جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەج قىلغاندىن كېيىن نامازنى تەرك قىلغان كىشى يەنە قايتىدىن ھەج قېلىشى كېرەكمۇ؟

109271

تارقاتقان ۋاقىت : 31-10-2012

كۆرگۈچىلەر : 3478

سۇئال

بىر كىشى ھەج قىلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن نامازغا سۇسلۇق قىلدى ۋە تاشلىدى. كېيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ تۆۋە قىلدى. ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپتە قىلغان ھەججى توغرا بولامدۇ، ئۇ ھەج ئىسلام بېكىتىلگەن پەرز ھەج ھېسابلىنامدۇ ياكى ئۇ تۆۋە قىلغاندىن كېيىن قايتىدىن ھەج قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

كاپىرلىق ھالىتىدە ھەج قىلىپ كېيىن مۇسۇلمان بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ كاپىرلىق ھالىتىدە قىلغان ھەججى ئىسلامدا بېكىتىلگەن پەرز ھەجنىڭ ئورنىدا بولالمايدۇ. لېكىن مۇسۇلمان، ئىسلام دىنىدىن چىقىرىۋېتىدىغان جىنايەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق مۇرتەت بولۇپ كېتىپ، كېيىن تۆۋە قىلىپ ئىسلام دىنىغا قايتىۋالغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ھەججى ئىسلام دىنىدا بېكىتىلگەن پەرز ھەجنىڭ ئورنىدا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئىلگىرى ھەج قىلغان ۋاقىتتا مۇسۇلمان ئېدى.

قۇرئان كىرىمنىڭ ھۆكمى بويىچە، مۇرتەت بولغان كىشىنىڭ مۇرتەت بولۇشتىن بۇرۇن قىلغان ئەمەللىرى ئۇ كىشىنىڭ مۇرتەت بولۇپ كاپىرلىق ھالىتىدە ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن بىكار بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن:﴿وَمَن يَرْتَدِدْ مِنكُمْ عَن دِينِهِ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَأُولَـٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِوَأُولَـٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِهُمْ فِيهَا خَالِدُونَ﴾تەرجىمىسى:سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كاپىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر [سۈرە بەقەرە 217-ئايەت]. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئەزالىرىدىن: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبىنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبىنى غۇدەييان ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبىنى قەئۇد قاتارلىقلار.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى