سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئائىلىدە مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بارىدىغان، ئۆزىنى بۇ پائالىيەتكە قاتناشمىدى دەپ ئەيىبلەيدىغان كىشىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولىدۇ؟

سۇئال

مەن مەۋلۇت پائالىيىتىگە قاتناشمايمەن، ئەمما ئائىلەمدىكى باشقا تۇغقانلار ھەممىسى بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، ئۇلار: سىز يېڭىدىن مۇسۇلمان بولدىڭىز، سىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈشنى بىلمەيسىز دەيدۇ، ئۇلارغا قانداق نەسىھەت قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

قېرىندىشىم! سىز كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان مەۋلۇتتىن ئىبارەت بولغان بىر بىدئەتنى تەرك قىلىپ ياخشى قىپسىز، سىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىپ، ئىسلام پرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرغانلىقىڭىز ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشى، ئەيىبلىشىگە پەرۋا قىلماڭ، ئۆز دەۋرىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ قەۋمىنى دىنغا دەۋەت قىلغاندا تۈرلۈك شەكىلدىكى كەمسىتىش ۋە ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:تەرجىمىسى: كَذَٰلِكَ مَا أَتَى الَّذِينَ مِن قَبْلِهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا قَالُوا سَاحِرٌ أَوْ مَجْنُونٌتەرجىمىسى: ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا ھەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار (ئۇنى): بىر سېھرىگەر ياكى بىر مەجنۇن، دېدى. [سۈرە زارىيات 52-ئايەت].

سىز ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر نەمۇنىلىك ئۆلگىدۇر. يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋىر قىلىڭ، ئاللاھ تائالادىن بۇنىڭغا ساۋاب ئۈمىت قىلىڭ.

ئىككىنچى: سىز بۇنى نەسىھەت ئاڭلايدىغان ھەقتىن مەنپەئەتلىنىدىغان كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈڭ، باشقا نادانلار بىلەن مۇنازىرلەشمەڭ ۋە كۆپ تالاش-تارتىش قىلماڭ، ئۇلارغا مەۋلۇتنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ھۆكمىنىڭ دەلىللىرىنى ئوچۇق بايان قىلىپ، سۈننەتكە ئەگىشىشنىڭ پەزىلىتى، بىدئەتچىلىكنىڭ زىيىنى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىڭ. سىز ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بارغاندا مەنپەئەتلىنىشىڭىز ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نوقتىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز:

1- بىز ئۇلارنىڭ سىزگە يېڭىدىن مۇسۇلمان بولدىڭىز دېگەن سۆزىگە قارىتا مۇنداق دەيمىز:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بارىمىزدېگەن كىشى دىن ۋە ئىسلام جەھەتتە مۇقەددەم بولامدۇ ياكى مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بارمايمىز دېگەن كىشى مۇقەددەم بولامدۇ؟. ئەلۋەتتە ئەقىل-پاراسەتلىك، ئىنساپلىق كىشىنىڭ قارىشىدا بۇنىڭ جاۋابى چوقۇم مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بارمايمىز دېگەن كىشى مۇقەددەم بولىدۇ. (ئاللاھ تائالا رازى بولغان) ساھابىلار، تابىئىنلار، تابىئىنلارغا ئەگەشكۈچىلەر ۋە ئۇلاردىن كىيىنكىلەرمۇ تاكى مىسىردا ئۇبەيدىيلەر ھاكىمىيىتى ھۆكۈم سۈرگەنگە قەدەر مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بارمىغان، ئۇلار ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كىيىن مەۋلۇت پائالىيىتى مەيدانغا كەلگەن، ئۇنداقتا، يېڭىدىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلار كىمكەن؟!.

2- بىز يەنە قاراپ باقايلى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ساھابىلار بەكرەك ياخشى كۆرەمتى ياكى ئۇلاردىن بىر قانچە ئەسىر كىيىن كەلگەن كىشىلەرمۇ؟ ئەقىللىق ۋە ئىنساپلىق كىشىنىڭ بېرىدىغان جاۋابى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، ئەلۋەتتە ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرەتتى. ئۇلار شۇنداق تۇرۇقلۇق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئىلىپ باردىمۇ؟ ياكى ئۇنداق قىلمىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ساھابىلاردىنمۇ ئاشۇرۇپ بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى بەك ياخشى كۆرىمىز دەپ مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بارغانلىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟!.

3-پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ يولىدا مېڭىش دېگەن نېمە؟ دەپ سورىساق، ھەرقانداق ئەقىل ئىگىسى ۋە ئىنساپلىق كىشى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش ۋە يولىدا مېڭىش دەپ جاۋاپ بېرىدۇ، ئەگەر ئاشۇ مەۋلۇت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەن ۋە ئۇنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن ساھابىلارنىڭ يولىدا ماڭغان بولسا ئېدى، ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەرگە ئەگىشىش كېيىنكىلەرنىڭ پەيدا قىلغان بىدئەتلىرىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئەلۋەتتە تولۇق چۈشىنىپ يېتەتتى.

قازى ئىياد رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامەتلىرى توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بىلگىنكى، كىمكى بىر نەرسىنى چىن قەلبىدىن ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ مەزكۇر كىشىگە تەسىرى بولىدۇ، ياخشى كۆرگەن كىشىنىڭ يولىغا ئەگىشىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن كىشىدە ياخشى كۆرۈشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلىرىنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش، سۈننىتىگە ئەمەل قىلىش، سۆز-ھەرىكەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈش، بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش، قىينچىلىق ۋە پاراغەت، جۇشقۇنلۇق ۋە ھارغىنلىق ۋاقىتلىرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّـهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّـهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ ۗ وَاللَّـهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌتەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئەللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ [سۈرە ئال-ئىمران 31-ئايەت].

يەنى ئۆزىنىڭ پۈتۈن نەپسى-خاھىشىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە بويسۇندۇرىشى كېرەك.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ تَبَوَّءُوا الدَّارَ وَالْإِيمَانَ مِن قَبْلِهِمْ يُحِبُّونَ مَنْ هَاجَرَ إِلَيْهِمْ وَلَا يَجِدُونَ فِي صُدُورِهِمْ حَاجَةً مِّمَّا أُوتُوا وَيُؤْثِرُونَ عَلَىٰ أَنفُسِهِمْ وَلَوْ كَانَ بِهِمْ خَصَاصَةٌتەرجىمىسى: ئۇلاردىن (يەنى مۇھاجىرلاردىن) مەدىنىدە يەرلىك بولغان، ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارلار) يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى (يەنى مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى) دىن ئەلا بىلىدۇ. [سۈرە ھەشىر 8-ئايەت].

ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن (يەنى ھەق ئۈچۈن ھەق سۆز ۋە ئەمەل ئارقىلىق) ئىنسانلارنى رەنجىتكەن كىشى ئاللاھ تائالانى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى كامىل ياخشى كۆرگەن كىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بەزىلىرىگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈشى ناقىس بولىدۇ (يەنى تولۇق بولمايدۇ)، ئەمما ياخشى كۆرۈش دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ["ئەششىفا بىتەئرىيفى ھوقۇقۇل مۇستەفا" ناملىق ئەسەر 2-توم 24-25-بەتلەر].

4- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقى ۋە قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدىكى تارىخ ئېنىق بېكىتىلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. جانابى رەسۇلۇللاھنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇپ چىققان ھەرقانداق كىشىدىن بۇ ھەقتە سوئال سورالسا، ئەقىل ئىگىسى ۋە ئىنساپلىق كىشىنىڭ بېرىدىغان جاۋابى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇش تارىخى ئېنىق بېكىتىلگەن، ئەمما تۇغۇلغان تارىخى ئېنىق بېكىتىلمىگەن دېگەن جاۋاپتۇر.

بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخى يېزىلغان كىتابلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كىتابنىڭ ئاپتورلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغانلىق تارىخى توغرىسىدا بىرقانچە خىل قاراشنى بايان قىلىدۇ:

1- رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 2- كۈنى (ھىجىريە 3-ئاي).

2- رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 8- كۈنى.

3- رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 10- كۈنى.

4- رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12- كۈنى.

5- زۇبەير ئىبنى بەككار : رامىزان ئېيىدا تۇغۇلغان دەيدۇ.

ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغانلىق تارىخىغا بىرەر ئىش ئالاقىدار بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ساھابىلار بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سورايتتى ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۆزى خەۋەر بېرەتتى، ئەمما بۇ كۈنگە ئالاقىدار ھېچقانداق ئىش مەۋجۇت بولمىغان.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇش تارىخىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، يەنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك روھى ھىجىريە 11-يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12- كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىغا ئۆرلىگەن.

ئەمدى قاراپ باقايلى! ئاشۇ بىدئەتچىلەر قايسى ۋاقىتتا مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ؟، ھەقىقەتەن ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئەمەل بەلكى ۋاپات بولغان كۈنىدە پائالىيەت ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ بىدئەتچىلىكنى ئۇبەيدىيۇن سۇلالىسى (ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەسەبىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزلىرىنى پاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا نىسبەت بېرىپ"فاتىمىيۇن" دەپ ئاتىغان) ئۆزىنىڭ بىدئەتچىلىكىنى يوشۇرۇپ بۇ پائالىيەتنى كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تاراتتى، ئۇلار دىندىن چىققۇچى، مۇناپىقلار بولۇپ،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىدە خۇرسەنلىكنى ئىزھار قىلىشنى مەقسەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مەۋلۇت دېگەن نامنى تاللاپ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پائالىيەت ئىلىپ باردى. بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خۇرسەنلىكىنى ئىپادىلىدى، بىر بۆلەك نادان، بىلىمسىز مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرىمىز دېگەن ساختا سۆزىگە ئالدىنىپ، ئۇلارغا ماسلىشىپ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىلى-مىكىر ۋە ساختىپەزلىكىدە ئۇتۇق قازاندى، ياخشى كۆرۈش دېگەن نامنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىپ، تۈرلۈك شېئىر، قەسىدىلەرنى ئوقۇيدىغان، تاتلىق-تۈرۈم يېمەكلەرنى تارقىتىدىغان، ئەر-ئاياللار ئارىلاش رەقس-ساما، (ئاتالمىش زىكىر) ئۇسۇل ئوينايدىغان، تۈرلۈك چالغۇلار بىلەن ئاتالمىش زىكىرنى قىلىدىغان، مۇنكىر پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارىدىغان مەزكۇر سورۇندىن پايدىلىنىپ شېرىك-بىدئەت چاقىرىقىنى كېڭەيتىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردى.

بىز ئىلگىرى 10070، نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بۇ تۈردىكى بىدئەتلەرنى ئىنكار قىلىپ تەپسىلى جاۋاپ بەرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا شەيخ سالىھ پەۋزاننىڭ بۇ بىدئەتنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ئاشكارىلاپ يازغان: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىشنىڭ ھۆكمى" ناملىق ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئۈچىنچى: ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ سەۋىر قىلىڭ. سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى سىزنى مەغرۇرلاندۇرۇپ قويمىسۇن. سىز بىلىم ئىلىڭ، كىشىلەرگە ھەقنى يەتكۈزۈشكە ھېرىسمەن بولۇڭ ۋە بۇ شەكىلدىكى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالماڭ، چۈنكى ئۇلارمۇ بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بېرىش توغرا ياكى ياخشى بولىدۇ دەپ پەتىۋا بەرگەن كىشىلەرگە ئەگىشىپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىدئەت ئىشلىرىنى ئىنكار قىلىشتا مۇلايىم بولۇڭ، سۆز-ھەرىكەتتە ئەدەپلىك بولۇڭ، بەلكىم ئۇلار سىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقىڭىزدىن ياخشى تەسىر ئىلىپ توغرا يولغا ئەگىشىپ قىلىشى مۇمكىن، ئاللاھ تائالا سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

توغرىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى