سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ھەيرانلىق ئىچىدىكى خىرىستىئاننىڭ شۈبھىلىك سوئاللىرى

10469

تارقاتقان ۋاقىت : 28-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 6896

سۇئال

سوئال: مەن بەزى بىر ئەسەرلەردىن، قۇرئاننىڭ 15 پىرسەنتىنىڭ ئىسا ھەققىدە سۆزلەيدىغانلىقىنى ئوقۇدۇم، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىقتىم، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئېتىراپ قىلىدىكەن ۋە پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئىمان ئېيتىشنى لازىم دەيدىكەن، ئۇنداقتا قۇرئان نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب(ئىنجىل)دا كەلگەن ئەھكاملار بىلەن زىتلىشىدۇ؟! قۇرئاننى خاتالىقتىن خالى دېسەك نېمە ئۈچۈن ئىسلامدا دىنىي پىرقىلەر بولىدۇ؟ ئىنجىلدا كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى چەكلەيدۇ، ئىسلامدا نېمە ئۈچۈن رۇخسەت قىلىدۇ؟. قەلبىم ھەقىقەتنى ئىزدەشكە ئۈندەيدۇ، سوئالىمنى جاۋابسىز قالدۇرمىغايسىلەر.

جاۋاپنىڭ تىكىستى


بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنى پەرۋىش قىلغۇچى بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئىسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە كۆپ بايانلارنى قىلغان بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق:
1- ئىسا ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ مەشھۇرلىرىدىن بىرى ھەم ئۇ ئىرادىلىك(ئۇلۇلئەزمى) سەرخىل بەش پەيغەمبەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭغا ۋە پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىندۇر. بىرەر پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ ئىمانى قوبۇل ئەمەس. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز سۈرە بەقەرە 136- ئايەت.
2- يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلاردىن بولغان ئەھلى كىتابلار ئىسلام دەۋىتىگە چاقىرىلىشقا ئەڭ ھەقلىق ۋە مۇھىم كىشىلەردۇر. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنگەن ساماۋىي دىننىڭ ئادەملىرى. ھەتتا ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاخىر زامان پەيغەمبىرى بولۇپ كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. بۇددىستلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمىگەندە ئۇلار ئىشىنەتتى. مۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەڭ ئاۋۋال ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ دەۋىتىنى تارقىتىشى تەلەپ قىلىناتتى. ئەمما ئۇلار ھەق دىنلىرىدىن ئېزىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇلارغا ئېزىپ كەتكەن يەرلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇش ۋە باشقىلارنىمۇ ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ بۇرمىلانغان ساختا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش لازىم ئىدى. شۇڭا ئۇلار ھەققىدىكى بايانلار قۇرئاندا كۆپ كەلگەن.
3- ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە تەۋھىدنىڭ ئىنسانىيەتتىن كۈتكەن تەقەززاسىنى ساغلام رەۋىشتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىش ئىسلام دىننىڭ ئاساسلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتتا ئىنسانىيەت گۈللەنسە، ئاخىرەتتە جەھەننەمدىن قۇرتۇلۇش، جەننەتكە نائىل بولۇش ھاسىل بولىدۇ. يەھۇدىيلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمىغان ۋە ئۇنى دەججال دەپ سۈپەتلەپ ئۆلتۈرۈشكە تىرىشقان. خرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئۆزى دەپ دەۋا قىلغان. بەزىسى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دېگەن. ئۇلار ئۈچ گەۋدىنى بىر قىلىش يەنى ئاللاھ، ئىسا ۋە مەريەم ياكى مۇقەددەس روھ بىر ئىلاھنى تەشكىل قىلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدىغان غەلىتە خۇراپاتنى ئويدۇرۇپ چىقارغان. شۇڭا قۇرئان كەرىم يەھۇدىيلارنىڭ ئىنكارچىلىقىغا، خرىستىئانلارنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقىغا رەددىيە بېرىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە بەندىسى ئىكەنلىكىنى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئاللاھ ئۆز قۇدرىتىنى نامايەن قىلىشنى ئىرادە قىلىپ، ئۆز روھىدىن ئۇنى ئاتىسىز ياراتتى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى كۈچلەندۈرىدىغان مۆجىزىلەرنى ئۇنىڭ قولى بىلەن بارلىققا كەلتۈردى، ئۇ ئىلاھ ئەمەس بەلكى ھەق ئىلاھنىڭ بەندىسى دەپ ئېتىقات قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىسانىڭ مىسالى (ئۇ ئاتىسىز يارىتىلغانلىقتىن) ئادەمنىڭ (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئادەمنى ئاللاھ (ئاتا - ئانىسىز) تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: ۋۇجۇدقا كەل دېدى - دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كەلدى. ئىسانىڭ ئىشى ئادەمنىڭ ئىشىدىن ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يارىتىلىشىدىكى ئىشلاردىن، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاتىسىز يارىتىلغان بولسا، ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاتا-ئانىسىز يارىتىلغىنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر بۈيۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھەقىقەتتۇر. ئىسا ئەلەيھىسسالامغىمۇ ماھىيەتتە باشقا پەيغەمبەرلەرگە بىرىلگەن مۆجىزىلەرگە ئوخشاش مۆجىزىلەر بىرىلگەن بولۇپ، خىرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بىرىلگەن مۆجىزىلەرنى ۋەسىلە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى دېگەندەك باتىل كۆز قاراشلارنى تەرغىپ قىلىپ، دىننىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى بۇرمىلىدى، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى مەسىھ ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان دىنى تەلىماتلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيتتى.
ئەگەردە مۆجىزىلەرگە تايىنىپ ئىلاھلىق دەۋاسى قىلىنىدىغان بولسا، مۆجىزە بىرىلگەن يالغۇز ئىسا ئەلەيھىسسالاملا بولماستىن بەلكى ئومۇمى پەيغەمبەرلەرنىڭ قولى بىلەن مۆجىزە بارلىققا كەلتۈرۈلگەن، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلاھمۇ؟ مىسالغا ئالىدىغان بولساق: تاغلار داۋۇت ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئاللاھنى زىكىر قىلدى، بۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامدا كۆرۈلمىگەن، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا دېڭىز بولۇنۇپ يول ئىچىلدى، ئاللاھ بىلەن بىۋاستە سۆزلەشتى، بۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامدا كۆرۈلمىگەن، نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن زېمىن تۇپان ئاپىتىگە يۈزلەندى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ ئۆز كالامىنى مۆجىزە قىلىپ، ۋەھيىنىڭ تا قىيامەتكىچە ھەرقانداق بوران -چاپقۇنلاردىن ساقلىنىشىنى ئۆز ئۇستىگە ئالدى، بۇ ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بىرىلگەنمۇ؟ ئۇنداقتا يۇقىرىدىكى مۆجىزە كەلتۈرگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىلاھمۇ؟؟؟!!!
ئەمدى قۇرئان خاتالىقتىن خالى بولسا نېمە ئۈچۈن ئىسلام پىرقىلىرى كۆپ بولىدۇ؟ دېگەن سوئالغا كەلسەك، ئىنسانلارنىڭ خاتالىقى بىلەن قۇرئاننىڭ ئالاقىسى يوق. چۈنكى قۇرئان توغرا يولنىڭ يېتەكچىسى، ئۇلارنى ھىدايەتكە باشلايدىغان كىتاب. ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى پىرقىلارغا بۆلۈنمەسلىك ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئوخشىۋالماسلىققا چاقىرغان. بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان ئايەتلەر مۇسۇلمانلارنى باشقىلارغا ئوخشىۋالماسلىق ۋە پىرقىلارغا بۆلۈنمەسلىكنى تەكىتلەپ كەلگەن. لېكىن بەزى كىشىلەر بۇ تەلىماتلارغا ئەمەل قىلماي بۆلۈنۈپ كەتكەن. گۇناھ ئۇلارنىڭ گۇناھى، قۇرئاننىڭ ئەمەس. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئاغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقۇزدى. سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ سۈرە ئال ئىمران 103-ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىلەر( يەنى يەھۇدىلار ۋە ناسارالار) دەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ سۈرە ئال ئىمران 105-ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: ئاللاھقا تەۋبە بىلەن قايتىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، نامازنى ئادا قىلىڭلار، مۇشرىكلاردىن بولماڭلار، سىلەر دىندا ئىختىلاپ قىلىشىپ، پىرقە - پىرقە بولۇپ، ھەرپىرقە ئۆز دىنى بىلەن خوشاللىنىدىغانلاردىن (بولماڭلار) سۈرە رۇم 31-32-ئايەتلەر.
ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى قۇرئان سۈننەتكە ئۇيغۇن ئىش-ھەرىكەت ۋە سۆزلەرنى قىلىشقا تەۋسىيە قىلىپ، ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا (ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋە سۆزنى) ئالدى بىلەن قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغىچىدۇر سۈرە ھۇجىرات 1-ئايەت. يۇقىرىدىكى دەلىللەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئاللاھ تائالا بۆلۈنۈشتىن چەكلەپ، بىرلىككە ھۆملۈككە ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىدۇ.
ئەمدى مۇقەددەس كىتاب كۆپ خوتۇنلۇققا يول قويمايدۇ، ئەمما قۇرئان نېمىگە يول قويغان؟ دېگەن سوئالغا كەلسە، ئاللاھتىن كەلگەن دىنلارنىڭ ھەممىسى ئەقىدىدە بىر. ئەمما شەرىئەتلىرى ئوخشاش ئەمەس. شۇڭا بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئىتىدىكى ئەھكاملار يەنە بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئىتىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى تەبىئىي ئەھۋال شۇڭا ئاللاھ بىز ھەر بىر ئۇممەتكە ئالاھىدە شەرىئەت بەلگىلىدۇق دېگەن. ئاخىرىدا شۇنى دەيمىزكى، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويۇش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىدىلا ئەمەس، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئەتلىرىدىمۇ بار ئىدى. مەسىلەن: ياقۇب ئەلەيھىسسالام ئىككى ئاچا-سىڭىلنى ئالغان. بۇ تەۋراتنىڭ تەكۋىن 29- بابىنىڭ 15-35 فېكىستلىرىدا بايان قىلىنغان. ئەمما ئىسلام شەرىئىتىدە ئاچا - سىڭىلنى نىكاھتا توپلاش مەنئى قىلىنغان. سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈز ئايالنى ئالغانلىقى سۆزلىنىدۇ.
ئەمما خرىستىئانلارنىڭ بۇ ئىشنى توسۇشى ئۇلارنىڭ ئەسلى دىنىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىدىن بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل سەۋەب بىلەن بولىشى مۇمكىن:
بىرىنچى: كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى دىندا چەكلىگەن دەپ ئىتىقاد قىلىشى.
ئىككىنچى: خىرىستىئان پوپلىرىنىڭ ئىنسانى پىترەتكە خىلاپ ھالدا، ئۆزىنىڭ شۇ ئىشى ئارقىلىق ئاللاھنى رازى قىلىشنى كۆزدە تۇتىشىدۇر.
ئاللاھ تائالادىن سىزگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ، ئىسلام دىنىدىن بەھرىمەن بولۇشىڭىزغا مۇۋەپپەق قىلسۇن ۋە شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ماڭغان يولىدا مېڭىشقا نېسىپ قىلسۇن.
ئاللاھ ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى