جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

روزىدار ئۇنتۇپ قىلىپ بىرنەرسە يىگەنلىك توغرىسىدا

سۇئال

   رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئۇنتۇپ قىلىپ بىرنەرسە يېيىش ۋە ئېچىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئۈنتۈپ قىلىپ بىر نەرسە يەپ-ئىچكەن بولسا، ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: رَبَّنَا لا تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا تەرجىمىسى: « پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق(بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: ھەقىقەتەن «ئاللاھ تائالا مەن شۇنداق قىلدىم» دېدى.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزىدار كىشى ئۇنتۇپ قىلىپ رامزاننىڭ كۈندۈزىدە بىر نەرسە يېسە ياكى ئېچسە روزىسىنى تامام قىلسۇن، ھەقىقەتەن ئۇ كىشىگە ئاللاھ تائالا يېمەك ۋە ئىچمەك بەردى». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

     شۇنىڭدەك بىر كىشى ئۇنتۇپ قىلىپ رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالى بىلەن جىما قىپسالسا، ئۆلىمالارنىڭ: ئايەت ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدىن ئېلىنغان كۈچلۈك قارىشىغا كۆرە ئۇ كىشىنىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامزاندا ئۇنتۇپ قىلىپ بىر نەرسە يېگەن كىشىگە قازاسى كەلمەيدۇ ۋە كاپارەتمۇ كەلمەيدۇ» [ھاكىم سەھىھ دەپ بايان قىلغان، شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ «سەھىھىل جامىدا» 6070-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   بۇ ھەدىسنىڭ تېكىستى روزا تۇتقۇچى ئۇنتۇپ قىلىپ قىلغان جىما ۋە باشقا روزىنى بۇزىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئومۇم بولىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلى، رەھمىتى ۋە ئېھسانىدۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇ سەنا ۋە شۈكۈر ئېيتىش كېرەكتۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى