يەكشەنبە 23 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 24 نويابىر 2024
Uygur

يىل ئارىسىدا پايدا ئالغان مالنىڭ زاكىتى توغرىسىدا

سۇئال

   مالغا كېلىدىغان زاكاتنىڭ مىقدارىنى ھېسابلاش مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەندە بولامدۇ ياكى بۇ مالغا بىر يىل توشقاندا بولامدۇ؟، مالنىڭ زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ۋاقتىدىكى مىقدارى ئون مىڭ (10000) بولسا، بىر يىل توشقاندىن كېيىن ئەللىك مىڭ(50000) بولسا، زاكات بېرىدىغان مال قايسى مالدىن ھېسابلىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: پۇلغا زاكاتنىڭ ۋاجىپ بولىشىدا ئىككى ئىش شەرت قىلىنىدۇ:

   بىرى: پۇلنىڭ زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يېتىشى.

   ئىككىنچىسى: زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن پۇلغا بىر يىل توشقان بولىشى.

   پۇلنىڭ مىقدارى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمىسە بۇ پۇلغا زاكات پەرز بولمايدۇ.

   ئەگەر پۇل زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە، ئۇنىڭغا ئۆلچەمگە يەتكەن ۋاقىتتىن باشلاپ ھىجىرىيە ھېسابى بويۇنچە بىر يىل توشسا ئۇ ۋاقىتتا زاكات پەرز بولىدۇ.

    زاكاتنىڭ ئۆلچىمى ئالتۇندىن 85 گىرامغا، كۈمۈشتىن 595 گىرامغا باراۋەر بولىدۇ، زاكات ئايرىش پەرز بولغان مىقداردا بولسا 2.5% بولىدۇ.

    ئىككىنچى: مال زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەندە، مىڭ (1000) بولسا، يىل ئاخىرىدا بەش مىڭ(5000) بولسا، بۇنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىيدۇ؟ دېيىلسە، بۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەتتۇر:

   1-زىيادە بولغان پۇل ئەسلىدىن پەيدا بولغان بولسا، خۇددى مىڭ لىرا مەبلەغ سىلىپ تۆت مىڭنى پايدا ئالغانغا ئوخشاش، سىز يىل ئاخىرىدا ئۇنىڭ ھەممىسىگە زاكات بېرىسىز، چۈنكى پايدا ئالغان مال ئەسلىگە ئەگىشىدۇ.

   2- زىيادە بولغان پۇل ئەسلىدىن پەيدا بولغان بولماستىن بەلكى مىراس، سوغات ئارقىلىق ياكى باشقا بىر نەرسىنى سېتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن پۇل بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىل ئايرىم ھېسابلىنىدۇ، مۇشۇ زىيادە پۇلغا ئىگە بولغاندىن باشلاپ يىل باشلىنىدۇ، ئەگەر قولىدا بار بولغان  پۇل بىلەن بىرگە زاكات ئايرىمەن دېسە بۇمۇ بولىدۇ.

   3-ئەگەر بۇ زىيادە تەدرىجى پەيدا بولغان بولسا، خۇددى ئايلىق ئىش ھەققى پۇلىدىن توپلىغاندەك، بىر ئايدا بەش يۈز(500)نى، يەنە بىر ئايدا مىڭنى(1000)، ھەتتا يىل ئاخىرەدا تۆت مىڭ(4000) بولغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا سىز ئىختىيارلىقتا بولىسىز، يىل ئاخىرىدا ئەسلىدە بار بولغان پۇل بىلەن كىيىن تەدرىجى پايدا بولغان پۇلنى قېتىپ يىل توشمىغان پۇلنىڭمۇ زاكىتىنى بۇرۇن بىرىۋېرىسىز، ياكى يىل توشقاندا ئەسلىدىكى پۇلنىڭ زاكىتىنى بېرىسىز، كېيىن تەدرىجى پەيدا بولغان پۇلنىڭ زاكىتىنى يىل توشقاندا بېرىسىز، بۇنىڭدا بىرئاز قىيىنچىلىق بولىدۇ، چۈنكى سىز بىر يىلدا بىر قانچە قېتىم زاكات ئايرىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ. 

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى