پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق، ھەر بىر ئىنسان قىيامەت كۈنىدە: «ئۆزىنىڭ ئۆمرىنى نېمىگە سەرپ قىلدى ۋە ياشلىقىنى نېمە بىلەن ئۆتكۈزدى بۇنىڭدىن سوئال قىلىنىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 2416-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن].

نۇرغۇن كىشىلەر تەننىڭ ساقلىقى ۋە ۋاقىتتىن ئىبارەت نېمەتنىڭ قەدرىنى نېمەت يوقالغاندا ۋە زايە بولغاندا بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇبارەك ھەدىسلىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئىككى تۈرلۈك نېمەت بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنالمايدۇ، زىيان تارتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ:  تەننىڭ ساقلىقى ۋە ۋاقىتتىن ئىبارەتتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 6412 -ھەدىس].

ھەدىستە بايان قىلىنغان «زىيان تارتىش» دېگەن سۆز  ئەسلىدە سودىدا زىيان تارتقاننى بىلدۈرىدۇ، ئەمما بۇ يەردىكى مەنىسى پايدا ئالالمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ ساقلىقى ۋە ۋاقتىنى دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىسى بولمايدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىش بىلەن زىيان تارتىدۇ دېگەن بولدى، بۇ تىجارەتتە تارتىدىغان زىياندىن كاتتىدۇر ئەلۋەتتە.

ئەقىللىق كىشى ئۆزىنىڭ قىيامەتتىن ئىبارەت بولغان كاتتا بىر ئىشقا يۈزلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىشى كېرەك. دۇنيادا ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىش يولىدا يەتكەن بارلىق ھېرىپ-چارچاشلار ئاخىرەتتە راھەت بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىكى سالىھ كىشىلەرنىڭ بەزىسى ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىش يولىدا ئۆزىنى چارچىتاتتى، كىشىلەر ئۇلارنى: ئازراق بولسىمۇ راھەتلىنىشكە تەۋسىيە قىلسا، ئۇلار: “مەن بۇنىڭ راھىتى ئۈچۈن چارچاۋاتىمەن دەيتتى”.  [“ئەل پەۋائىد”  42 -بەت.]

ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش يولىدا ئېرىشكەن راھەت ۋە لەززەتنىڭ ئاقىۋىتى ئەگەر ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا ئەپۇ قىلمىسا پۇشايمان ۋە ئازاب بولىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى