شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاياللارنىڭ سىرتتا خىزمەت قىلىشىنىڭ بەلگىلىمىلىرى توغرىسىدا

سۇئال

   مەن قۇرۇلۇش پاكۇلتىتېدا ئوقۇيدىغان يىگىرمە ياشلىق بىر قىز، مەن يازلىق تەتىل جەريانىدا مەكتەپنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى تولۇقلاش ئۈچۈن تۈرلۈك ھۆججەتلەرنى كۆپەيتىش ئورنىدا ئىشلەيمەن، بۇنداق قىلسام گۇناھ بولامدۇ؟، مەن نىقاپ كىيىمەن، بەزى ۋاقىتتا مۇشۇ سەۋەپتىن ماڭا توي تەكلىپى قويمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەسلىدە ئايال ئۆيدە ئولتۇرۇش، ھاجەت بولمىسا سىرتقا چىقماسلىقتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَى﴾ تەرجىمىسى: «ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار» [سۈرە ئەھزاب 33-ئايەت].

   بۇ خىتاب گەرچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا قارىتىلغان بولسىمۇ، مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئايالى تەبىئىيكى ئۇلارغا ئەگىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار مۇئ‍مىن ئاياللارغا ئۈلگىدۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال ئەۋرەتتۇر، ئۇ سىرتقا چىقسا شەيتان ئۇنى كۆككە كۆتۈرىدۇ، ئايال ئۆز ئۆيىدە تۇرغاندىنمۇ بەكرەك ئاللاھقا يېقىن بولالمايدۇ».[ ئىبنى ھىببان، ئىبنى خۇزەيمە بايان قىلغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2688-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭ مەسچىتتە ناماز ئوقۇشى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: « ئاياللارغا ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ياخشىدۇر». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 567-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   ئىككىنچى: ئايالنىڭ خىزمەت ئۈچۈن ئۆيدىن چېقىشى توغرا بولىدۇ، بۇ مەلۇم قائىدىلەرگە مۇۋاپىق بولىشى كېرەك، تۆۋەندىكى شەرتلەر تولۇق بولسا ئايال خىزمەت ئۈچۈن سىرتقا چىقسا بولىدۇ:

   -سىزگە ئوخشاش ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان لازىمەتلىكلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىشى كېرەك.

   -قىلىدىغان خىزمەت دوختۇرلۇق، سېسترالىق، ئوقۇتقۇچىلىق، سەيپۇڭلۇق دېگەندەك ئايالنىڭ مىجەز-خۇلقى ۋە تۇغما تەبىئىتىگە مۇناسىپ كېلىدىغان خىزمەت بولىشى كېرەك.

   -خىزمەت پەقەت ئاياللار ئىشلەيدىغان، يات ئەرلەر ئارىلاشمايدىغان خاس ئورۇنلاردا بولىشى كېرەك.

   -ئايال خىزمەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ شەرئى ھىجابىنى  لازىم تۇتۇشى كېرەك.

   -ئايال خىزمەت ئورنىغا مەھرىمى بىلەن بىرگە بېرىشى كېرەك.

   -ئايال خىزمەتكە بېرىش جەريانىدا شوپۇر بىلەن يالغۇز قالىدىغان ياكى كىشىلەر پۇرايدىغان خۇشپۇراق گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

   -بۇ خىزمەت ئايالغا ۋاجىپ بولغان ئائىلە ئىشلىرى كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئېرى، ئەۋلادلىرىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئورۇنداش كېرەك.

    شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن مۇنداق دەيدۇ: "ئايالنىڭ خىزمەت قىلىدىغان ئورنى ئاياللارغا خاس ئورۇن بولۇش كېرەك. قىلىدىغان خىزمىتىمۇ ئۆز سەۋىيىسىگە مۇۋاپىق بولىشى كېرەك. قىزلار مائارىپىدا ئىدارىدە خىزمەت قىلسۇن ياكى ئوقۇتقۇچىلىق قىلسۇن، ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنى تىكىدىغان دېگەن ئىشلار بولىشى كېرەك. ئەمما ئەرلەرگە خاس بولغان ئورۇنلاردا ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ خىزمەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئىشدۇر.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان بۇ ھەدىسنى بىلىشى ئىنتايىن مۇھىم: «مەندىن كېيىن ئاياللاردىنمۇ بەكرەك ئەرلەرنى ئازدۇرۇۋېتىدىغان بىر نەرسىنى قالدۇرمىدىم، ئىسرائىل ئوغۇللىرى ئارىسىدا پىتنە ئاياللاردىن باشلانغان». ئىنسان ھەرقانداق ھالەتتە ئۆز ئەھلىنى پىتنە ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىگە چۈشۈپ قىلىشتىن يىراق قىلىشى كېرەك.

["مۇسۇلمان ئاياللار پەتىۋاسى" 2-توم 981-بەت].

    سىزنىڭ خىزمەت ئورنىڭىزدا مۇشۇ شەرتلەر تولۇق بولىدىكەن، سىز ئۇ يەردە خىزمەت قىلسىڭىز بولىدۇ، ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق بېرىشنى ياخشى، سالىھ جۈپ بېرىشنى سورايمىز، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىگىسى ۋە ئۇنىڭغا قادىردۇر.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى