پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

يات ئەرلەر بىلەن ئارىلاشقانلىقى سەۋەبلىك، ئېرىنىڭ چىن سۆيگۈسىدىن ئايرىلىپ قالدى.

102076

تارقاتقان ۋاقىت : 02-09-2010

كۆرگۈچىلەر : 4789

سۇئال

سوئال: مەن تور بېكەتلىرى، ماسىنجىر ۋە تېلېفۇن ۋە قىسقا ئۆچۈر يوللاش ئارقىلىق بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. يولدىشىم بۇ ئىشىمنى بىلىپ قىلىپ غەزەپلەنگەن ھالەتتە، بالىلارنىڭ يۈزىنى قىلمىسام، سىنى تالاق قىلىۋېتەتتىم، بوپتۇ- سەبرى قىلاي، ئەمما ئۈستۈڭگە خوتۇن ئالىمەن دېدى. مەن خاتالىقىمنى تونۇپ تەۋبە قىلىپ، ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىپ يىڭى ھاياتنى باشلىدىم. يولدۇشۇمنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرى قىلغىلى ئۇنىمىغان ھەممە ئىشلارنى قىلدىم. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭدىن ھەردائىم تاغنى تەۋرىتىدىغان تاپا-تەنە، دەشنەم ئىشىتىپ تۇردۇم. ئارىدىن بىرقانچە ئاي ئۆتكەندە ھىلىقى يىگىت، ماڭا يەنە قايتا تېلېفۇن قىلدى ۋە ئۆچۈر يوللىشىپ تۇردۇق. مەن يولدۇشۇمنىڭ بىلىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ تېلفۇنغا جاۋاب قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنداقتىمۇ يولدىشىم بۇنى سىزىپ قىلىپ: ھەر قېتىم تېلېفۇن كەلسە، ئاشىقىڭنىڭ تېلېفۇنىنى ئالمامسەن؟، دەپ زەردى قىلاتتى، تېلېفۇن باشقا بىرىدىن كەلگەن بولسا، يەنىلا ئىشەنمەسلىك بىلەن، ئىككىڭنىڭ ئارىسىدا مەخپى شىفىرلىق سۆز قوللىنىسەن دەپ، ماڭا ئىشەنمەسلىك نەزىرىدە قارايدىغان بولۇپ قالدى. مەن قورققىنىمدىن ئامالسىز تېلېفۇن ئىشلىتىشنى توختاتتىم. مەن ھازىر ھاياتتىن بەكمۇ بىزار بولدۇم. ھەر قېتىم قۇرئان ئوقۇغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمگە ئۆلۈم تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم. مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مەسلىھەت ۋە نەسىھەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

جاۋاب:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر.
ئىنسان قەلبىدىكى تەمەخورلۇق، ئاخىرى ئۇنى ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدۇ. ئىنسان قانائەتتىن مەھرۇم بولغاندا غەم-قايغۇغا چۆكۈپ تېڭىرقاش ئىچىدە قالىدۇ، كۆڭۈل ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئىستىگىدە ھەر تەرەپكە تەلمۈرىدۇ. ئىنساننىڭ كۆڭۈل ئارزۇسى، ئۆلگەندە تۇپراق بىلەن تويىدۇ. ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. تەمەخورلۇق ئىنساننى ھارام ئىشلارغا دۇچار قىلىپ، ئابرويىنى چۈشۈرىدىغان رەزىل قىلمىشتۇر.
تۇرمۇشلۇق بولغان مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ، ئاللاھ نېمەت قىلىپ بەرگەن ئەرلىرىگە قانائەت قىلماي، باشقا ياشلار بىلەن يوشۇرۇن ئالاقە قىلىشى، شۇنىڭدەك بەزى ياشلارنىڭ، ئىپپەتلىك ئاياللارغا يامان نىيەتتە بولۇشىمۇ، چېكىدىن ئاشقان رەزىللىكتىن ئىبارەتتۇر.
مۇسۇلمانلار ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، ھېچقانداق بەختكە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، ھەقىقى بەخت-سائادەتنىڭ، ئاللاھقا بويسۇنۇش ۋە تائەت-ئىبادەت ئارقىلىق قولغا كىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.
ھۆرمەتلىك سىڭلىم! ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ ھالاك ۋە ئازابقا دۇچار بولىشىنىڭ سەۋەبى گۇناھ-مەسىيەتكە چۆمگەنلىكىدىن بولغان. سىز ئۇنى ئىنساننىڭ بەختلىك بولىشى ۋە يىڭى نېمەتكە ئېرىشىشتىكى ئاساسلىق ئامىل دەپ ئويلامسىز؟!. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە يەنى جېنىڭلار ياكى مىلىڭلارغا ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئەگەر ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا-مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلالماس ئىدىڭلار سۈرە شۇرا 30-ئايەت.
ئىنساننىڭ نەپسى گۇناھ-مەسىيەت، شەھۋەت، شەيتانى ھەۋايى-ھەۋەسكە مايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا گىرىپتار بولماق ناھايىتى ئاسان، لېكىن مەسىلە، بۇ خاتالىقلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشتۇر.
ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەھۋانىي ھەۋەسكە سەبرى قىلىش، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتكە سەبرى قىلىشتىن ئاسان بولىدۇ. شەھۋەتكە بېرىلىش ئىنساننى دەرد-ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىدۇ ياكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مەڭگۈلۈك لەززەتنى بىكار قىلىدۇ. ۋاقىتنى زايا قىلىپ مەڭگۈلۈك پۇشايمانغا سالىدۇ. ئىنساننىڭ قەلبىنى ئۆچمەس جاراھەتكە گىرىپتار قىلىدۇ. كېرەكلىك مال-دۇنياسىنى ۋەيران قىلىدۇ. يۈز-ئابرۇيىنى چۈشۈرىدۇ. پەس تەبىئەتلىك كىشىلەر سەۋەبىدىن كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، داۋاملىشىۋاتقان لەززەتلىك نېمەتتىن ئايرىلىپ بىر ئۆمۈر ھەسرەت-نادامەتتە ئۆتىدۇ".
سىز ھازىر دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، گۇناھ-مەسىيەتكە سەل قاراپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىڭىزنىڭ، ھەمدە سەمىمى تەۋبە قىلمىغانلىقىڭىزنىڭ مەھسۇلىدۇر.
ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ياخشى ئەر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ، پەرزەنتلىك بولغان بىر ئايالنىڭ، ناتونۇش ياش بىلەن ھەر تۈرلۈك ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشى، بەك چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى قىيىنچىلىقىڭىز ئاللاھ تەرىپىدىن، بۇ قىلمىشىڭىزغا بىرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك.
يولدىشىڭىزنىڭ تاپا-تەنە قىلىش ۋە ئەيىبلەش بىلەنلا كۇپايىلىنىشى، سىزنىڭ چىن قەلبىڭىزدىن ئۆرتىنىپ، ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭىزنى تونۇپ يېتىشكە يىتەرلىكتۇر.
بۇنىڭدىن بۇرۇن يولدىشىڭىزنىڭ ھاجەت- تەلەپلىرىنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقىڭىزمۇ خاتالىق بولۇپ، تىنچ ئائىلە تۇرمۇشىڭىزنىڭ ھازىرقى ھالەتكە چۈشۈپ قىلىشىنىمۇ بۇنىڭدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئەرگە ئىتائەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىشىڭىز، ئەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، تەلەپلىرىنى ئورۇنداش، ئايال كىشىنىڭ ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ۋە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ، ئورۇنداشقا تىگىشلىك ئەڭ شەرەپلىك بۇرچىدۇر.
ئەبى سەئىيد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: بىر كىشى قىزىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئىلىپ كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ قىزىم تۇرمۇشلۇق بولۇشقا ئۇنىمايۋاتىدۇ؟، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ قىزغا: ئاتىڭىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭ دەيدۇ. ئۇ قىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: سىزنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى!، ئالدى بىلەن ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەققىدىن خەۋەر بەرگىن دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەرنىڭ ئايالى ئۈستىدىكى ھەققى، ئەرنىڭ بەدىنىدە يىرىڭلىق جاراھەت بولغان تەقدىردە، بۇنى ئايال تىلى بىلەن يالاپ سۈرتۈپ قويغاندىمۇ ئەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلالمايدۇ دېدى. بۇ ھەدىسنى نەسائىي سۈنەنۇل كۇبراناملىق ئەسىرىنىڭ 3-توم 283-بەتتە، مۇنزىرى تەرغىب ۋە تەرھىبناملىق ئەسىرىنىڭ 3-توم 98-بەتتە، ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرىنىڭ 3148-ھەدىستە بايان قىلىنغان.
سىزنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىڭىزنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تۆۋەندە ئوچۇق قىلىپ دەۋېرىمىز:
سىزنىڭ تۇرمۇشتىكى راھەتسىزلىكىڭىز، ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭىز سەۋەبىدىن بولۇپ، سىز ئىشنى ئاللاھ رازى بولىدىغان تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن باشلاڭ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ خاتالىقىنى ياخشىلىققا ئۆزگەرتىپ، ئۆز پەزلى بىلەن ساۋاپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى.
تەۋبە قىلىش دېگەن كەسكىن ئىرادە ۋە قەتئى نىيەتكە كېلىپ، بۇرۇنقى ھەممە خاتالىقلاردىن قول ئۈزۈش، ئۆتكەن ئىشلارغا پۇشايمان قىلىش بىلەن بولىدۇ. سىزنىڭ ۋەقەلىكىڭىزگە كەلسەك: سىز ۋاقتىنچە يانفۇن ئىشلىتىشنى توختىتىپ، نۇمۇرىڭىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇڭ. يولدىشىڭىز سىزگە ئېشىنىپ تېلېفۇن ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغاندا ياكى سىزگە يىڭى نومۇر ئىلىپ بەرگەندىن كېيىن يانفۇن قوللىنىڭ. بۇ سىزنىڭ ھەقىقى تەۋبە قىلغانلىقىڭىزنى، يولدىشىڭز بىلەن ئارىڭىزنى ئىسلاھ قىلىشقا قىزغىن ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ.
سىز ئۆتكەنكى خاتالىقنى يەنە تەكرارلاشقا ئۇرۇنۇپ تۇرۇپ قانداقچە يولدىشىڭىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟!.
يولدىشىڭىزنىڭ سىزنى ئەپۇ قىلىپ، يىڭى تۇرمۇش يولى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكى چوڭ ئىش، بۇ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىندۇر. مەنتىقى جەھەتتىن پىكىر قىلغاندىمۇ، سىزدىن سادىر بولغان خاتالىقنىڭ ئاقىۋىتى رەسۋالىق، ئايرىلىپ كېتىش ۋە تالاقلىنىشىڭىز بىلەن نەتىجىلىنەتتى. لېكىن ئاللاھنىڭ سىزگە مېھرىبانلىق قىلىپ ئەيىبىڭىزنى يېپىپ، ئائىلىڭىزنى ۋەيرانچىلىقتىن ساقلاپ قالغانلىقى چوڭ نېمەتتىن ئىبارەت بولۇپ، سىز ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە رائىيە قىلغان ئاساستا، يولدىشىڭىزنىڭ مېھرىبانلىقىغا ھېسداشلىق ۋە سۆيگۈ بىلەن جاۋاپ قايتۇرىشىڭىز كېرەك. سىزگە قايتا قىسقا ئۆچۈر يوللىغان بۇزغۇنچى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىڭىزنى ئۈزۈڭ. ئىككىنچى قېتىم قايتا ئالاقە قىلغانلىقىڭىز خاتالىقنىڭ يەنە تەكرارلىنىشى، گۇناھ-مەسىيەتنىڭ داۋام قىلىشى ۋە ھەقىقى تەۋبە قىلىشقا سەل قاراشتىن ئىبارەت بولۇپ، يەنە ئېرىڭىز بىلەن ئارىڭىزنىڭ ياخشى بولىشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟!. ھىلىقى ئىنسانىي شەيتاننىڭ ئاۋازىنى قايتا ئاڭلاشقا، يازغان خەتلىرىنى يەنە ئوقۇشقا قانداقمۇ قەلبىڭىز يول قويدى؟! يولدىشىڭىزغا تولۇق ئىشەنچ ۋە سۆيگۈ ئاتا قىلماي تۇرۇپ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشىنى تەلەپ قىلامسىز؟!. بۇ قىلمىشىڭىز يەنە داۋام قىلىدىكەن، سىز ئىلگىرىكىدىنمۇ بەتتەر ئەھۋالغا دۇچار بولىسىز. ئەگەر يولدىشىڭىز سىزنىڭ قىلمىشىڭىزدىن ئائىلىڭىزدىكىلەرنى خەۋەرلەندۈرسە ھالىڭىز قانداق بولۇپ كېتەر؟! شۈبھىسىزكى، ئەھۋالىڭىزنىڭ ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە يامان بولۇشىدا شەك يوق.
ھۆرمەتلىك سىڭلىم! سىز پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، تىزدىن ئېرىڭىز بىلەن ئارىڭىزنى ئىسلاھ قىلىشىڭىزغا تەۋسىيە قىلىمىز. ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلىپ، يولدىشىڭىز، پەرزەنتىڭىز ۋە ئائىلىڭىزگە كۆڭۈل بۆلىشىڭىز، ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقىغا قارىماسلىقىڭىز كېرەك. ئۈمىتسىزلەنمەستىن دادىللىق بىلەن ئېرىڭىزگە ياخشىلىقتا ئىتائەت قىلىپ گۈزەل تۇرمۇشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ. يولدىشىڭىزنىڭ تاپا-تەنە، يىرىك مۇئامىلىسىدىن بوشىشىپ كەتمەڭ. سىز سەمىمىيەت ۋە ئىخلاس بىلەن شەرىئەتكە بويسۇنسىڭىز، مەلۇم مۇددەتتىن كىيىن بولسىمۇ ئاللاھ ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق سىز ئۈمىد قىلىۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىڭىز يىڭىلانغۇسى.
ئىنسان ھاياتلىق دۇنياسىدا، تىنچ-خاتىرجەملىككە پۈركەلگەن، سۆيگۈ- مۇھەببەتكە چۆمگەن، ئىللىق ئائىلە تۇرمۇشىدىن باشقا نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟!. بۇنى ئاللاھغا ھەقىقى بەندىچىلىك قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ. ئاللاھ كىمگە بۇنداق نېمەت ئاتا قىلىدىكەن، نېمەتنى قەدىرلەپ، تەقۋادارلىق قىلىپ، ئاللاھغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتسۇن. قانائەتچانلىق تۈگىمەس بايلىقتۇر. ئاللاھ سىزگە ھىدايەت، تەۋپىق ۋە بەخت-سائادەت ئاتا قىلسۇن.
ھەممىدىن ياخشىسىنى ئاللاھ بىلگۇچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى