پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئۇلارغا نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىش توغرىسىدا

سۇئال

   ئاللاھ تائالا ئەۋەتكەن ئەلچى-پەيغەمبەرلەر كىملەر؟، ئاللاھ تائالا ئۇلار بىلەن بىرگە نازىل قىلغان كىتابلار قايسىلار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى زېمىنغا چۈشۈرگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى زېمىننىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تارالدى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى شۇ ھالىتىدە قويۇپ قويمىدى، بەلكى ئۇلارغا رىزىق پەيدا قىلدى، ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ۋەھى نازىل قىلدى، ئۇلاردىن ئىمان ئىيتقانلىرى بولدى ۋە ئىمان ئېيتماي كاپىر بولغانلىرىمۇ بولدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَّسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ ۖ فَمِنْهُم مَّنْ هَدَى اللَّهُ وَمِنْهُم مَّنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلَالَةُ تەرجىمىسى: «بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار» [سۈرە نەھىل 36-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ساماۋى كىتابلار تۆت بولۇپ ئۇلار: تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر ۋە قۇرئان كىرىمدىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎نَزَّلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَأَنزَلَ التَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) (ئاللاھ) ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچى كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەق بىلەن نازىل قىلدى. ئىلگىرى، كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى» [سۈرە ئال ئىمران 3-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَآتَيْنَا دَاوُودَ زَبُورًا﴾‏ تەرجىمىسى: «داۋۇتقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق» [سۈرە ئىسرا 55-ئايەت]. 

   ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر بەك كۆپ بولۇپ ئۇلارنىڭ ئېنىق سانىنى پەقەت ئاللاھ تائالا بىلىدۇ، ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ ۋەقەلىكى بىزگە بايان قىلىندى، بەزىلىرىنىڭ ۋەقەلىكى بايان قىلىنمىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَرُسُلًا قَدْ قَصَصْنَاهُمْ عَلَيْكَ مِن قَبْلُ وَرُسُلًا لَّمْ نَقْصُصْهُمْ عَلَيْكَ تەرجىمىسى: « بىز نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىلگىرى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا بايان قىلغانلىرىمىزمۇ بار، ساڭا بايان قىلمىغانلىرىمىزمۇ بار» [سۈرە نىسا 164-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان بارلىق كىتابلارغا ۋە ئاللاھ تائالا ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەر-ئەلچىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا آمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي نَزَّلَ عَلَىٰ رَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي أَنزَلَ مِن قَبْلُ ۚ وَمَن يَكْفُرْ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا بَعِيدًا تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ۋە ئىلگىرى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا (يەنى قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ساماۋى كىتابلارغا) ئىمان كەلتۈرۈڭلار. كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، كىتابلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ» [سۈرە نىسا 136-ئايەت].

    پەيغەمبەر ۋە ئەلچى دېگەن بىر ئاتالغۇنىڭ ئىككى ئىسمى بولۇپ، ئۇ ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن كىشىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللىغان پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ دىنىنى بەندىلىرىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَّٰكِنِ ٱلرَّٰسِخُونَ فِي ٱلۡعِلۡمِ مِنۡهُمۡ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ يُؤۡمِنُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبۡلِكَۚ وَٱلۡمُقِيمِينَ ٱلصَّلَوٰةَۚ وَٱلۡمُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ أُوْلَٰٓئِكَ سَنُؤۡتِيهِمۡ أَجۡرًا عَظِيمًا تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىلىمى چوڭقۇر بولغانلارغا، ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا)، سەندىن ئىلگىرى (ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە) نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتىدىغان مۆمىنلەرگە، نامازنى ئۆتىگۈچىلەرگە، زاكات بەرگۈچىلەرگە، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا (جەننەتتە مەڭگۈ قېلىشتىن ئىبارەت) كاتتا ئەجىر ئاتا قىلىمىز» [سۈرە نىسا 162-ئايەت].

    پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەر بەك كۆپ بولۇپ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلاردىن يىگىرمە بەشنى زىكىر قىلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئېيتىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئۇلار: ئادەم، ئىدرىس، نۇھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، لۇت، ئىسمائىل، ئىسھاق، ياقۇپ، يۈسۈپ، شۇئەيىب، ئەييۇپ، زۇل كەپىل، مۇسا، ھارۇن، داۋۇد، سۇلايمان، ئىلياس، يۈنۈس، زەكەرىيا، ئىيسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاتارلىقلاردۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   قۇرئان كەرىم بولسا ساماۋى كىتابلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغىنىدۇر، قۇرئان كەرىم ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان كىتابلارنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچى، ھەممىگە ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، ئۇ كىتابلاردىن باشقىسىنى تەرك قىلىپ پەقەت قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ مِنَ الْكِتَابِ وَمُهَيْمِنًا عَلَيْهِ ۖ فَاحْكُم بَيْنَهُم بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى (ساماۋى) كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان قۇرئان(ئەھكامى) بويىچە ھۆكۈم قىلغىن» [سۈرە مائىدە 48-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا ئادەم ئەۋلادلىرىدىن ئەلچىلەرنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى تاللاپ، ھەر بىر مىللەتكە ئەۋەتتى، ئۇلارنى كىشىلەرنى يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشقا، ئىككى دۇنيادا بەخت-سائادەت تاپىدىغان، ئىمان ئىيتقانلارغا جەننەت بىلەن خوش خەۋەر بېرىدىغان، ئىمان ئېيتماي كاپىر بولغانلارغا دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغان قانۇن-پرىنسىپ ۋە شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈشكە ئەۋەتتى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَّسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ ۖ فَمِنْهُم مَّنْ هَدَى اللَّهُ وَمِنْهُم مَّنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلَالَةُ تەرجىمىسى: «بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن(يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار». [سۈرە نەھىل 36-ئايەت]. 

   ئاللاھ تائالا بەزى پەيغەمبەر، ئەلچىلەرنى بەزىسىدىن پەزىلەتلىك قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئاللاھ تائالا بارلىق پەيغەمبەرلەر ئارىسىدىن تاللىغان(ئۇلۇل ئەزمى) ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەردۇر، ئۇلار: نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن. ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. ھەر بىر پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ مىللىتى-قوۋمىگە ئەۋەتىلدى. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قىيامەتكىچە بولغان بارلىق ئىنسانلارغا ئەۋەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك، پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا كَافَّةً لِّلنَّاسِ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ‎ ‏تەرجىمىسى: «سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە (كاپىرلارنى ئازاب بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ» [سۈرە سەبا 28-ئايەت].

   پەيغەمبەر، ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ تائالا تاللىغان بولۇپ، ئۇلارنى بارلىق مىللەتلەر-ئۈممەتلەر، خەلقلەر ئۈچۈن ئۈلگە، تەربىيىلىگۈچى، ئەدەپ-ئەخلاق تەلىم بەرگۈچى قىلدى، ئۇلارنى ئەلچىلىك بىلەن شەرەپلەندۈردى، ھۆرمەتلىك قىلدى، گۇناھ-مەئسىيەتكە چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىدى، تۈرلۈك مۆجىزىلەر بىلەن كۇچلاندۇردى، ئۇلار ئەدەپ-ئەخلاق ۋە جىسمانى تەرەپتىن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇكەممەللىرىدۇر. ئۇلار ئىلىم-مەرىپەتتە يۇقىرى، سۆزدە راستچىل ۋە پۈتۈن ھاياتى خۇشپۇراققا تولغاندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَجَعَلْنَاهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا وَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِمْ فِعْلَ الْخَيْرَاتِ وَإِقَامَ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءَ الزَّكَاةِ ۖ وَكَانُوا لَنَا عَابِدِينَ تەرجىمىسى: «ئۇلارنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە (كىشىلەرنى بىزنىڭ دىنىمىزغا) يېتەكلەيدىغان پېشۋالار (يەنى پەيغەمبەرلەر) قىلدۇق، ئۇلارغا بىز ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ناماز ئوقۇشنى، زاكات بېرىشنى ۋەھىي قىلدۇق، ئۇلار بىزگە خالىس ئىبادەت قىلاتتى» [سۈرە ئەنبىيا 73-ئايەت].

    پەيغەمبەرلەر، ئەلچىلەر تائەت-ئىبادەت ۋە گۈزەل ئەخلاقتىن يۈكسەك دەرىجىگە يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بىزنى ئۇلارغا ئەگىشىشكە بۇيرىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ ۖ فَبِهُدَاهُمُ اقْتَدِهْ تەرجىمىسى: «ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن.» [سۈرە ئەنئام 90-ئايەت].

   پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدا بارلىق پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئېسىل سۈپەتلىرى مۇجەسسەملەشكەندۇر. ئاللاھ تائالا ئۇنى گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئىززەت-ئىكرام قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ھەر قانداق ئەھۋالدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە بۇيرىدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِّمَن كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ وَذَكَرَ اللَّهَ كَثِيرًا ‏تەرجىمىسى: «سىلەرگە ـ ئاللاھنى، ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكەنلەرگە ـ رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر» [سۈرە ئەھزاپ 21-ئايەت].

   بارلىق پەيغەمبەر، ئەلچىلەرگە ئىمان ئېيتىش ئىسلام ئېتىقادىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، بارلىق پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتمىغان مۇسۇلماننىڭ ئىمانى تولۇق بولمايدۇ، چۈنكى بارلىق پەيغەمبەرلەر ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتىشتىن ئىبارەت بولغان بىرلا ئېتىقادقا چاقىرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎قُولُوا آمَنَّا بِاللَّهِ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْنَا وَمَا أُنزِلَ إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَمَا أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَا أُوتِيَ النَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمْ لَا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِّنْهُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ تەرجىمىسى: «ئېيتىڭلاركى، «ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىيساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز» [سۈرە بەقەرە 136-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم تۇۋەيجىرىنىڭ: "ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى" ناملىق ئەسىرىدىن