شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

دوختۇر تەكشۈرۈشىدىن كېيىن ئايالدىن بىر نەرسە چىققانلىق توغرىسىدا

سۇئال

   ئايالغا ھامىلدارلىق تەكشۈرۈش ياكى ئاياللار كېسەللىكىگە ئالاقىدار باشقا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن يۇيۇنۇش كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئايال بالىياتقۇ تەكشۈرتۈشتە ئەۋرەت تەرىپىدىن تەكشۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، تەكشۈرۈش جەريانىدا بالىياتقۇ ياكى ئەۋرەت يولىدىن قان ياكى سۇيۇقلۇق بىر نەرسە چىقسا، بۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ كېچىك تاھارەت ئېلىشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما چىققان قاننىڭ ھەيزنىڭ قېنى ئىكەنلىكى ئېنىق بولسا، يەنى ئايالنىڭ ئادەت ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئايالنىڭ يۇيۇنىشى كېرەك بولىدۇ.

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ سەئد ئەل ھۇمەيد