شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

قۇربانلىق قىلامدۇ ياكى قەرزنى ئادا قىلامدۇ؟

سۇئال

قەرزدار كىشى ئۈچۈن قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىش ئەۋزەلمۇ ياكى قەرزنى ئادا قىلىشمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە قۇربانلىق قىلىشتىن قەرزنى ئادا قىلىش مۇھىمراق ۋە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:

1-قەرزنى ئادا قىلىش پەرز، قۇربانلىق قىلىش بولسا تەكىتلەنگەن سۈننەت، شۇنىڭ ئۈچۈن پەرز سۈننەتنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ. ھەتتا بەزى ئالىملار قۇربانلىق قىلىشنى پەرز دەپ قارىغان بولسىمۇ، ھەر ۋاقىت قەرزنى ئادا قىلىش مۇھىم بولىدۇ، چۈنكى قۇربانلىقى قىلىشنى پەرز دېگەندىمۇ، بۇ ئىقتىسادى بار كىشىلەرگە پەرز بولىدۇ، قەرزدار كىشى قادىر قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ.

2-قەرزنى ئادا قىلىش بولسا، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتۇر. قۇربانلىق قىلىش يېڭى بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىش تۇر، ئۈستىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش يېڭى بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن مۇھىمدۇر.

3- قەرز بولسا كىشىلەرنىڭ ھەققىدۇر، قۇربانلىق بولسا قۇربىتى يەتكەندە، ئىمكانىيىتى يار بەرگەندە ئادا قىلىش ياخشى كۆرۈلىدىغان ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدۇر. بۇنداق ھالەتتە كىشىلەرنىڭ ھەققى بۇرۇن ئادا قىلىنىدۇ.

4- قەرزنىڭ ئادا قىلىنماي قىلىشىنىڭ ئاقىۋىتى بەك خەتەرلىكتۇر، چۈنكى قەرزنى دۇنيادا ئادا قىلىۋەتمىسە، قىيامەت كۈنىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بىلەن ئەپۇ قىلىنمىسا،قەرزدار كىشى قىيامەت مەيدانىدا قەرزنى ئۆزىنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرى بىلەن ئادا قىلىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەممىدىن بەك خەتەرلىك چۈنكى مەھشەر كۈنى مۇسۇلمان بىر ياخشىلىقنىڭ ئارتۇق بولىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سەۋەبلەرگە كۆرە، قەرزنى ئادا قىلىش قۇربانلىق قىلىشتىن مۇھىم بولىدۇ. ئەمما قەرز مۇددەتلىك بولۇپ، قەرزنى ئادا قىلىش ۋاقتى بىر ئاز ئۇزۇن بولسا، ئۆز قارىشىدا ھازىر قۇربانلىق قىلسىمۇ قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئادا قىلىشقا ئىشەنچ قىلالىسا، ئۇ ۋاقىتتا قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ ياكى قەرز ئالغاندا قەرزگە ھېسابلاپ بىر نەرسىنى گۆرۈگە قويغان بولسا، قەرزنى ئادا قىلالمىغاندا گۆرۈگە قويغان نەرسە قەرزگە ھېساب بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇ كىشى كۈچىنىڭ يېتىشچە قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا كۆپ ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

["ئايلىق ئۇچرىشىش"53-نومۇر 24-سوئالدا تۆۋەندىكىدەك سوئال سورالغان:

سوئال:

قەرز مۇددەتلىك بولسا ئۇ ۋاقىتتا قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولامدۇ ياكى قەرز ئىگىسىدىن رۇخسەت سوراش كېرەكمۇ؟.

جاۋاپ:

مېنىڭ قارىشىمچە قەرزدار كىشىنىڭ قۇربانلىق قىلمىغىنى ياخشىدۇر، ئەمما قەرز مۇددەتلىك بولغان بولسا، ئۇ كىشى قەرزنى ئادا قىلىش مۇددىتىدىن بۇرۇن ئادا قىلىشقا ئىشەنچ قىلالىسا قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. ئەگەر ئىشەنچ قىلالمىسا، ئىقتىسادنى ساقلاپ قويۇپ قەرزنى ئادا قىلىش كېرەك.

قېرىنداشلىرىم! قەرزنى ئادا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا قەرزدار كىشىنىڭ جىنازىسى كەلتۈرۈلگەندە، ئۇ كىشىنىڭ نامىزىنى ئوقۇمىغان، ھەتتا بىر كۈنى ئەنسارىلاردىن بىر كىشىنىڭ جىنازىسى كەلتۈرۈلگەندە، كۆرسەتمە بېرىپ مۇنداق دېگەن: بۇ كىشىنىڭ قەرزى بارمۇ؟ دەپ سورىغان، ئۇلار: ھەئە قەرزى بار دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بۇ كىشىنىڭ نامىزىنى ئۆزۈڭلار ئوقۇڭلار دەپ جىنازا نامىزىنى ئوقۇمىغان. ساھابىلاردىن ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارىدىن چىقىپ: ئۇ كىشىنىڭ قەرزىنى مەن ئۆتىۋىتەي دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قەرزدارنىڭ ھەققى مېيىتنىڭ زىممىسىدىن ئادا بولدىمۇ دېگەندە، ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇئەنھۇ: ھەئە، ئادا بولدى، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇدى. [بۇخارى رىۋايىتى].

يەنە بىر ھەدىستە،ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغان كىشىنىڭ ھەممە خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:قەرزدىن باشقا ھەممە خاتالىقلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ، دېگەن. شېھىتلىك مەرتىۋىسىمۇ قەرزگە كاپارەت بولالمايدۇ. قەرز ئىشى ئاددى ۋە سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس. ئى قېرىنداشلىرىم! تىرىشچانلىق قىلىپ ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار، كەلگۈسىدە ئىقتىساد سەۋەبىدىن يۇرتلىرىمىز ئېغىرچىلىققا يۈزلەنمىسۇن، چۈنكى قەرزدار كىشىلەر زىممىسىدىكى قەرزنى ئادا قىلىشقا سەل قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەرز كېيىنكىلەرگە قالىدۇ، ئۇلارمۇ قەرزنى ئادا قىلىشقا سەل قاراپ قەرزنى ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە قويىدۇ، بۇ مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئىقتىسادى ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشقا ئاسانلىق بەرگەن ئىكەن، ئۇنى ئادا قىلىش كېرەك. ئەگەر قەرز سەۋەبىدىن ئادا قىلالمىسا، قەرزنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىش بىلەن كۈچى يەتكەن ئىقتىسادى ئىبادەتنى ئادا قىلسا بولىدۇ. تۈگىدى.

"شەرھۇل مۇمتىئ"8- توم 455-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "مۇسۇلماننىڭ زىممىسىدە ئادا قىلىدىغان قەرز بولىدىكەن قۇربانلىق قىلىشتىن بۇرۇن قەرزنى ئادا قىلىشى كېرەك". تۈگىدى. بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن41696- نومۇرلۇقسوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى