شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

چوڭ ۋە كېچىك جىھاد توغرىسىدا

10455

تارقاتقان ۋاقىت : 15-04-2014

كۆرگۈچىلەر : 4692

سۇئال

چوڭ جىھاد دېگەن نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىشمۇ ياكى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەنلەر بىلەن ئەمەلىي جىھاد قىلىشمۇ؟، بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قېتىملىق غازاتتىن قايتقاندا، ساھابە كىراملارغا: بىز كېچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتتۇق، دېۋىدى، ساھابىلار: كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قېلىشتىنمۇ كاتتا جىھاد بولامدۇ؟ دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەئە، بار، ئۇ بولسىمۇ نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش، دېدى دەپ رىۋايەت قېلىنغان بۇ ھەدىس پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قېلىنغان سەھىھ ھەدىس ئەمەس.

ھەقىقەتەن نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىشنىڭ كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىشتىن ئىلگىرى تۇرىدىغانلىقىدا ھېچ شەك-شۈبھە يوق. ئىنسان ئۆز نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلماستىن كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلالمايدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ تەبىئىتى جاپا-مۇشەققەتنى ياقتۇرمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:كُتِبَ عليكم القِتَالُ وهو كُرْهٌ لَكُمْ وعَسَى أن تكرهوا شيئا وهو خيرٌ لكم وعسى أنْ تحبوا شيئا وهو شرٌ لكم والله يعلم وأنتم لا تعلمونتەرجىمىسى: سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىندى، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. سىلەر بىرەر نەرسىنى ياقتۇرۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىلەر ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. (سىلەرگە نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ بىلىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر، (شۇنىڭ ئۈچۈن) ئاللاھ بۇيرۇغانغا ئالدىراڭلار. [سۈرە بەقەرە 216-ئايەت].

دۈشمەنگە قارشى جىھاد قىلىش پەقەت نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىش نەتىجىسىدە بارلىققا كىلىدىغان بولۇپ، نەپسى جىھادقا رازىمەنلىك بىلەن بويسۇنىدىغان ھالەتكە كەلگەندە ئاندىن روياپقا چىقىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ مىنارۇل ئىسلام پەتىۋالىرى2-توم 421-بەت].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "جىھاد تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش. شەيتان بىلەن جىھاد قىلىش. كاپىرلار بىلەن جىھاد قىلىش. مۇناپىقلار بىلەن جىھاد قىلىش.

نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش بولسا: نەپسىنى ھىدايەت يولىغا يېتەكلەش ئۈچۈن يېتەرلىك بىلىم ئىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش، تەلىم ئالغاندىن كېيىن ئۈگەنگەنلىرىگە ئەمەل قىلىش، كىشىلەرنى دىنغا چاقىرىش، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش يولىدا دۇچ كەلگەن بارلىق قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەتلەرگە سەبىر قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر.

شەيتانغا قارشى جىھاد قىلىش بولسا: شەيتاننىڭ ئىنسانغا تۈرلۈك شەك-شۈبھىلەرنى پەيدا قىلىشىغا، ئىمان ۋە ئەقىدىگە زىت بولغان ئىككىلىنىشنى پەيدا قىلىشىغا، نەپسى-شەھۋەت بۇزۇقچىلىققا تۈرتكە بولىدىغان پىتنىلەرگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

كاپىر ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلىش بولسا: قەلبى بىلەن، تىلى بىلەن، مىلى بىلەن ۋە نەپسى بىلەن بولىدۇ. كاپىرلارغا قارشى جىھاد ئاساسەن قولى بىلەن بولىدۇ. مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد تىلى بىلەن ئاغزاكى، تەشۋىقاتۋە قارشى تۇرۇش ۋە رەددىيە بېرىش بىلەن بولىدۇ.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: تۆت تۈرلۈك جىھادنى تولۇق ئادا قىلغان كىشى ئەڭ مۇكەممەل ئىنسان ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ جىھاد قىلىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدىكى ئورنى ئوخشاش بولمايدۇ." [زادۇل مەئاد 3-توم 9-12-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد