سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

روزا تۇتۇپ بۇرنى قاناش كېسىلى بولۇپ قالغان كىشى توغرىسىدا

سۇئال

رامىزان ئېيىدا 28 كۈن بۇرنى قاناش كېسىلى بولۇپ قالغان كىشى قانداق قىلىدۇ؟ مەن بۇيىل 59ياشقا كىردىم، شۇ ياشقا كىرگىچە بۇرنى قاناش كېسىلى بولۇپ باقمىغان ئىدىم، ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا ئەتىگەندىن ئىپتار قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ قېتىمدىن ئالتە قېتىمغىچە بۇرنۇم قانايدىغان بولۇپ قالدى، بۇرنۇمدىن كانىيىمغا قان چۈشىدۇ، مەن ئۇنى ئۇيۇپ قالغان ھالەتتە چېقىرۋىتىمەن، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىش سىز سوئالدا بايان قىلغاندەك بولسا، سىزنىڭ تۇتقان روزىڭىز توغرا بولىدۇ، چۈنكى سىزگە سىزنىڭ ئىختىيارلىقىڭىزسىز بۇرنى قاناش كېسىلى يېتىپتۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە روزا تۇتمىسىڭىزمۇ بولىدى دېگەن ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ. مانا بۇ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئاسانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا تەرجىمىسى: ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ تەرجىمىسى:ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، [سۈرە مائىدە 6-ئايەت].

ئاللاھ تائالا تەۋپىق ئاتا قىلغاي. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا،ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات كومىتېتىدىن: شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد قاتارلىقلار. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋاسى 10-توم 264-265-بەت.

يەنە بىر پەتىۋادا: بىر كىشىنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇپ، ئىختىيارسىز بۇرنى قاناپ كەتكەن بولسا ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ دېيىلگەن. شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان قاتارلىقلار. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋاسى 10-توم 268-بەت.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى