پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بامدات نامىزىغا ئەزان ئوقۇلىۋاتقاندا ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا

سۇئال

رامىزاندا بامدات نامىزىغا ئەزان ئېيتىشتىن بۇرۇن ئايالىم بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزدۈم، ئايالىم بىلەن بىرگە بولاۋاتقاندا بامدات نامىزىغا ئەزان ئوقۇلدى، مۇئەززىن ئەزاننى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن بىزمۇ ئىشىمىزنى توختاتتۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟، گۇمانىمدا مۇئەززىن ئەزاننى ئوقۇپ بولغۇچە، ئايالىم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرىمەن دەپ ئويلىغان؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى: مۇئەززىن بامداتنىڭ ۋاقتى كېرىش بىلەن ئەزان ئوقۇغان بولسا، بامداتنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر ئىپتار قىلىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن قول ئۈزۈش لازىم. مۇئەززىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئەزاننى باشلاش بىلەن تەڭلا يېمەك-ئىچمەك، جىنسى مۇناسىۋەت ۋە باشقا روزىنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن توختاش كېرەك.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاڭ يورۇغاندا يەنى بامداتنىڭ ۋاقتى كىرگەندە ئەگەر ئاغزىدا يىمەكلىك بولسا دەرھال چىقىرىۋېتىش كېرەك، بۇ روزىنىڭ توغرا بولغانلىقىدۇر. ئەمما يۇتۇۋەتسە ئىپتار قىلغان بولىدۇ، ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. بىر كىشى ئايالى بىلەن بىرگە بولۇۋاتقاندا تاڭ يورۇپ قالغان بولسا يەنى بامداتقا ئەزان ئوقۇلغان بولسا، دەرھال قوپۇپ كەتسە، تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ. ئەمما تاڭنىڭ يورىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولمايدۇ، بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق، بىزنىڭ قارىشىمىزچە: ئۇ كىشىگە كاپارەت بېرىش لازىم كېلىدۇ". [ئەلمەجمۇئ 6- توم 329-بەت].

يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان تاڭ يورىغان ۋاقىتتا ئاغزىدا يېمەك بولسا چىقىرىۋەتسە روزىسى توغرا بولىدۇ، ئەمما تاڭنىڭ يورىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپيۈتىۋەتسە روزىسى بۇزۇلىدۇ دېگەن مەسىلىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق. بۇنىڭ دەلىلى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن بىلال كېچىدە ئەزان ئوقۇيدۇ، ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم ئەزان ئوقۇغانغا قەدەر يەپ ئىچىڭلار. [بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]. (ئەلمەجمۇئ 6- توم 333-بەت).

ئۇ كىشىگە بېرىدىغان جاۋابىمىز: ئەگەر سىلەرنىڭ مەھەللىدىكى مۇئەززىن تاڭ يورىغاندا ئەزان ئوقۇيدىغان بولسا، سىز دەسلەپكى ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەن سۆزنى ئاڭلاش بىلەن ئايالىڭىزدىن ئايرىلىپ دەرھال تۇرۇپ كېتىشىڭىز كېرەك. ئەمما سىز مەھەللىدىكى مۇئەززىننىڭ تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئەزان ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلسىڭىز ياكى مۇئەززىن تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئەزان ئوقىدىمۇ ياكى تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ئوقىدىمۇ بۇنى بىلەلمەي شەكلىنىپ قالغان بولسىڭىز، سىز ئۈچۈن بىر نەرسە كېرەك بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا تولۇق تاڭ يورۇغانغا قەدەر يېمەك-ئىچمەك ۋە ئەر-ئايال ئارىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتنى دۇرۇس قىلدى. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:فَالْآنَ بَاشِرُوهُنَّ وَابْتَغُوا مَا كَتَبَ اللَّـهُ لَكُمْۚ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِتەرجىمىسى: ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار. [سۈرە بەقەرە 187-ئايەت].

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئالىملىرىدىن: بامدات نامىزىغا ئەزان ئوقۇلغاندا ياكى ئەزان ئوقۇلۇپ 15 مىنۇتقىچە بولغان ئارىلىقتا سوھۇرلۇقنى تاماملاش ۋە سۇ ئىچىش توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "سوئالدا زىكىر قېلىنغان بويۇنچە، ئۇ كىشى بۇ ئىشنىڭ تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن بولغانلىقىنى بىلسە ئۇ كىشىگە كاپارەت كەلمەيدۇ، ئەمما تاڭ يورۇغاندىن كېيىن بولغانلىقىنى بىلسە، ئۇ كىشىگە شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇش كېرەك بولىدۇ.

ئەمما ئۇ كىشى سوھۇرلۇقنى تاماملاش ۋە سۇ ئىچىشنىڭ تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ياكى تاڭ يورۇغاندىن كېيىن بولغانلىقىنى بىلەلمىسە، ئۇ كىشى ئۈچۈن قازاسىنى قىلىش كېرەك ئەمەس. چۈنكى ئەسلى كېچىنىڭ ئاخىرى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن مۇسۇلمان كىشى روزا تۇتىدىغان ۋاقتىدا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئەزاننى ئاڭلىغان ھامان روزىنى سۇندۇرىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن چەكلىنىشى لازىم، ئەمما ئەزاننىڭ تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن ئوقۇلغانلىقىنى بىلسە يېمەكنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ". [ئىسلام پەتىۋالىرى 2- توم 240-بەت].

ئىككىنچى: ئەگەر بۇ ھۆكۈمنى بىلمەيدىغان كىشى، سوھۇرلۇقتىن توختاش ئەزان ئاخىرلاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلىغان بولسا، ئۇ كىشىگە كاپارەت لازىم بولمايدۇ، ئەمما ئېھتىيات قىلىش يۈزىسىدىن شۇ كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. دىنى ئىشلاردىن ئۆگۈنىش زۆرۈر بولغان ھۆكۈملەرنى ئۆگەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا يېلىنىپ تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىدۇ.

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى