جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئەرەپات كۈنىدە دۇئا قىلىش ئۈچۈن يېغىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ئەرەپاتتا بولسۇن ياكى باشقا جايلاردا بولسۇن ئەرەپات كۈنى دۇئا قىلىش ئۈچۈن يېغىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ھاجىلاردىن بىرى "ئەرەپات كۈنىنىڭ دۇئاسى ياكى باشقا دۇئا كىتابلىرىدىن دۇئانى ئوقۇيدۇ، بۇ كىشىنىڭ دېگەنلىرىنى ھاجىلار ئامىن دىمەستىن تەڭ تەكرارلايدۇ، بۇ شەكىلدە دۇئا قىلىش بىدئەتمۇ؟، دەلىللەرنى بايان قىلىش بىلەن چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     مۇشۇ ئۇلۇغ كۈندە ھاجىلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بولغىنى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشتۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ بۇ كۈندە كۈن پاتقانغا قەدەر ئاللاھ تائالا كۆپ زىكىر ئېيتىپ، دۇئا قىلغان، پىشىن ۋاختى بولغاندا، پىشىن بىلەن ئەسىرنى ئۇرنە جىلغىسىدا بىرگە ئوقۇپ، ئەرەپاتقا كېلىپ، تاشنىڭ يېنىغا چۈشۈپ، تاققا يېقىن تۇرۇپ دۇئا قىلغان بۇ تاغ "جەبىلە رەھمە" (رەھمەت تېغى) دېيىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۆگىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ، ئاللاھقا زىكىر ئېيتىپ كۆپ دۇئا قىلغان، ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ئۆزىگە يېلىنىپ، يالۋۇرۇپ، رەھمىتىنى ئارزۇ قىلىپ، ئازابىدىن قورقۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىشقا بۇيرىدى، بۇ دۇئا قىلىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار، (دۇئا قىلغاندا كەلسە ـ كەلمەس سۆزلەپ، توۋلاپ) ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ. [سۈرە ئەئراپ 55-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە ـ ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن. [سۈرە ئەئراپ 205-ئايەت].

     بۇخارى ۋە مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر يۇقىرى ئاۋازدا دۇئا قىلغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئەي ئىنسانلار! ئۆزۇڭلارنى چارچاتماڭلار، سىلەر ئاڭلىمايدىغان، يوق بىر نەرسىگە يېلىنىۋاتمايسىلەر بەلكى، ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى زاتقا يېلىنىۋاتىسىلەر، سىلەر يېلىنىۋاتقان زات سىلەرگە سىلەر مىنگەن ئۇلاغنىڭ بوينىدىنمۇ يېقىندۇر، دېدى.

    ئاللاھ تائالا دۇئا توغرىسىدا زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنى ماختاپ مۇنداق دېدى: ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا إِذْ نَادَى رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا تەرجىمىسى: بۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى. [سۈرە مەريەم 2-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ. [سۈرە غاپىر 60-ئايەت].

   كۆپ دۇئا قىلىش ۋە زىكىر ئېيتىشقا رىغبەرلەندۈرىدىغان ئايەت-ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپ، بولۇپمۇ مۇشۇ ئورۇندا ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئارزۇ قىلىپ، ئازابىدىن قورقۇپ، قەلبىمىزنى سەپ قىلىپ، ئىخلاس بىلەن كۆپ زىكىر ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىش يولغا قويۇلغان، يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارغا ئوخشاش تەلبىيەنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىش يولغا قويۇلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەرەپات كۈنى توغرىسىدا مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: دۇئالارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرەپات كۈنىدە قىلىنغان دۇئادۇر، مەن ۋە مەندىن ئىلگىركى پەيغەمبەرلەرنىڭ قىلغان ئەڭ ياخشى دۇئاسى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق، ئاللاھ يەككىدۇر، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، بارلىق پادىشاھلىق ۋە مەدھىيىلەر ئاللاھغا خاستۇر، ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، دېگەن دۇئادۇر.

      ئەمما جامائەت بولۇپ دۇئا قىلىشنىڭ ئەسلى بارلىقىنى بىلمەيمەن، يەنى ئەسلى يوق، ياخشىسى جامائەت شەكىلدە دۇئا قىلمىغان ئەۋزەل، چۈنكى بىزنىڭ بىلىشىمىزچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلاردىن بۇ توغرىدا دەلىل نەقىل قىلىنمىغان، ئەگەر جامائەت ئىچىدە بىر كىشى دۇئا قىلسا باشقىلار ئامىن دىسە بولىدۇ، خۇددى قۇنۇت دۇئاسى، قۇرئان تامام بولغاندا قىلىنغان دۇئا، يامغۇر تەلەپ قىلغاندا قىلىنغان دۇئا قاتارلىقلاردەك.

     ئەمما ئەرەپات كۈنىدە مەيلى ئەرەپات مەيدانىدا بولسۇن ياكى باشقا جايلاردا بولسۇن توپلىشىپ دۇئا قىلىش توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن دەلىل بايان قىلىنمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى بىزنىڭ دىنى ئىشلىرىمىزدا يوق بولغان ئىشلارنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ ئىش قوبۇل قىلىنمايدۇ، دېگەن. [مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا بايان قىلغان].

    ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"17-توم 272-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى