پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەن كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى توغرىسىدا

سۇئال

قارىسام، بەزى كىشىلەر ھېيت نامىزىغا كەلگەندە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيدىكەن، يەنە بەزىلەر "ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر، ۋە لىللاھىلھەمدۇ" دەپ تەكبىر ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن، مۇشۇ ئىشلارنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمىنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن، مەسچىت ياكى ھېيت نامىزى ئوقۇيدىغان جايدا ناماز ئوقۇشنىڭ ئارىسىدا پەرق بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

سۈننەت بويىچە ھېيت نامىزى ياكى سۇ تەلەپ نامىزى ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگەن كىشىلەر مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى ئوقۇماي ئولتۇرىدۇ، چۈنكى بىلىشىمىزچە بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياكى ساھابىلاردىن نەقىل قىلىنمىدى، ئەمما ناماز مەسچىتتە ئوقۇلىدىغان بولسا، ئىككى رەكئەت مەسچىت ھۆرمىتى نامىزىنى ئوقۇيدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرگەندە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇمىغۇچە ئولتۇرمىسۇن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ھېيت نامىزىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان كىشىنىڭ تەھلىل ۋە تەكبىرنى كۆپ ئوقۇشى يولغا قويۇلغان، چۈنكى ئۇ ئاشۇ كۈننىڭ شۇئارى، بۇنداق قىلىش مەسچىتنىڭ ئېچى ۋە سىرتىدىكى ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن خۇتبە ئاخىرلاشقانغا قەدەر سۈننەت. قۇرئان قىرائەت قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ تۈرلۈك ماقالە ۋە پەتىۋالار مەجمۇئەسى: 13-توم، 13-بەت