پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مەسجىتنىڭ جامائەتلىرى بامدات نامىزىنى ۋاقتى كېرىشتىن بۇرۇن ئوقۇيدىغان بولسا، ئۇلار بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

بامدات نامىزى توغرىسىدا قېيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىمىز، ئەتتىگەندە بامدات نامىزى ئوقۇپ مەسچىتتىن چىقساق تاڭ يورىمايدۇ، جامائەت بىلەن بىرلىكتە بامدات نامىزى ئوقۇش كېرەكمۇ؟ ياكى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ئۆيدە ئوقۇساممۇ بولامدۇ؟ ئىككىلىنىپ قالدىم، جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى ئىككىنچى قېتىم رەسمى تاڭ يورىغاندىن كېيىن باشلىنىپ، كۈن چېقىدىغان ۋاقىتقىچە داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭ جاۋابىنى 26763- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق، نۇرغۇن كىشىلەر بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتىنى بېكىتىشتە كالىندارغا تايىنىپ خاتالىشىدۇ، كۆپلىگەن كالىندارلاردا بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتىنى توغرا بېكىتمەيدۇ، نۇرغۇن ئۆلىمالار بۇنى ئوچۇق بايان قىلدى.

   ھازىرقى دەۋرىدىكى ئۆلىمالار كالىندار سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغان خاتالىقلارنى بېكىتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى يۈز بېرىدىغان خاتالىق بەش مىنۇتتىن ئىشىپ كەتمەيدۇ دېدى، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز مىنۇتقا يېتىدۇ دېدى.

    بىز سىزنىڭ شەھرىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيمىز، لېكىن ھەر شەھەردە بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتىنى توغرا بىكىتىدىغان، جامائەتكە بىلدۈرىدىغان، خاتالىق كۆرۈلسە كالىندارغا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئىشەنچىلىك ئۆلىمالاردىن بولىدۇ.

    ھېچ كىشى دەلىل-ئىسپاتسىز بامدات نامىزىنى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇلدى دىيەلمەيدۇ، بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردە تۇرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بامداتنىڭ ۋاقتى كىرگەنلىكىنى بىلىشى قېيىن بولىدۇ، چۈنكى تاڭنىڭ يورۇقلىقى چىراقلارنىڭ شولىسى بىلەن بېرىكىپ كېتىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: مەلۇم جامائەتلەر بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەنلىكىنى بىلەلمەي، ئىشەنچلىك كىشىلەرنىڭ خەۋەر بېرىشى بىلەن نامازنى ئوقۇغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى كىشىلەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەنلىكىدىن شەك قىلغان؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر ئۇلار خەۋەر بەرگەن كىشىگە ئىشىنىدىكەن، يەنى ئۇ كىشىنى نامازنىڭ ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلىدۇ دەپ قارايدىكەن ئۇلارغا ھېچ خاتالىق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلارغا نامازنى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇغانلىق مەلۇم بولمىغان، ئىشەنچىلىك كىشىنىڭ سۆزى بىلەن نامازنى ئوقۇپ، ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇغانلىقى مەلۇم بولمىغان بولسا، ئۇلارغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئەگەر ئىنسان شەكلىنىپ قالىدىكەن ئېھتىيات قىلىش كېرەك، ئۆزى نامازنىڭ ۋاقتى كىردى دەپ ئىشەنچ قىلغاندا ئاندىن نامازنى ئوقۇش كېرەك، جامائەتكىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بەش مىنۇت ياكى ئون مىنۇت كۈتەيلى نامازنىڭ ۋاقتى تەكىتلەنسۇن دېيىش كېرەك، چۈنكى ئون مىنۇت ياكى ئون بەش مىنۇت ساقلاش نامازنى ۋاقتى كىرىشتىن  بىر-ئىككى مىنۇت بۇرۇن ئوقۇشتىن ياخشىدۇر". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى 12-سوئال 146-نومۇر].

    ئىككىنچى: سىز مەسچىتنىڭ جامائەتلىرىگە نامازنىڭ ۋاقتى كىردى دەپ ئىشەنچ قىلغانغا قەدەر كىچىكتۈرۈپ نامازنى ئوقۇشقا نەسىھەت قىلىپ، ئۇلار بۇنىڭغا قېتىلسا، ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن ياخشى بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇنىڭغا قېتىلماي ئەسلىدىكى بويىچە نامازنى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرسا، سىز نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇيدىغان باشقا مەسچىتكە بېرىڭ، ئەگەر باشقا مەسچىت تاپالمىسىڭىز، نامازنى جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇڭ، چۈنكى ئەگەر سىز ۋاقتى كىرمىدى دەپ ئۇلار بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇمىسىڭىز ياكى مەسچىتكە كەلمىسىڭىز، بۇ ئىش داۋاملاشسا، جامائەت سىزنى نامازنى تەرك قىلدى دەپ خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭدەك سىزدىمۇ مەسچىتكە كەلمەيدىغان، ناماز ۋاقتىدا ئۇخلايدىغان، جەمائەتنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. سىز مەسچىتتە نامازنى ئوقۇپ، ئۆيگە قايتىپ نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە نامازنى قايتىدىن ئوقۇڭ، شەيخ  ئەلبانىمۇ شۇنداق نەسىھەت قىلغان.

   شەيخ ئەلبانىدىن بىرسى: مەسچىتنىڭ جامائەتلىرى بامدات نامىزىنى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇسا، بىز مەسچىتتە جەمائەت بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇيمىزمۇ ياكى ئۆيدە ئوقۇيمىزمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇستاز جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئۇ كىشىگە ئىككى ئىشنى نەسىھەت قىلىمىز: ئۇ مەسچىتكە بېرىپ جامائەت بىلەن پەرز نامازنى ۋاقتى كىرىشتىن بۇرۇن ئوقۇيدۇ، بۇ ناماز ئۇكىشىگە نەپلە بولىدۇ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە پەرزنى قايتىدىن ئوقۇيدۇ.

    لېكىن بۇ يەردە مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى بۇنى قىلالمايدۇ، ئۇ بولسىمۇ مەسچىت جامائەتلىرىگە مۇشۇ مۇھىم مەسىلە توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشتىن ئىبارەتتۇر". [ھىدايەت ۋە نۇر پىراگرامىسى(767) لىنتا(32) مىنۇت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى