جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىبادەت قېيىن بولغانسېرى، ئۇنىڭ ئەجىر-مۇكاپىتى كاتتا بولامدۇ؟

109237

تارقاتقان ۋاقىت : 28-11-2012

كۆرگۈچىلەر : 2712

سۇئال

ئەمەل-ئىبادەت قېيىن بولسا، ئۇنىڭ ئەجرى-مۇكاپىتى كاتتا بولامدۇ؟ پىيادە مېڭىپ ھەج قىلسام،   بۇنىڭ ساۋابى كوپ بولىدۇ دېگەن كىشىنىڭ سۆزى توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئەگەر قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەت شۇ ئەمەل ئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىن بولىدىكەن ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى كاتتا بولىدۇ. ئەمما ئۇ شۇ ئەمەلنى قىلغۇچى كىشىنىڭ ھەرىكىتىدىن بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ. بەلكى بەزى ۋاقىتتا ئىنسان ئۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.مەسىلەن: ئىنسان ماشىنا ياكى ئايروپىلان بىلەن كېلىپ ھەج قىلدى، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قېلىش جەريانىدا ياز كۈنلىرى ئىسسىقتا، قىش كۈنلىرى سوغۇققا توڭۇپ جاپا چەكتى، ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى، ئۇ كىشىئۇچرىغان بۇ جاپا-مۇشەققەتلىرى ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇ كىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارىدىن بولمىدى بەلكى پەسىللەر ۋە باشقا سەۋەبلەردىن بولدى. ئەمما ئۇ كىشى ئۆزىنى مەجبۇرى كۈن نۇرىغا توغرىلاپ، ئىسسىقتىن ساقلانماي ياكى ئىمكانىيىتى تۇرۇپ ئۇنىڭ چارىسىنى قىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭ بۇ قىلمىشىغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئۆزىگە كۈن نۇرىدا تۇرۇشنى نەزىر قىلغان كىشىنى ئەيىبلىگەن ۋە بۇنداق قىلىشتىن چەكلىگەن. ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنى ئازابلىشى، ئۇنىڭ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا زالىملارنى ياقتۇرمايدۇ.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ئەمەل-ئىبادەت ئارىسىدا جاپا-مۇشەققەت سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن ھاسىل بولغان بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ساۋابقا ئېرىشەلمەيسىز. ئەمما سىزنىڭ ئىختىيارلىقىڭىزسىز يۈز بەرگەن بولسا بۇنىڭغا سەبىر قىلسىڭىز ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىسىز.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى