سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئىپتارلىق داستىخاندىكى ئىسراپچىلىق روزىنىڭ ساۋابنى كېمەيتىۋىتەمدۇ؟

سۇئال

ئىپتارلىق تاماق تەييارلاشتا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش روزىنىڭ ساۋابنى كېمەيتىۋىتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بۇ روزىنىڭ ساۋابنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ، چۈنكى ئېغىز ئاچقاندىن كېيىن سادىر بولغان چەكلەنگەن ئىش گەرچە روزىنىڭ ساۋابنى كېمەيتىۋەتمىسىمۇ لېكىن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ تەرجىمىسى: يەڭلەر، ئېچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ [سۈرە ئەئراپ 31-ئايەت] دېگەن ئايەتنىڭ ھۆكمىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ئىسراپخورلۇق چەكلەنگەن ئىش، ئىقتىسادچان بولۇش تۇرمۇشنىڭ يىرىمىدۇر. يېمەك-ئىچمەك ھاجەتتىن تاشقىرى كۆپ بولۇپ قالسا، ئىسراپ قىلماستىن كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىش ئەۋزەلدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى