جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

روزىغا كاپارەت بېرىشنىڭ يوللىرى

سۇئال

رامىزاندا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېغىز ئاچقۇچى، ھەر كۈندىكى كاپارەتنى شۇ كۈندە چىقىرامدۇ ياكى رامىزاندىن كېيىن بىراقلا چىقارسىمۇ بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

رامىزاندا ياشىنىپ قالغانلىقتىن ياكى ئېغىر كېسەللىك ۋە ياكى باشقا شەرئى سەۋەبلەر بىلەن ئۆزۈرلۈك بولۇپروزا تۇتالمىغانلار بىر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە تائام بېرىدۇ. تائام بېرىش شۇ كىشىنىڭ ئىختىيارى بىلەن بولىدۇ، ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن شۇ كۈنى بەرسىمۇ بولىدۇ ياكى رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رامىزاندا روزا تۇتالمىغان كۈنلەرنى ھېسابلاپ شۇ كۈنلەرنىڭ ھېسابى بويىچە مىسكىنلەرگە تائام بەرسە بولىدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ "شەرھى مۇمتىئ" ناملىق ئەسىرى 6- توم 335-بەتكە قارالسۇن].

مىسكىنلەرگە تاماق بېرىشنىڭ ۋاقتى: تاماق بەرگۈچىنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولىدۇ، خالىسا بىر كۈنگە بىر كۈندىن ئۆز ۋاقتىدا بېرىدۇ، خالىسا كېچىكتۈرۈپ ھەممە كۈنلىرىنى ھېسابلاپ شۇ بويىچە تاماق بېرىدۇ. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ روزىنىڭ كەپارىتىنى كىچىكتۇرۇپ بەرگەن.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى