پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

كاپىرلارنىڭ بايراملىرىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا

سۇئال

غەيرى دىندىكىلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمى دېگەندەك بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇسۇلمان كىشىنىڭ كاپىرلارنىڭ بايراملىرىغا قاتنىشىشى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوشاللىقنى ئىزھار قىلىشى، دىنى ۋە دۇنيالىق ئەمەللىرىنى قۇيۇپ دەم ئىلىشى توغرا بولمايدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن ئىشلاردا ئاللاھ تائالانىڭ دۈشمەنلىرىگە ئوخشاپ قالغانلىق ۋە ئۇلارنىڭ باتىل ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دېگەن: كىمكى غەيرى دىندىكى كىشىلەرگە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ كىشى ئاشۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ.[ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰۖ وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِۚ وَاتَّقُوا اللَّـهَۖ إِنَّ اللَّـهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقدۇر. [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىز سىزنى ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ: "توغرا يولغا ئەگىشىش" ناملىق ئەسىىرىگە مۇراجىئەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى ئۇ كىتاب بۇ توغرىدا ئەڭ ياخشى يىزىلغان كىتاب ھېسابلىنىدۇ.

جانابى ئاللاھ ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابى-كىراملارغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: ئىلمى تەتقىقات، پەتىۋا كومىتىتى پەتىۋاسى 2540-نومۇرلۇق پەتىۋا