پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

كىتاپلار ھەققىدە ئىشىنىشنىڭ ھەقىقى ماھىيتى

سۇئال

كىتاپلار ھەققىدە ئىشىنىشنىڭ مەنىسى نىمە ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
كىتاپلار ھەققىدە ئىشىنىش تۆۋەندىكى تۆت ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
بىرىنچى : ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن چۈشكەنلىكى، ھەمدە ئاللاھنىڭ ئۇلار ئارقىلىق سۆز قىلغانلىقى ھەققىدە قەتئىي ئىشىنىش . بەزىلىرى پەرىشتە ئەلچىنىڭ ۋاستىسىسىز پەردە ئارقىسىدىن ئاڭلانغان ، ۋە بەزىلىرىنى پەرىشتە ئەلچى ئادەم ئەلچىگە يەتكۈزگەن ، ۋە بەزىلىرىنى ئاللاھ ئۆز قولى بىلەن يازغان . خۇددى ئاللاھ ئېيىتقاندەك : اللة هةر قانداق ظادةمضة صةقةت ؤةهيع ظارقعلعق ياكع صةردة ظارقعسعدعنلا ياكع بعر ئەلچىنى ظةؤةتعص ظأز ظعزنع بعلةن ظذنعثغا خالعغان ؤةهيعنع قعلعش ظارقعلعقلا سأز قعلغان. اللة هةقعقةتةن (مةخلذقلارنعث سىصةتلعرعدعن) ظىستىندذر، دانادۇر . [ شۇرا( كىڭىشىش ) : 51 ] ، ھەمدە ئاللاھ مۇساغا سۆز قىلدى . [ نىسا( ئاياللار) : 164 ]
ئاللاھ تەۋرات ھەققىدە مۇنداق دىگەن : بعز ظذنعث ظىحىن(تةؤرات)تاختعلعرعغا ؤةز-نةسعهةت،(دعنعي)ظةهكاملارنعث هةممعسعنع تةصسعلعي يازدذق . [ ئەئېراف( ئىگىزلىك) : 145 ]
ئىككىنچى : ئاللاھ ئىسمى بىلەن تىلغا ئالغان كىتاپلارنى ئىسمى بويىچە ئىشىنىشىمىز لازىم. ئاللاھ قۇرئاندا ئاتىغان كىتاپلار بولسا : قۇرئان ، تەۋرات ، ئىنجىل ، زەبۇر ھەمدە ئىبراھىم ۋە مۇسا سەھىيپىلىرى .
ئاللاھ ئومۇمى ئاتالغۇ بويىچە تىلغا ئالغانلىرىنى ، ئومۇمى ئاتالغۇ بويىچە ئىشىنىشىمىز لازىم . شۇڭا بىز ئۇلار ھەققىدە ئاللاھ ئەلچىسىگە دىيىشكە بۇيرىغاننى دەيمىز : ھەمدە ئېيىتقىنكى ، ئاللاھ چۈشۈرگەن كىتاپلار ھەققىدە ئىشەندىم . [ شۇرا( كىڭىشىش): 15 ]
ئۈچۈنچى : ئۇ كىتاپلارنىڭ توغرا خەۋەرلىرىگە ، مەسىلەن : قۇرئان خەۋەرلىرى ،ۋە بۇرۇنقى كىتاپلاردىكى بۇرمىلانمىغان ياكى ئۆزگەرتىلمىگەن خەۋەرلەرگە ئىشىنىش .
تۆتىنچى : ئاللاھنىڭ قۇرئاننى بۇ كىتاپلارغا گۇۋاھچى سۈپىتىدە ھەمدە ئۇلارنى تەستىقلىغان ھالدا چۈشۈرگەنلىكى ھەققىدە ئىشىنىش .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن :
بعز ساثا ظأزعدعن ظعلضعركع (ساماؤع)كعتابلارنع ظئتعراص قعلغذحع ؤة ظذلارغا شاهعت بولغذحع هةق كعتابنع (يةنع قذرظاننع)نازعل قعلدذق .
[ مائىدە(داستىخان) : 48 ]
تەپسىرشۇناسلار دەيدۇكى ، شاھىت بولغۇچى(مۇھەيمىنەن) : ئۆزىدىن ئىلگىركى كىتاپلارغا گۇۋاھچى دىگەنلىك . ئىتراپ قىلغۇچى( مۇسەددىقەن لەھا) : ئۇلاردىكى توغرا بايانلارنى ئىتراپ قىلىدۇ . ئۇلاردا سادىر بولغان ھەر قانداق ئۆزگەرتىلىش ، بۇرمىلىنىش ۋە ئالماشتۇرلۇشنى ئىنكار قىلىدۇ ، ھەمدە ئۇلارنىڭ قانۇن –ئەھكاملىرىنى بىكار قىلىدۇ ، يەنى ئەمدى يۈرگۈزۈلمەيدۇ ھەمدە يىڭى قانۇن- ئەھكاملار جاكارلاندى دىگەنلىك . شۇڭلاشقا ئىلگىركى كىتاپلار ئىسىلغۇچى ھەمدە كەينىگە داجىپ كەتمىگەن ھەر قانداق كىشى ئۇنىڭغا ئىگىلىدۇ . ئاللاھ ئېيىتقاندەك :
« قذرظاندعن ظعلضعرع بعز كعتاب)يةنع ظعنجعل،تةؤرات)نازعل قعلغانلار)يةنع ناسارا ؤة يةهذدعيلارنعث مأمعنلعرع)قذرظانغا ظعشعنعدذ52.ظذلارغا قذرظان تعلاؤةت قعلعنغان حاغدا،ظذلار: بعز قذرظانغا ظعشةندذق.شىبهعسعزكع،ظذ صةرؤةردعضارعمعز تةرعصعدعن نازعل بولغان هةقعقةتتذر.بعز هةقعقةتةن بذنعثدعن بذرذن مذسذلمان ظعدذق دةيدذ .»
[ قەسەس(ھىكايىلەر) : 52-53 ]
بارلىق ئۇممەت قۇرئانغا ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ئەگىشىشى ، ئۇنى چىڭ تۇتۇشى ھەمدە ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشى ۋاجىپ . ئاللاھ مۇنداق دىگەن :
بذ بعز نازعل قعلغان (قذرظان)مذبارةك كعتابتذر، ظذنعثغا ظةضعشعثلار،(ظذنعثغا مذخالعصةتحعلعك قعلعشتعن) ساقلعنعثلار .
[ ئەنئام ( چاھارپايلار ) : 155 ]
كىتاپنى چىڭ تۇتۇش ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشنىڭ مەنىسى : ئۇنىڭدىكى ھالالنى ھالال دەپ قاراش ، ھارامنى ھارام دەپ بىلىش ، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ، توسۇقلىرىدىن ساقلىنىش ، ۋەز-نەسىھەتلەرگە دىققىتىنى بىرىش ، ئۇنىڭ ھىكايىلىرىدىن ئىبرەت ئىلىش ، ئۇنىڭ مەنىسى ئوچۇق ئايەتلىرىنى چۈشۈنۈش ، مەنىسى ئىنىق بولمىغان ئايەتلىرىنى ئاللاھقا قويۇش ، ئۇنىڭ چەكلىمىلىرىدە توختاش ،ئۇنى يادلاش ، تىلاۋەت قىلىش ، ئۇنىڭ ئايەتلىرىنىڭ مەنىسىنى مۇلاھىزە قىلىش ، كېچە-كۈندۈز نامازلاردا ئۇنى ئوقۇش ، ئۇنىڭ بارلىق مەنىلىرىگە سەمىمى بولۇش ، شۇنداقلا ئۇنى چۈشەنگەن ھالدا باشقىلارنى ئۇنىڭغا چاقىرىش .
بۇ ئىشىنىش بەندىگە كاتتا مىۋىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ . مۇھىملىرى :
1- ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشىنىش . چۈنكى ئۇ ھەر بىر خەلقكە ئۇلارنىڭ توغرىغا يىتەكلىنىشى ئۈچۈن كىتاپ چۈشۈردى .
2- ئاللاھنىڭ قانۇن- شەرىئەت تۈزۈشتە دانالىقىنى بىلىش . چۈنكى ئۇ ھەر بىر خەلقكە تۈزۈپ بەرگەن قانۇن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا ماس كىلىدۇ . ئاللاھ دىگەندەك : سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلارغا بىر قانۇن ۋە ئوچۇق يول بەلگىلىدۇق .
3- بۇ كاتتا نىئېمەت ئۈچۈن ئاللاھقا تەشەككۈر ئېيتىش مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىش .
4- قۇرئاننى ئوقۇش ، ئۇنى مۇلاھىزە قىلىش ، مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش بىلەن قۇرئانغا كۆڭۈل بىرىشنىڭ ئەھمىيتى .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
[ ئەئېلام سۇننەتۇل مەنشۇرە 90-93 ، پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىيننىڭ ئۈچ ئاساسنىڭ شەرھى 91،92 ب گە قاراڭ . ]

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد