جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

بۇ يىل ئاشۇرا كۈنىنى قانداق بىلىمىز؟

سۇئال

بۇ يىل ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسىنى قانداق تۇتىمىز؟. بىز يېڭى ئاينىڭ قاچان كىرگەنلىكىنى، زۇلھەججە ئېيىنىڭ 29 ياكى 30 كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمىز، ئاشۇرا كۈنىنى قانداق بېكىتىمىز ۋە ئۇنىڭ روزسىىنى قاچان تۇتىمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بىز زۇلھەججە ئېيىنىڭ 29 ياكى 30 كۈن ئىكەنلىكىنى بىلەلمىسەك، بىرەر كىشى مۇھەررەم ئېيىنىڭ قاچان كىرگەنلىكىدىن خەۋەر بەرمىگەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بىز ئەسلى قائىدە بويىچە ئاينى 30 كۈن ھېسابلاپ، زۇلھەججە ئېيىنى 30 كۈن قىلىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئاشۇرا كۈنىنى بېكىتىمىز.

مۇسۇلمان كىشى ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئىككى كۈن ئارقىمۇ-ئارقا روزا تۇتۇش كېرەك، شۇ ئارقىلىق ئاشۇرا كۈنىنىڭ قايسى كۈن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. زۇلھەججە 29 كۈن ياكى 30 كۈن بولسۇن ئىككى كۈن ئۈزمەي روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاشۇرا كۈنىدىكى پەزىلەتنى تاپىدۇ، يەنى ئۇ كىشى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 9- ۋە 10- كۈنى ياكى 10- ۋە 11- كۈنى روزا تۇتقان بولىدۇ. بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسى ياخشىدۇر.

ئەمما 9-كۈنىنىڭ روزىسىنى تاللايدىغانلار بولسا ئېھتىيات قىلىش يۈزىسىدىن، ئۈچ كۈن ئۈزۈلدۈرمەي روزا تۇتۇشى كېرەك. (يەنى 8- 9- 10- كۈنى ياكى 9- 10- 11- كۈنى) يۇقىرىدىكى ئىككىلى ھالەتتە چوقۇم 9- 10- كۈنىدە روزا تۇتقان بولىدۇ. (بۇ ھىجرىيە ئايلىرىدىن پەقەت خەۋىرى بولمىغان كىشى ئۈچۈندۇر).

ئەمما مەن خىزمەت ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى پەقەت بىر كۈنلا روزا تۇتالايمەن، مەن قايسى كۈندە روزا تۇتسام ياخشى بولىدۇ؟ دېگەن كىشىگە: سىز زۇلھەججە ئېيىنى 30 كۈن ھېسابلاپ ئاندىن مۇھەررەم ئېيىنى ھېسابلاپ 10- كۈنى روزا تۇتۇڭ دەپ جاۋاپ بېرىمىز.[بۇ جاۋاپ بىر كىشى مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز جانابلىرىدىن مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا سورالغىنىدا بەرگەن جاۋابى[.

ئىشەنچىلىك مۇسۇلمان كىشى بىزگە مۇھەررەم ئېيىنى كۆردۈم دەپ خەۋەر بېرىدىكەن، بىز ئۇنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسەن ئەمەل قىلىمىز.

مۇھەررەم ئېيىدا روزا تۇتۇش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: رامىزان ئېيىدىن قالسا مۇھەررەم ئېيىدا تۇتۇلغان روزىنىڭ پەزىلىتى ئارتۇقتۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى 1163- ھەدىس].

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد