پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

تەراۋىھ نامىزىنى ئوزۇن ئوقۇش توغرىسىدا

سۇئال

    مەسچىتنىڭ ئىمامى جامائەت بىلەن تەراۋىھ نامىزى ئوقۇغاندا ھەر رەكئەتتە بىر بەت يەنى ئون بەش ئايەت مىقدارىدا قۇرئان ئوقۇسىمۇ، بەزى كىشىلەر قىرائەتنى بەك ئۇزۇن قىلىۋەتتى دەيدۇ، بەزىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە قىسقا ئوقۇدى دەيدۇ، تەراۋىھ نامىزىدا قىرائەتتىكى سۈننەت قايسى؟ قىرائەتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى بېكىتىدىغان رەسۇلۇللاھدىن نەقىل قىلىنغان بەلگىلىمە بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    سەھىھ ھەدىسلەردە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاندا ۋە رامزاننىڭ غەيرىدە كېچىدە ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، لىكىن قىرائەت، رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى ئۇزۇن قىلاتتى، ھەتتا بىر قېتىم بىر رەكەتتە تەرتىل بىلەن ئالدىرماستىن بەش پارىدىن ئارتۇق قۇرئان ئوقۇغان ئىدى.

    ھەدىسلەردە بايان قىلىنىشچە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېرىم كېچىدە بەزى ئۇنىڭدىن بۇرۇن بەزىدە ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇراتتى، ئاندىن تاڭ يورۇغىچە ناماز ئوقۇشنى داۋاملاشتۇراتتى، بەش سائەتتە ئون ئۈچ رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، بۇنىڭ ئۆزى قىرائەت ۋە ئەركانلارنىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

     ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ساھابىلارنى تەراۋىھ نامىزىغا توپلىغاندا، ئۇلار يىگىرمە رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ھەر بىر رەكەتكە بەقەرە سۈرىسىدىن ئوتتۇز ئايەت مىقدارىدا يەنى تۆت ياكى بەش بەت ئەتراپىدا قۇرئان ئوقۇيتتى، سۈرە بەقەرە بىلەن سەككىز رەكەت ناماز ئوقۇيتتى، ئەگەر بەقەرە سۈرىسىنى ئون ئىككى رەكەتكە ئوقۇسا يەڭگىل بولۇپ قالدى دەپ قارايتتى. مانا بۇ تەراۋىھ نامىزىدىكى سۈننەت. قىرائەت يەڭگىل قىلىنسا رەكەت سانى زىيادە قىلىنىپ قىرىق بىر رەكەتكە يېتەتتى، بەزى ئىماملارمۇ شۇنداق دېگەن. ئەگەر ئون بىر ياكى ئون ئۈچ رەكەت ئوقۇشنى ياخشى كۆرسە قىرائەت ۋە باشقا ئەركانلىرىنى ئۇزۇن قىلاتتى، تەراۋىھ نامىزى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن سان يوق ئىدى، تەلەپ قىلىنىدىغىنى، ئارامدىللىق ۋە تەمكىنلىك ھاسىل بولىدىغان ۋاقىتتا ناماز ئوقۇشتۇر، بۇ ۋاقىت بىر سائەتتىن ئاز بولمايدۇ، بۇنچىلىك ئوقۇشنى ئۇزۇن بولۇپ كەتتى دەپ قارىغان كىشى سەھىھ دەلىللەرگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ، ئۇنداق كىشىنىڭ سۆزى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ". [پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى جىبرىيننىڭ ئىسلام پەتىۋالىرى" 2-توم 157-158-بەتلەر].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى