جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

«ياخشىلار بايرىمى» نامىدىكى بىدئەت توغرىسىدا

سۇئال

ھەر يىلى شەۋۋال ئېيىدا ئۆتكۈزىلىدىغان ياخشىلار بايرىمىنىڭ ھۆكمى نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەۋۋالنىڭ سەككىزىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياخشىلار بايرىمى نامىدىكى بايرام بىدئەت ئىشلاردىندۇر.

كىشىلەر رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن شەۋۋال ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئېغىز ئېچىپ بايرام قىلىدۇ، بۇ روزا ھېيت بايرىمى بولىدۇ، ئاندىن شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى باشلاپ يەتتىنچى كۈنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ، شەۋۋالنىڭ سەككىزىنچى كۈنىنى بايرام قىلىپ، بۇنى ياخشىلار بايرىمى دەپ ئاتايدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ بەزى كېچىلىرىنى مەۋلۇد كېچىسى دەپ، رەجەپنىڭ بەزى كېچىلىرىنى مىئراج كېچىسى دەپ، شۇنىڭدەك زۇلھەججىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى ياكى رەجەپ ئېيىنىڭ دەسلەپكى جۈمە كۈنىنى ياكى ياخشىلار بايرىمى دەپ ئاتىغان شەۋۋال ئېيىنىڭ سەككىزىنچى كۈنىنى شەرىئەت يولغا قويمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇ كۈنلەرنى بايرام كۈنلىرى قىلىۋىلىش، ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرى قىلمىغان ۋە ياخشى كۆرمىگەن بىدئەت ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىشنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. ["ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 25-توم، 298-بەت].

ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "شەۋۋال ئېيىنىڭ سەككىزىنچى كۈنى ياخشىلارنىڭمۇ ياكى پاسىق-پاجىرلارنىڭمۇ بايرىمى ئەمەس، ھېچ بىر كىشىنىڭ بۇ كۈننى بايرام دەپ ئېتىقاد قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ كۈندە دىنى بايرامنىڭ شۇئارلىرىدىن ھېچ نەرسە مەيدانغا كەلمىگەن". [ئىختىيارات ئەلپىقھىييە ناملىق ئەسەر 199- بەت].

بۇ بايرام مەشھۇر مەسچىتلەرنىڭ بىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ، كۆرۈشۈپ، نادانلارچە سۆزلەرنى قىلىشىدۇ، ئاندىن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەزى خاس يېمەكلىكلەرنى تەييارلىشىدۇ.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، شەيخ شۇقەيرىنىڭ "سۈننەت ۋە بىدئەتلەر" ناملىق ئەسىرى 166-بەتكە،

مەنبە: شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئەھمەد تۇۋەيجىرىنىڭ "ئەتراپتىكى بىدئەتلەر" ناملىق ئەسىرى 350-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن