پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

بانكىدا پۇل قويغانلىقىغا ئاساسەن بېرىلىدىغان سوۋغاتلار-ھەدىيىلەر توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ بانكىدا دائىملىق ھېسابىم بار، بەزى ۋاقىتلاردا بانكىدىن ماڭا ئەتىر ۋە خۇش-پۇراق بولغان بەزى ھەدىيىلەرنى ئەۋەتىدۇ، بانكىمۇ بۇنداق ھەدىيىلەرنى كۆپ پۇل قويغان كىشىلەرگە ئەۋەتىدۇ، بۇنداق ھەدىيلەرنى قوبۇل قىلىش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بانكىدىن ھېساب ئېچىش بولسا قەرىزنىڭ جۈملىسىندىن بولۇپ، ئۆلىمالار مەنپەت ئۈستىگە قۇرۇلغان قەرىزنىڭ جازانە بولىدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن، بەزى ساھابىلار -ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن- قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز بەرگۈچىگە سوۋغات بېرىشىنى جازانە دەپ قارىغان.

ئابدۇللاھ ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىرەر كىشىدە سېنىڭ ھەققىڭ بولسا، ئۇ كىشى ساڭا سامان ياكى بېدە ياكى پىچان چاقلىق بىر نەرسە سوۋغا قىلسا ئۇنى ئالمىغىن، چۈنكى ئۇنى ئېلىش جازانە بولىدۇ [بۇخارى رىۋايىتى3814-ھەدىس].

بانكىنىڭ دائىملىق ھېساب ئاچقان كىشىگە بېرىدىغان ھەدىيە-سوۋغاتلىرى جازانە ھېسابلىنىدۇ.

شەيخ دوكتۇر مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئۇسەيمىدىن: مۇشۇ شەكىلدىكى ھەدىيە-سوۋغاتلارنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر دائىملىق ھېساب ئاچقانلىق سەۋەبىدىن بەرگەن بولسا شەكسىز جازانە بولىدۇ، چۈنكى دائىملىق ھېساب دېگەن قەرزدىن ئىبارەت بولۇپ، قەرز ئىگىسىنىڭ بەرگەن قەرزدىن پايدىلىنىشى توغرا بولمايدۇ. ئەمما شېرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سالغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئالسا دۇرۇس بولىدۇ".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى