جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئايالى بالا ئېمىتىۋاتقان سەۋەبلىك، ھەجنى كېلەر يىلىگە كېچىكتۈرۈپ قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

مەن بۇ يىل ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلغان، لېكىن ئايالىم بالا ئېمىتىۋاتقان بولغاچقا، ھەجنى (ئاللاھ ئىرادە قىلسا) كېلەر يىلى ئادا قىلىشقا كېچىكتۈردۈم. ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، مېنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىم ياخشى تۇرۇقلۇق ھەجنى كېچىكتۈرسەم بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

سىز پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغان بولسىڭىز، نەپلە ھەجنى بۇ يىل ياكى كېلەر يىلى قىلىش سىزنىڭ ئىختىيارلىقىڭىزدا بولۇپ، ئائىلىدىكى ۋە باشقا خىزمەتلىرىڭىزگە ياكى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ تۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەرگە قاراپ ئىش قىلسىڭىز بولىدۇ. بەلكى سىز پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن نەپلە ھەجنى قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئەمما سىز پەرز ھەج توغرىسىدا سورىغان بولسىڭىز، بۇ مەسىلە پىقھى ئالىملار ئارىسىدىكى ھەجنى تىزدىن قىلىش كېرەكمۇ ياكى كېچىكتۈرۈپ قىلىشمۇ دېگەن قاراشلارنىڭ كۈچلۈكرەكى، ھەجنى تىزدىن ئادا قىلىشتۇر. ھەج قىلغۇدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولغان كىشىنىڭ كېچىكتۈرمەستىن تىزدىن ھەجنى ئادا قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئۈچۈن 41702- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئايالىڭىزنى قويۇپ ھەجگە كەتسىڭىز ئۇنىڭغا ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا زىيان يەتمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا سىزنىڭ كېچىكتۈرمەستىن تىزدىن ھەج قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

ئەمما ئايالىڭىزنىڭ ھەج قىلغۇدەك ئىقتىسادى بولسا ياكى ئۇنىڭ ھەج قىلىدىغان خىراجەتلىرىنى قىلىپ بەرسىڭىز، ئايالىڭىزنىڭ ھەجگە بېرىشىنىڭ ئۆزى ۋە بوۋاققا سەلبىي تەسىرى بولمىسا ياكى بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بىرەر تۇغقانلار بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئايالىڭىزنىڭمۇ تىزدىن ھەج قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ھەجنى كېچىكتۈرۈپ كېلەر يىلى قىلسىمۇ بولىدۇ. مەقسەت بەزى ۋاقىتتا شەرتلەرنىڭ تولۇق بولىشى بىلەن ئەرگە ھەج قىلىش پەرز بولۇپ ئايالغا پەرز بولمىغاندا، ئەرنىڭ ئايالىغا ھەمرا بولۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلىپ پەرز ھەجنى كېچىكتۈرۈشى توغرا بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: ئايالىم ھازىرغىچە پەرز ھەجنى ئادا قىلمىدى، بىزنىڭ تۆت ئايلىق بولغان بالىمىز بار، ئانىسىنى ئېمىدۇ، ئايالىم ھەج قىلىشى كېرەكمۇ ياكى بالامنىڭ يېنىدا قىلىشى كېرەكمۇ؟، ھەج پائالىيەت جەريانىدا ھەيزدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئادەت توختىتىش دورىسى ئىشلەتسە بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن، دېگەن سوئالغا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئانىسىنىڭ سەپەر قىلىشىنىڭ بالىغا تەسىرى بولمىسا، بالىغا باشقا تەييار سۈت بەرسە بولىدىغان ۋە بالىنىڭ ھالىدىن تولۇق خەۋەر ئىلىپ تۇرىدىغان بىرەرسى بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئايال پەرز ھەجنى تىزدىن ئادا قىلىۋالسا بولىدۇ. ئەمما بالىسىدىن ئەنسىرىسە ئۇ ئايال ئۈچۈن گەرچە پەرز ھەج بولسىمۇ ھەجگە بېرىشى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى بالا ئېمىتىدىغان ئايال ئۈچۈن بالىسىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرىسە، رامىزاندا ئېغىز ئىچىش دۇرۇس بولغان تۇرسا، قانداقمۇ پەرز ھەجنى كېچىكتۈرۈش دۇرۇس بولمىسۇن. ئەگەر بالىسىدىن ئەنسىرىسە ھەجگە بارماستىن بالىسىغا قاراش ۋاجىپ بولىدۇ. يەنى پەرز ھەجنى كېلەر يىلى بالىسى چوڭ بولغاندا قىلسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق ھالەتتە ئايال كىشىگە ماددىي ۋە جىسمانىي تەرەپلەردىن شارائىتى تولۇق بولغان تەقدىردىمۇ تىزدىن ھەج قىلىش پەرز بولمايدۇ.

ئەمما ھەجۋە ئۆمرە پائالىيىتى جەريانىدا ھەيزدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئادەت توختىتىش دورىسى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ. ئەمما دورىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستىمال قىلىشى لازىم. چۈنكى بەزى ۋاقىتتا بۇ تۈردىكى دورىلار ئەكىس تەسىر بېرىپ ئايال كىشىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن". تۈگىدى. [ئايلىق ئۈچرىشىش پروگراممىسى (10/25)].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى