106588: ھەج جەريانىدا ھېيت كۈنى ئاغرىپ قالسا تاش ئېتىشقا باشقىلارنى ۋەكىل قىلامدۇ ياكى ئاخىرىقى كۈنگە كىچىكتۈرەمدۇ؟


ھەج پائالىيىتى جەريانىدا ھېيت كۈنى ئاغرىپ قالغان كىشى ئۆزى ئۈچۈن شۇ كۈندىكى تاشنى ئېتىشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلسا بولامدۇ ياكى پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنىگە كېچىكتۈرۈپ ئۆزى ئاتقىنى ئەۋزەلمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Published Date: 2014-09-15

     بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

     ھەج قىلغۇچىدا ھېيت كۈنىدە ئۇنى تاش ئېتىشتىن چەكلەپ قويىدىغان ئەھۋال بولسا، تاش ئېتىشقا قادىر بولغۇچە قەدەر كېچىكتۈرىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۆگىلەرگە قارىغۇچى ساھابىلارغا (پادىچىلارغا) پائالىيەت جەريانىدا دۇئا بىلەن مەشغۇل بولۇش ئۈچۈن، تاش ئېتىشنى بىرەر كۈن كېچىكتۈرۈشكە رۇخسەت قىلغان، ئەمما بىر بىرىڭلارنى ۋەكىل قىلىڭلار دېمىگەن.

     شەيتانغان تاش ئېتىش ھەج پائالىيىتى ئىچىدىكى مۇھىم ئىبادەتلەردىن بولۇپ، ھەج قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن باشقا بىر كىشىنى شەيتانغا تاش ئېتىشقا ۋەكىل قىلىشى يەڭگىل سانايدىغان ئىش ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّـه﴾ تەرجىمىسى: «ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار.» [سۈرە بەقەرە 196-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

     ھەج قىلغۇچىنىڭ چارچاشنى ياكى قىستاڭچىلىقنى باھانە قىلىپلا تاش ئېتىشقا باشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلىشى توغرا ئەمەس. ئەگەر ھامىلدارلىق ياكى ياشانغانلىق سەۋەپلىك داۋاملىشىۋاتقان چارچاش بولسا، مانا بۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ شەيتانغا تاش ئېتىشتا باشقىلارنى ۋەكىل قىلسا بولىدۇ. ئەمما يەڭگىل كېسەلگە گېرىپتار بولغان (يەنى ئازراق چارچاش ياكى باش ئاغرىش، زۇكام) ۋە ھەج پائالىيىتىنىڭ ئاخىرىقى كۈنىگىچە ساقىيىشى ئۈمىد قلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ تاش ئېتىشقا باشقىلارنى ۋەكىل قىلىشى دۇرۇس بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 23-توم 115-بەت
Create Comments