جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تەمەتتۇ ھەجنىڭ قۇربانلىقىنى ھەرەمنىڭ سىرتىدا بوغۇزلاشقا بولمايدۇ

سۇئال

تەمەتتۇ ھەجنىڭ قۇربانلىقىنى ھەرەمنىڭ سىرتىدا بوغۇزلاش توغرا بولامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

ئۆلىمالار: تەمەتتۇ ھەجنىڭ قۇربانلىقىنى ھەرەم دائىرىسىنىڭ ئىچىدە ئۆلتۈرۈش زۆرۈر دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ئاندىن ئۇنى بوغۇزلاشقا تېگىشلىك جاي بەيتۇللاھنىڭ يېنىدۇر يەنى ھەرەمدۇر دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ قۇربانلىق ھەدىيىسىنى مىنادا بوغۇزلىغان ۋە: ھەج پائالىيەتلىرىڭلارنى مەندىن ئۈگۈنۈڭلار دېگەن.

چۈنكى قۇربانلىق ھەدىيىسى دېگەن پائالىيەت ئۈچۈن ۋاجىپ بولغان قان ئېقىتىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنى ھەرەم دائىرىسىنىڭ ئېچى بولىشى كېرەك، ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىدا بوغۇزلىغان كىشىنىڭ قۇربانلىق ھەدىيىسى كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇ ھەرەم دائىرىسى ئىچىدە قايتىدىن بىرنى بوغۇزلىشى لازىم، بىلمەي قىلغان كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، بىلىپ قىلغان كىشىگە گۇناھ بولىدۇ.

ساھىبۇل پۇرۇئ 3-توم 465-بەتتە: تۆت ئىمامنىڭ بىردەك ئىتتىپاق كېلىشى بىلەن قۇربانلىق ھەدىيىسىنى ھەرەم دائىرىسى ئىچىدە بوغۇزلاش ۋاجىپ، دېگەنگە ئىشارەت قىلغان. لېكىن شېيرازىي"ئەل مۇھەززەب " 411-بەتتە: ئېھرام كىيگەن كىشىگە تەمەتتۇ ياكى قىراننى ھەجنى نىيەت قىلىپ ئېھرام كېيگەنلىكى ئۈچۈن قۇربانلىق ھەدىيىسى ۋاجىپ بولغاندا ياكى خۇشبۇي نەرسە ئىشلەتكەنلىك ياكى ئېھرامدا ئوۋ ئوۋلىغانلىقنىڭ جازاسى ئۈچۈن قان ۋاجىپ بولغاندا، ئۇنى ھەرەمنىڭ كەمبەغەللىرىگە تارقىتىپ بېرىشى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇردېگەن. ئەگەر ھەرەم دائىرىسىنىڭ سىرتىدا ئۆلتۈرۈپ ئاندىن ھەرەم دائىرىسىگە ئېلىپ كىرىلىگەن بولسا گۆشكە قارىلىدۇ، ئەگەر گۆشنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ، پۇراپ قالغان بولسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى گۆشكە ھەقلىق بولغان كىشىلەر رەڭگى ۋە پۇرىقى ئۆزگەرمىگەن گۆشكە ھەقلىقتۇر، ئۆزگىرىپ پۇراپ قالغان گۆش ئورنىنى ئالالمايدۇ. گۆشنىڭ پۇرىقى ئۆزگەرمىگەن بولسا، بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالارنىڭ ئىككى تۈرلۈك قارىشى بولۇپ، بىرىنچى قاراشتا: توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بوغۇزلاش دېگەن قۇربانلىق ھەدىيىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ھەرەمگە خاس، ھەرەمنىڭ سىرتىدا بوغۇزلىسا مەقسەتنى ئايرىۋەتكەن بولىدۇ دەيدۇ.

ئىككىنچى قاراشتا: توغرا بولىدۇ، چۈنكى قۇربانلىق ھەدىيىسىدىن بولغان مەقسەت گۆش بولغانلىقى ئۈچۈن گۆش ئۇلارغا يىتىپ كىلىپ مەقسەت ئادا بولدى دەيدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"گەرچە ئىككىنچى قاراش توغرا بولسىمۇ، لېكىن جاۋابنىڭ بېشىدا بايان قىلىنغان دەلىللەر بويىچە ئېھتىيات قىلىپ بۇنى چەكلەش ياخشى".

"ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 22-توم 226-227-بەت.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى