چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

ھىجىرىيە يېڭى يىل كېچىسىدە، قۇرئان ئوقۇش، دۇئا قىلىش ۋە زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش ئۈچۈن توپلانساق توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

بۇ ھەقتە ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا كۆپ ئۇچراتتىم، لېكىن ھەقىقەتتە ئۇنىڭ بىدئەت بولۇپ قىلىشىدىن ئىككىلىنىپ ھېچكىمگە يوللىمىدىم، بۇنى تارقاتسام بولامدۇ؟، بۇنىڭغا ساۋاپ بولامدۇ؟ ياكى بۇ بىدئەت بولغانلىقى ئۈچۈن دۇرۇس بولمامدۇ؟ بۇ ئۇچۇر: "ئاللاھ خالىسا ھەممەيلەن يېڭى يىل كېچىسى كېچە سائەت ئون ئىككىدە تۇرىمىز، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيمىز ياكى قۇرئان ئوقۇيمىز ياكى زىكىر ئېيتىمىز ياكى دۇئا قىلىمىز، چۈنكى ئاللاھ تائالا دۇنيادىكى كۆپچىلىك ئىنسانلار ئاسىيلىق قىلىۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتا زېمىنغا قارىسا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىگە ئىتائەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سورايمەن، بۇ ئۇچۇرنى سىز بىلىدىغان بارلىق كىشىلەرگە يوللاپ قويۇڭ، چۈنكى سانىمىز قانچە كۆپ بولسا، پەرۋەردىگارىمىز بىزدىن شۇنچە كۆپ رازى بولىدۇ" بۇ توغرىدا ماڭا چۈشەنچە بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ ئۇچۇرنى توپلارغا يوللىماي بەك ياخشى قىپسىز، چۈنكى ئىنتېرنېت ئۇچۇر ساھەلىرىدىكى ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى يۈزەكى مەلۇماتقا ئىگە بىلىمسىز نادان كىشىلەردۇر.

    بۇ ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ قىيامدا تۇرۇپ ۋە زىكىر-دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلار: شەكسىز ئۇلارنىڭ نىيىتى ساپ، كۆڭلى ياخشى، بولۇپمۇ ئۇلار گۇناھ-مەسىيەتكە چۆمگەن بىر ۋاقىتتا، ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان. لېكىن ئۇلارنىڭ ساپ، پاك نىيىتى بۇ ئىشنى شەرىئەتتە قوبۇل قىلىنىدىغان توغرا ئىشقا ئۆزگەرتەلمەيدۇ، بەلكى ئىشنىڭ شەرىئەتكە مۇۋاپىق بولىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ سەۋەبى، تۈرى، قانداق ئىجرا قىلىنىشى، ۋاقتى، ئورنى شەرىئەت پرىنسىپلىرىدا كۆرسۈتۈلگەن بولىشى كېرەك. بۇ ئالتە تۈرلۈك سوئالنىڭ جاۋابىنى تەپسىلى بىلمەكچى بولسىڭىز 21519- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ، مۇشۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان بىدئەت بىلەن شەرئى ئىشنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدۇ. 

    بۇ شەكىلدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى چەكلەشنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرىمىز:

    1-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتتا بىرەر جايدا ئازغۇن-كاپىرلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى ۋە نادان-جاھىللارنىڭ قىلمىشلىرى تېپىلسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياكى كېيىنكى ساھابىلارنىڭ باشقىلار گۇناھ-مەسىيەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا تائەت-ئىبادەت ئىشلىرىنى پەيدا قىلىشقا، باشقىلار بىدئەت ئىشلارنى قىلىۋاتقاندا، شەرىئەتتە يولغا قويغان بىر ئىشنى قىلىشقا قىزىقتۇرغان ياكى رىغبەتلەندۈرگەنلىكى توغىرسىدىكى ئەسەرلەرنى ئۇچراتمىدۇق، شۇنداقلا بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ بىرەرسىنىڭ سۆزلىرى نەقل قىلىنمىغان.

   بۇ بىدئەت بىلەن ئوخشاش بولۇپ، خۇددى راپىزىلارنىڭ مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنىدىكى ئۆزىنى كاچاتلاپ قايغۇرىدىغان ماتەملىرىنى مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنىنى خۇرسەن بولۇپ، كەڭرى خىراجەت قىلىپ خوشال ئۆتكۈزۈشتەك يەنە بىر بىدئەت بىلەن قارشى تۇرۇشقا ئوخشايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ماتەم، مۇسىبەت كۈنلىرىدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىش ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئىشلاردىن ئەمەس، بەلكى ئۇ جاھىلىيەت دىنىغا يېقىندۇر، ئۇلار مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت بولغان ياخشى ئىشتىن بىرىنى يوق قىلدى، بەزى ئىنسانلار ئەسلى بولمىغان توقۇلما-ماۋزۇ ھەدىسلەرگە تايىنىپ بۇ كۈندە بەزى ئىشلارنى قىلىشنى ياخشى دەپ قارىدى. مەسىلەن: بۇ كۈندە يۇيۇنۇش، سۈرمە تارتىش، كۆرۈشۈش قاتارلىق ئەسلى بولمىغان دىندا ياقتۇرۇلمايدىغان بىدئەت ئىشلارنى پەيدا قىلدى، ئەمەلىيەتتە ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش ياخشى ئىدى. مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنىدە خىراجەتنى كەڭرى قىلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر ئەسەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسەرنى ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇنتەشىر ئۆزىنىڭ دادىسىدىن بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىزگە شۇنداق خەۋەر يەتتىكى: "مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنى ئائىلىسىگە كەڭرى خىراجەت قىلىپ بەرگەن كىشىگە ئاللاھ يىلنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە كەڭرىچىلىك قىلىپ بېرىدۇ." [ئىبنى ئۇيەينە رىۋايىتى].

    يۇقىرىدىكى ئەسەرنىڭ ئىسنادى ئۈزۈك ۋە كىمنىڭ دېگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان راپىزىلار بىلەن ناسىبىيەلەر ئارىسىدا تەرەپبازلىق سەۋەبىدىن  توقۇلغان يالغانلار ئىنتايىن كۆپ.

    راپىزىلار مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنىدە ماتەمگە تەييارلىق قىلدى، ناسىبىيلار بولسا بۇ كۈندە ئائىلىلىرىگە كەڭرىچىلىك ۋە خۇرسەنلىك جەلپ قىلىش ۋە بۇ كۈندە بايرام قىلىش توغرىسىدىكى ئەسەرلەرنى توقىدى، ھەر ئىككىسىنىڭ قىلمىشلىرى ئەسلى بولمىغان باتىل ئىشلاردىندۇر. لېكىن بىرەر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆزگەرتىشى توغرا بولمايدۇ، ئاشۇرا كۈنىدە خوشاللىق ۋە خۇرسەنلىكى ئىپادىلەش، ئائىلىسىگە كەڭرى خىراجەت قىلىپ بېرىش قاتارلىق ئىشلار راپىزىيلارنىڭ قارشىسىدا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بىدئەتتۇر. ["توغرا يولغا ئەگىشىش" ناملىق ئەسەر 300-301-بەتلەر].

    ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ يەنە بىر ئېسىل سۆزىنى نەقل قىلدۇق، بۇنى بىلىش ئۈچۈن 4033- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    2-دۇئا ۋە نامازنىڭ شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن پەزىلەتلىك ۋاقىتلىرى بار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق ۋاقىتتا دۇئا قىلىش ۋە ناماز ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن، ئۇ ۋاقىتلاردىن كېچىنىڭ ئاخىرىقى ئۈچتىن بىرى، بۇ ۋاقىت ئاللاھ تائالا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشىدىغان ۋاقىتتۇر، شۇنىڭدەك شەرىئەتتە ئوچۇق دەلىل بايان قىلىنمىغان، مەلۇم سەۋەب ۋە ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن يولغا قويۇلغان ئەمەللەر، مۇشۇ ئىككى ھۆكۈمنىڭ بىرىگە زىت بولغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىشنى چەكلەنگەن بىدئەت ئىش دەپ ھۆكۈم قىلىش توغرا بولىدۇ، ئەگەر ئىككىلا ھۆكۈمگە زىت بولسا، ئەلۋەتتە چېكىدىن ئاشقان بىدئەت بولىدۇ!.

   8375-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا: بىزدىن مىلادىيە يېڭى يل بېشىدا كەمبەغەل ئائىلىلەرگە سەدىقە قىلىش توغرىسىدا سوئال سورالغاندا، بىز بۇنداق قىلىشتىن چەكلەپ مۇنۇ  جاۋاپنى بەرگەن: بىز مۇسۇلمانلار سەدىقە قىلىشنى مەقسەت قىلساق، سەدىقىنى ھەقىقى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە بېرىمىز، سەدىقە بېرىدىغان كۈنلەرنى كاپىرلارنىڭ بايرام كۈنلىرىگە ئۇدۇللاپ قىلمايمىز، قانداق ۋاقىتتا ئېھتىياج بولىدىكەن، شۇ ۋاقىتتا سەدىقە قىلىمىز، رامىزان، زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ياخشىلىق مەۋسۇملىرىنى غەنىمەت بىلىمىز.

    مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىبادەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەس بەلكى ئەسلىگە ئەگىشىش لازىم. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿قُلْ إِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللَّهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ . قُلْ أَطِيعُوا اللَّهَ وَالرَّسُولَ فَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنَّ اللَّهَ لا يُحِبُّ الْكَافِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ،(ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (پەيغەمبەرلىككە)تاللاپ،(ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانىدىكى)جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدى. [سۈرە ئالى ئىمران 31-32-ئايەتلەر].

    ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئايەت شۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىدۇكى، ھەر قانداق كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدا ماڭماي، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنى دەۋا قىلىدىكەن، بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ۋە دىنىغا ئەگەشمەيدىكەن، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ بۇ دەۋاسىدا يالغانچىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى دىندا بىز بۇيرۇمىغان ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ قىلمىشى رەت قىلىنىدۇ. [تەپسىر ئىبنى كەسىر 2-توم 32-بەت].

     شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆز نەپسىڭلاردىن بەكرەك ياخشى كۆرۈڭلار، سىلەرنىڭ، ئىمانىڭلار شۇنىڭ بىلەن مۇكەممەل بولىدۇ. ئۇنىڭ دىنىدىن بولمىغان نەرسىنى مەيدانغا چىقارماڭلار، ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بۇنى كىشىلەرگە ئوچۇق بايان قىلىشى كېرەك. ئىنسانلار: توغرا بولغان شەرئى ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇڭلار، ھەر ۋاقىت ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، ھەر ۋاقىت  مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار". ["ئوچۇق سۆھبەت "5-توم 35-بەت].

   3- ئاشۇ چەكلەنگەن مۇنكەر ئىشلارنىڭ قارشىسىدا سىلەرگە ۋاجىپ بولغان بىر ئىشنى تەرك قىلدىڭلار، ئۇ بولسىمۇ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش، خاتا ئىش قىلغانلارغا نەسىھەت قىلىشتىن ئىبارەت، كۆپچىلىك كىشىلەر گۇناھ-مەسىيەت، مۇنكەر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاندا، كىشىلەرنىڭ يالغۇز ئىبادەت قىلىشى قېيىن بولىدۇ.

    يېڭى يىل كېچىسىگە ئوخشاش پائالىيەتلەردە ئاشۇ تائەت-ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش بىدئەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ شەكىلدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنى ھارام-توغرا ئەمەس دەپ قارايمىز. سىلەرگە شېرىك ۋە بىدئەت ئىشلار بولىدىغان چەكلەنگەن پائالىيەتلەردىن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئەجىرگە ئېرىشىسىلەر، ئاشۇنداق گۇناھ-مەسىيەتنىڭ قارشىسىدا مەسئۇلىيتىڭلارنى ئادا قىلغان بولىسىلەر.

   60219 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا نەزەر سالغاندا، ئۇنىڭدا، نىيەتنىڭ توغرا بولىشىنىڭ مۇھىم پايدىلىرى، گەرچە نىيەت توغرا بولسىمۇ، قىلغان ئەمەل بىدئەت بولىدىكەن، بۇنىڭغا ئەجىر بېرىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلى بايان قىلىنغان.

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى