پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

نىكاھ بىلەن بىر يەردە بولۇش ئارىسىنىڭ ئۇزاپ كېتىشى شەرىئەتتە ياخشى كۆرەلمەمدۇ؟

10048

تارقاتقان ۋاقىت : 20-02-2013

كۆرگۈچىلەر : 6121

سۇئال

نىكاھ خۇتبىسى قىلىنىپ ئايالى بىلەن بىرگە بولۇش ئارىسىدىكى ۋاقىت ئۇزاپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بىز بۇ سوئالنى مەرھۇم شەيخ ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىيندىن سورىغان ئىدۇق، شەيخ سۇئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ، مۇنداق دېگەن: "بۇنىڭ ھېچ زىيىنى يوق. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئائىشە ئانىمىز ئالتە ياش ۋاقتىدا ئۇنىڭغا نىكاھ خۇتبىسى قىلغان، توققۇز ياشقا كىرگەندە بىرگە بولغان.

نىكاھلانغۈچى بەزى ۋاقىتتا قىزنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭپىكىر-قاراشلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، نىكاھ ئەھدىسىدىن كىيىنلا ئايال بىلەن بىرگە بولۇشقا ئالدىرايدۇ، بۇنداق قىلىشمۇ دۇرۇس.

ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە: ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توي بۇزۇلىدىغان ھادىسىلەر ياكى ئىككىسىنىڭ بىرى ۋاپات بولۇش ياكى تالاققا سەۋەب بولىدىغانئامىللارنىڭ يۈزبېرىشىدىنساقلىنىشئۈچۈن، نىكاھ خۇتبىسىتوي كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن قىلىنسا ياخشى بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلسۇن.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۈسەيمىن رەھىمەھۇللاھ.