پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھەج ئىبادىتىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتلىرى

سۇئال

سوئال: ھەج ئىبادىتىنىڭ پايدىلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
ئاللاھ تائالا ئىنسانلار ئارىسىدا كىمنىڭ بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى گۈزەل توغرا ئۇسلۇبتا قىلىدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن ھىكمەت بىلەن تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى يولغا قويدى، ئىنسانلارنىڭ مەقسەت - مۇددىئالىرى ھەر خىل بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئىبادەتلەرنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئادا قىلىشى ھەرخىل بولدى، بەزەن ئىبادەتلەرنى تېزلىكتە ئادا قىلسا، بەزەن ئىبادەتلەرگە سەل قارىدى، ھەقىقى مۆمىن خاھىشىغا مۇۋاپىق كەلمىسىمۇ ھەممە ئىشتا ئاللاھغا بويسۇنىدۇ.
ئىبادەتلەرنىڭ تۈرلۈك بولىشى بىلەن ئىسلام پرنسىپلىرىمۇ تۈرلۈك بولىدۇ، بەزەن ئىبادەتلەر نامازغا ئوخشاش بەدەنى بولۇپ بۇ جىسىمنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئەمەلىي ھەركەت قىلىش بىلەن بولىدۇ، بەزىلىرى رامىزان روزىسىغا ئوخشاش بەدەنى بولسىمۇ ئۇ كۆڭۈل خاھىشى ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەردىن ئۆزىنى چەكلەش بىلەن بولىدۇ، بەزىلىرى زاكاتقا ئوخشاش مالغىلا خاس بولىدۇ يەنە بەزىلرى ھەجگە ئوخشاش بەدەنى ھەم مالى بولىدۇ.
ھەج ئىبادىتى جىسمى ۋە مالىيە جەھەتتىكى مۇشەققەتلىك بىرلەشكەن ئىبادەت بولغاچقا، باشقا ئىبادەتلەرگە نىسبەتەن كۆپرەك جاپا چىكىش ۋە سەپەر قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، مۇسۇلمان ھاياتىدا بىرقېتىم قىلىشقا بۇيرۇلغان، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلىشقا ماددى ۋە مەنىۋى، جىسمانى تەرەپتىن قادىر بولۇش شەرت قىلىنغاندۇر. شەرىئەتتىكى ئومۇمى ئىبادەتلەردە ئادا قىلىشقا قادىر بولۇش شەرت قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ شەرت ھەج ئىبادىتىدە ناھايتى مۇھىمدۇر، ھەج قىلىشنىڭ ئىنسانغا ئەكىلىدىغان پايدىلىرىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلايمىز:
1- ھەج قىلىش ئىسلامنىڭ مۇھىم پرىنسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەج ئىبادىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
2- ھەج قىلىش ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ھەجنى جىھاد ئايەتلىرىگە ئۇلاشتۇرۇپ بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاياللارمۇ جىھاد قىلامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ھە-ئە، ئاياللارمۇ جىھاد قىلىدۇ، لېكىن ئۇ ئۇرۇش قىلىنمايدىغان جىھاد يەنى ھەج - ئۆمرە قىلىش دەپ جاۋاپ بەرگەن.
3- ھەجنى شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويۇنچە قىلغان كىشىگە كاتتا ئەجىر بېرىلىدىغانلىقىدۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: توغرا قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپىتى جەننەت بولىدۇ دېيىلگەن. يەنە بىر ھەدىستە: كىمىكى ھەج پائالىيەتلىرى جەريانىدا گۇناھ ئىشلىمەستىن ۋە يامان سۆز قىلماستىن ھەج قىلىدىكەن، ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىكە ئوخشاش بولۇپ قايتىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەج - ئۆمرە قىلغۇچىلار ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى، ئۇلار دۇئا قىلسا ئىجابەت قىلىنىدۇ، ئىستىغپار تەلەپ قىلسا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ( نەسائىي ۋە ئىبنى ماجە دىن).
4- ھەجدە تەلبىيە ئېيتىش، كەبىنى تاۋاپ قىلىش، ساپا- مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش، ئەرەپاتتا تۇرۇش، مۇزدەلىپىدە قونۇش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىش، كاتتىلاش ۋە دىنى شۇئارلارنى ئاشكارا قىلىش قاتارلىق ئىشلار ھاسىل بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: ھەقىقەتەن كەبىنى تاۋاپ قىلىش، ساپا-مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش قاتارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ زىكرىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن ئىجرا قىلىنىدۇ.
5- ھەج جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ئۇچرىشىپ، دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر- بىرىگە نەسىھەت قىلىپ ياخشىلىققا يېتەكلەيدۇ.
6- مۇسۇلمانلار بىرلا ۋاقىت، بىرلا ئورۇندا بىرخىل شەكىلدە ئوخشاش كىيىنىپ ئاللاھغا باش ئىگىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىنسانىيەتنىڭ باپ-باراۋەرلىكىنى ئاشكارا قىلىدۇ.
7- ھەج مەزگىلى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆز- ئارا دىنى ۋە دۇنياۋى مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش دەۋرى بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنى ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بۇ دىنى ۋە دۇنياۋى ئومۇمى مەنپەئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
8- ھەجدە پەرز قىلىنغان ۋە ئىختىيارى قىلىنغان قۇربانلىق بىلەن ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى كاتتىلاش، تائام قىلىپ يېيىش، پېقىر - مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلىش. باشقىلارغا ھەدىيە قىلىشتىن ئىبارەت كۆپ مەنپەئەتلەر ھاسىل بولىدۇ. ھەج، خالىس نىيەت بىلەن ھەج قىلغۇچىنى گۇناھ-مەسىيەتتىن پاكىزلىغىنىدەك، يوقسۇللۇق ۋە پېقىرلىقتىنمۇ تازىلايدۇ. ھەجنىڭ پايدىلىرى ۋە ھېكمىتى ئىنتايىن كۆپتۇر.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار توپلىمى(24239).

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى