پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ يۇرتىغا سەپەر قىلىشنىڭ شەرتلىرى

سۇئال

بەزى ياشلار دوختۇرلۇق ۋە باشقا بىلىملەرنى ئىگەللەشنى مەقسەت قىلىدۇ، لېكىن بۇ جەرياندا قىز-ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىشى ۋە سىرىتلارغا سەپەر قىلىش دېگەندەك قېيىنچىلىقلار بار، بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ئاشۇ مەقسەتتىكى ياشلارغا قانداق نەسىھەت قىلىسىلەر؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مېنىڭ دوختۇرلۇق ۋە باشقا بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان ياشلارغا قېلىدىغان نەسىھىتىم: ھەقىقەتەن بىز يۇرتىمىزدا بۇ بىلىملەرگە بەك ئېھتىياجلىق، قىز-ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىپ ئوقۇشىغا كەلسەك، ئاللاھغا شۈكۈرلەر بولسۇن يۇرتىمىزدا ئىنسان كۈچىنىڭ يېتىشچە بۇنىڭدىن ساقلىنىشقا قادىر بولالايدۇ.

ئەمما سىرتقا يەنى كاپىرلارنىڭ يۇرتىغا سەپەر قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن ئۇ يۇرتلارغا سەپەر قىلىشنى مەلۇم شەرتلەر بىلەن بولىدۇ دەپ قارايمەن:

بىرىنچى: شۇ ئىنساننىڭ شەك-شۈبھىلەرنى رەت قىلالىغۇدەك دىنى سەۋىيەسى بولىشى كېرەك، چۈنكى كاپىرلارنىڭ يۇرتلىرىدا مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى ئۆز دىنىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك شەك-شۈبھىلەرنى كەلتۈرىدۇ.

ئىككىنچى: ئىنساننىڭ ئۆز شەھۋىتىنى توسۇيالىغۇدەك بىلىم سەۋىيەسى بولىشى كېرەك، دىنى-ئىمانى ئاجىز كىشىلەر ئۇ يۇرتلارغا سەپەر قىلماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ نەپسى شەھۋىتى غالىپ كېلىپ ئۇنى ھالاكەتكە ئېتتىرىدۇ.

ئۈچىنچى: سەپەر قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان بولىشى، ئۇ ئۈگەنمەكچى بولغان بىلىمنىڭ ياكى كەسىپنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىدە بولماسلىقى.

بۇ ئۈچ تۈرلۈك شەرت تېپىلغاندا سەپەر قىلسا بولىدۇ، بىرەر شەرت تېپىلمىسا سەپەر قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ دىنىنى ساقلىشى باشقا ئىشلارنى ساقلاشتىن مۇھىم بولىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتىنى چۈشنىش ئۈچۈن شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ "پەتىۋالار توپلىمى" 3-توم 28-بەتكە قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالىرى ناملىق ئەسەر "ئىلىم توغرىسىدا" 144-بەت