جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئۆمرە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا

سۇئال

ئۆمرە پائالىيىتىنى تەپسىلى بىلىشنى مەقسەت قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك شەرت تولۇق بولىشى كېرەك:

     بىرىنچى: ئىبادەتنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش. ئىبادەت بىلەن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئاخىرەت دىيارىنى مەقسەت قىلىش كېرەك، ھەرگىزمۇ دۇنيا مەنپەئەتى، رىياخورلۇق ۋە باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىشنى مەقسەت قىلماسلىق لازىم.

    ئىككىنچى:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاغزاكى ۋە ئەمەلى ئىشلىرىغا ئەگىشىش. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى تولۇق بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش بىلەن روياپقا چىقىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھەج-ئۆمرە ياكى باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش بىلەن ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى قىلغان ئەمىلىنىڭ سۈننەتكە مۇۋاپىق بولىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ئۆگىنىشى زۆرۈر بولىدۇ.

تۆۋەندە ئۆمرە قىلىش پائالىيىتىنى سۈننەتتە بايان قىلىنغان بويىچە قىسقىچە بايان قىلىمىز:

ئۆمرە پائالىيتى تۆت تۈرلۈك ئىش بىلەن بولىدۇ، ئۇ ئىشلار: ئېھرام كىيىش، كەبىنى تاۋاپ قىلىش، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش ۋە چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىشتىن ئىبارەت.

بىرىنچى: ئېھرامغا كېرىش دېگەن: ھەج ياكى ئۆمرە پائالىيىتىگە كىرىشنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئېھرام كىيىشنى مەقسەت قىلغان كىشى سۈننەت بويىچە، كىيىملىرىنى سىلىپ جۇنابەتتىن يۇيۇنغانغا ئوخشاش يۇيۇنۇپ، چاچ-ساقاللىرىغا يېنىدا بار بولغان مىسكى-ئەنبەر قاتارلىق خۇشبۇي نەرسىلەرنى سۈرتىدۇ، بۇنىڭ ئەسىرى ئېھرامدىن كىيىن قالسىمۇ ھېچ نەرسە بولمايدۇ. بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېھرامغا كېرىشنى مەقسەت قىلغاندا، يېنىدا بار بولغان خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتەتتى، ئاندىن ئۇنىڭ چېچى ۋە ساقاللىرىدا خۇشبۇي نەرسىلەرنىڭ پارقىرىغان پاقىراقلىرىنى كۆرەتتىم. [بۇخارى رىۋايىتى271-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1190-ھەدىس].

   ئېھرام كىيىدىغان ۋاقىتتا يۇيۇنۇش بولسا ئەر، ئاياللار ئۈچۈن ھەتتا ھەيز-نىپاسدارلار ئۈچۈنمۇ سۈننەتتۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەسما بىنتى ئۇمەيس نىپاسدار بولغاندا ئېھرامغا كېرىدىغان ۋاقىتتا يۇيۇنۇپ ياخشى ئورۇنۇپ ئېھرامغا كىرىشكە بۇيرىغان. [مۇسلىم رىۋايىتى 1209-ھەدىس].

    يۇيۇنۇپ، خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن ئېھرام كىيىمىنى كىيىدۇ، ناماز ۋاقتى بولغاندا ھەيز-نىپاسدار ئاياللاردىن باشقىلار ناماز ئوقۇيدۇ، ناماز ۋاقتى بولمىسا، ئىككى رەكەت نەپلە نامىزى ئوقۇيدۇ، نامازدىن كېيىن، قىبلىگە يۈزلىنىپ ئېھرام كىيىدۇ، ئېھرامنى ئۇلاغقا مىنگەندە ياكى ماشىنىغا چىققاندا، مېڭىشقا تەييار بولغاندا كىيسىمۇ بولىدۇ، مىيقاتتىن مەككىگە مېڭىشتىن بۇرۇن ئېھرامنى نىيەت قىلىدۇ.

   ئاندىن: ئى ئاللاھ! مەن ئۆمرە قىلىشقا تەييار بولدۇم دەيدۇ.

    ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەلبىيە ئېيتقاندەك مۇنۇ تەلبىيەنى ئېيتىدۇ: (لەببەيكە ئاللاھۇممە لەببەيكە، لەببەيكە لاشەرىكە لەكە لەببەيكە،ئىننەلھەمدە ۋەننىمەتە لەكە ۋەل مۇلكۇ، لاشەرىكە لەك)يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: لەببەيكە ئىلاھۇل ھەق دەپ تەلبىيە ئېيتقان، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ بۇنىڭغا: (لەببەيكە ۋە سەدەيكە ۋەل خەيرۇ بىيەدەيكە،ۋەررەغبا ئىلەيكە ۋەلئەمەل) دېگەن سۆزلەرنى زىيادە قىلاتتى.

   ئەر كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: مېنىڭ يېنىمغا جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كېلىپ، مېنى ۋە ساھابىلىرىمنى ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ تەلبىيە ئېيتىشقا بۇيرىدىدېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن، يۇقىرى ئاۋازدا تەلبىيە ئېيتىدۇ. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئالبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا1599-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: ھەجنىڭ ئەڭ ياخشىسى كۆپ تەلبىيە ئېيتىلغان ۋە كۆپ قۇربانلىق قىلىنغان ھەج دېگەن. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئالبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1112-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئاياللار بولسا يېنىدىكى كىشىلەر ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا دەيدۇ. ئەگەر يېنىدا مەھرەملىرى يوق باشقا يات ئەرلەر بولۇپ قالسا ئىچىدە دەيدۇ.

    ئەگەر ھەج پائالىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان بىرەر توسقۇنلۇققا ئۇچراشتىن ئەنسىرىگەن (كېسەل، بەك ياشىنىپ كەتكەن، دۈشمەندىن ئەنسىرەيدىغان)كىشىلەر بولسا، ئېھرام كىيگەن ۋاقىتتا مۇنداق شەرت قىلسا بولىدۇ: "كېسەللىك ياكى كېچىكىپ قىلىش قاتارلىق ھەرقانداق ئىش مېنى ھەج ئىبادىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىن قەيەردە چەكلەپ قويسا، شۇ يەر مېنىڭ ئېھرامدىن چېقىدىغان ئورۇنۇم"دەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ زەبائە بىنتى زۇبەير كېسەل بولۇپ ئېھرام كىيىدىغان ۋاقىتىدا، ئۇنى مۇشۇنداق دەپ شەرت قىلىپ ئېھرامغا كېرىشكە بۇيرۇپ: سىز ئاللاھ تائالاغا شەرت قىلىپ ئايرىۋالغان ئىش سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن بولىدۇدېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 5089-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1207-ھەدىس].

   شەرت بىلەن ئېھرامغا كىرگەن بولسا، ئۇ كىشىنى ھەج پائالىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان ھەرقانداق چەكلىمە يۈز بەرسە، ئۇ كىشى شۇ جايدا ئېھرامدىن چىقىدۇ، ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە كەلمەيدۇ.

    ئەمما ھەج پائالىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان قىيىنچىلىق ياكى كېسەللىكتىن ئەنسىرمەيدىغان كىشىلەر ئېھرامغا كېرىدىغان ۋاقىتتا شەرت قىلمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىمۇ شەرت قىلمىغان ۋە باشقىلارنىمۇ شەرت قىلىشقا بۇيرىمىغان، زۇبائە بىنتى زۇبەير كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى شەرت بىلەن ئېھرام كىيىشكە بۇيرىغان.

    ئېھرام كىيگەن كىشىلەر تەلبىيەنى كۆپ ئېيتىشى كېرەك بولۇپمۇ ۋاقىت ۋە ئورۇن ئالماشقاندا كۆپ ئېيتىش كېرەك بولىدۇ، ئۈستۈن جايغا چىققاندا، تۆۋەن جايغا چۈشكەندە، كېچە بولغاندا ۋە كۈندۈز بولغاندا شۇنداق قىلىش كېرەك، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن رەھمىتى، مەغپىرىتى، رازىلىقى ۋە جەننىتىنى سوراش، ئاللاھغا سېغىنىپ دوزاختىن پاناھ تىلەش كېرەك.

تەلبىيە ئېيتىش ئۆمرە قىلغاندا، ئېھرام كىيگەندە باشلىنىپ، تاۋاپنى باشلىغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ، تاۋاپنى باشلىغاندا تەلبىيەنى توختىتىپ ئۆزى خالىغان دۇئانى قىلىدۇ.

  مەككىگە كېرىدىغان ۋاقىتتا يۇيۇنۇش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا مەككىگە كېرىشكە ئاز قالغاندا يۇيۇنۇپ كىرسە ياخشى بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ مەككىگە كېرىدىغان ۋاقىتتا شۇنداق قىلغان. [مۇسلىم رىۋايىتى1259-ھەدىس].

     ئىككىنچى: تاۋاپ: ھەرەم مەسچىتىگە كىرگەندە ئوڭ پۇتى بىلەن كىرىپ: "بىسمىللاھ، ۋەسسەلاتۇ ۋەسسەلامۇ ئەلا رەسۇلۇللاھ، ئاللاھۇممە ئەغپىرلى زۇنۇبى، ۋەپتەھلى ئەبۋاب رەھمەتىكە، ئەئۇزۇ بىللاھىلئەزىيم، ۋەبىۋەجھىھىل كەرىيم، ۋەبىھى سۇلتانىھىل قەدىيم مىنەششەيتانىررەجىيم دەيدۇ، ئاندىن ھەجەر ئەسۋەد تەرەپكە يېقىنلىشىپ تاۋاپنى باشلاش ئۈچۈن مۇمكىن بولسا ھەجەر ئەسۋەدنى قولى بىلەن سىلايدۇ ۋە سۆيىدۇ، سۆيۈش مۇمكىن بولمىسا قولى بىلەن سىلاپ قولىنى سۆيىدۇ، قولى بىلەن سىلاشمۇ مۇمكىن بولمىسا ھەجەر ئەسۋەدكە يۈزلىنىپ تەكبىر ئېيتىپ قولى بىلەن ئىشارەت قىلىدۇ ئەمما قولىنى سۆيمەيدۇ.

    ھەجەر ئەسۋەدنى سىلىغاننىڭ پەزىلىتى كۆپ بولۇپ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ھەجەر ئەسۋەدنى كۆرىدىغان ئىككى كۆز ۋە سۆزلەيدىغان تىلى بار ھالەتتە ھازىر قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنى سىلىغان كىشىلەرگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئالبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "ئەتتەرغىيب ۋەتتەرھىيب"ناملىق ئەسەر 1144- نومۇرلۇق ھەدىستە سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    ئەڭ ياخشىسى قىستىلىپ بېرىپ كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك كېرەك، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېگەن: ئەي ئۆمەر! سەن كۈچلۈك ئادەم، ھەجەر ئەسۋەدكە قىستىلىپ بېرىپ، ئاجىز كىشىلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزمە، بوش ئورۇن تاپساڭ بېرىپ سىلىغىن، بوش ئورۇن تاپالمىساڭ ئۇنىڭغا قاراپ تەكبىر ئېيتساڭ بولىدۇ. [ئەھمەد رىۋايىتى191-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئالبانى "ھەج-ئۆمرە پائالىيتى"توغرىسىدىكى رىسالىسى 21-بەتتە كۇچلاندۇرغان].

    ئاندىن بەيتۇللاھنى سول تەرىپىدە قىلىپ، ئوڭ تەرەپتىن ماڭىدۇ، رۇكنۇل يەمەنىغا يېتىپ كەلگەندە(بۇ ھەجەر ئەسۋەدتىن كېيىنكى ئۈچىنچى بۇرجەك)ئۇنى سۆيمەستىن ۋە تەكبىر ئېيتماستىن سىلايدۇ، ئەگەر سىلاش مۇمكىن بولمىسا تاۋاپنى داۋاملاشتۇرىدۇ، باشقىلارنى قىستىمايدۇ، رۇكنۇل يەمانى بىلەن ھەجەر ئەسۋەد ئارىسىدا: ئەي پەرۋەردىگارىم!بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ۋە ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلغىن، دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىندەيدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئالبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ، ئەبۇ داۋۇدنىڭ 1666-نومۇرلۇق  ھەدىستە، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن.

   ھەر قېتىم ھەجەر ئەسۋەد يېنىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭغا قاراپ تەكبىر ئېيتىدۇ، تاۋاپ جەريانىدا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە بىلىدىغان دۇئا ۋە زىكىرلەرنى ۋە قۇرئان ئوقۇيدۇ، چۈنكى كەبىنى تاۋاپ قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ زىكرىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەتتۇر.

    بۇ تاۋاپ جەريانىدا ئەر كىشى مۇنۇ ئىككى ئىشنى قىلىدۇ:

1-تاۋاپنى باشلىغاندىن تارتىپ ئاخىرلاشقىچە ئوڭ دولىسىنى ئېچىپ، ئېھرامىنى ئوڭ قولتۇقىنىڭ ئاستىدا قىلىپ، ئېھرامنىڭ ئىككى تەرىپىنى سول دولىسىنىڭ ئۈستىگە تاشلايدۇ، تاۋاپنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېھرامىنى تاۋاپ قىلىشتىن بۇرۇنقى ھالىتى بويىچە ئورايدۇ، چۈنكى دولىنى ئېچىپ قويۇش دېگەن پەقەت تاۋاپ جەريانىدا بولىدۇ.

2-تاۋاپنىڭ ئاۋۋالقى ئۈچ ئايلىنىشىدا سوكۇلداپ ماڭىدۇ، ئەمما قالغان تۆت ئايلىنىشىدا سوكۇلدىماستىن ئادەتتىكىدەك ماڭىدۇ.

   كەبىنى يەتتە قېتىم ئايلىنىپ تاۋاپنى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ دولىسىنى يېپىپ، ماقامى ئىبراھىم تەرەپكە كېلىپ:ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قەدەم ئىزى بار جاينى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار دېگەن ئايەتنى ئوقۇيدۇ، ئاندىن بۇ يەردە ئىككى رەكەت تاۋاپ نامىزى ئوقۇيدۇ، بىرىنچى رەكەتتە پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن كاپىرۇن سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ، ئىككىنچى رەكەتتە پاتىھە سۈرىسىدىن كېيىن ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇيدۇ، نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مۇمكىن بولسا بېرىپ ھەجەر ئەسۋەدنى سىلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەقەت سىلاش كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر سىلاشمۇ مۇمكىن بولمىسا ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.

   ئۈچىنچى: سەئيى: ئاندىن سەئى قىلىدىغان جايغا چىقىدۇ، ساپاغا يېقىنلاشقاندا: ھەقىقەتەن ساپا-مەرۋە ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرىدۇردېگەن ئايەتنى ئوقۇپ، ئاللاھ تائالا ئايەتتە باشلىغان جاي بىلەن باشلايمىز دەپ كەبە كۆرۈنگۈدەك ھالەتتە ساپا تېغىنىڭ ئۈستىگە چېقىپ، كەبىگە قاراپ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ خالىغان دۇئالارنى قىلىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ جايدا قىلغان دۇئالىرىدىن: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھى مەبۇد يوقتۇر،ئاللاھ بىردۇر، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، بارلىق مۇلكىيەت ۋە ھەمدۇ-سانالار ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھى مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ بىردۇر، ئاللاھ ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى يۈرگۈزدى، بەندىسىگە ياردەم بەردى، بىرلەشكەن قوشۇننى ئۆزى يالغۇز مەغلۇب قىلدى. [مۇسلىم رىۋايىتى1218-ھەدىس].

    بۇ دۇئانى ئۈچ قېتىمدىن تەكرارلايدۇ، بۇنىڭ ئارىلىقىدا باشقا دۇئالارنىمۇ ئوقۇيدۇ، بۇ زىكىرلەرنى دەيدۇ ئاندىن دۇئا قىلىدۇ، يەنە بۇ زىكىرلەرنى دەيدۇ ئاندىن دۇئا قىلىدۇ، بۇ زىكىرلەرنى ئۈچىنچى قېتىم دەپ دۇئا قىلماستىن مەرۋە تەرەپكە چۈشۈپ كېتىدۇ.

    يېشىل چىراغ بىلەن بەلگە قېلىنغان جايغا كەلگەندە، باشقىلارغا ئازار يەتكۈزمەستىن كۈچەپ يۈگۈرەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا سەئى قىلغاندا: ئىككى بەلگىنىڭ ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتىدۇ دېگەن. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئالبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ، ئىبنى ماجەنىڭ 2419-نومۇرلۇق ھەدىسىنى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

    يېشىل چىراغنىڭ ئىككىنچى تەرىپىگە ئۆتكەندە مەرۋىگە بېرىپ بولغىچە ئادەتتىكىدەك ماڭىدۇ، مەرۋىگە كەلگەندە ئۈستىگە چېقىپ قىبلىگە يۈزلىنىپ، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ساپادا دېگەن سۆزلەرنى دەيدۇ، ئاندىن مەرۋىدىن چۈشۈپ ساپاغا قاراپ ماڭىدۇ، ماڭىدىغان ئورۇنلاردا ماڭىدۇ، يۈگۈرىدىغان ئورۇنلاردا يۈگۈرەيدۇ، ساپاغا يېتىپ كەلگەندە دەسلەپتە قىلغاندەك قىلىدۇ، مەرۋىدىمۇ شۇنداق قىلىپ ساپا-مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم مېڭىشنى تاماملايدۇ، يەنى ساپادىن مەرۋىگە كېلىش بىر بولىدۇ، مەرۋىدىن ساپاغا كېلىش يەنە بىر ھېسابلىنىدۇ، سەئيى قىلىش جەريانىدا قۇرئان ئوقۇيدۇ ۋە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان زىكىر-دۇئالارنى قىلىپ ئاللاھتىن ھاجىتىنى سورايدۇ.

    ئاگاھلاندۇرۇش: ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقەتەن ساپا-مەرۋە ئاللاھنىڭ ئالامەتلىرىدۇر دېگەن ئايەتنى سەئيى قىلىشنى مەقسەت قىلىپ بىرىنچى قېتىمدا ساپاغا يېقىنلاشقاندا دەيدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك ھەر قېتىم ساپا-مەرۋىگە يېقىنلاشقاندا تەكرار دېيىش ياخشى ئەمەس.

    تۆتىنچى: چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش: ساپا-مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم يۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئەرلەر چېچىنى ئالدۇرىدۇ ياكى قىسقارتىدۇ.

     چاچنى ئالدۇرغاندىمۇ تولۇق ئالدۇرۇش، قىسقارتقاندىمۇ تولۇق قىسقارتىش كېرەك. چاچنى قىسقارتقاندىن تولۇق ئالدۇرغان ياخشى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چېچىنى ئالدۇرغانلارغا ئۈچ قېتىم ۋە چېچىنى قىسقارتقانلارغا بىر قېتىم ئاللاھتىن رەھمەت تىلەپ دۇئا قىلغان. [مۇسلىم رىۋايىتى1303-ھەدىس].

    ئاياللار بولسا چېچىنىڭ ئۇچىدىن بارماق مىقدارىدا قىسقارتىدۇ. مۇشۇ ئىشلار بىلەن ئۆمرە پائالىيتى تامام بولىدۇ، ئۆمرە قىلىش: ئېھرام كىيىش، تاۋاپ قىلىش، سەئيى قىلىش ۋە چاچنى ئالدۇرۇش ياكى قىسقارتىش بىلەن تامام بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا بىزنى ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلسۇن، قىلغان ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىزگە بەك يېقىندۇر ۋە دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.

    شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھنىڭ"ھەج-ئۆمرە پائالىيتى"ناملىق ئەسىرى، شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ"ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرى" ۋە "ھەج-ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ئۈچۈن كۆرسەتمە" ناملىق ئەسىرىگە قارالسۇن.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى