جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھىجامە قىلدۇرۇشتا مۇئەييەن ۋاقىت بېكىتىلگەن ھەدىس سەھىھ ئەمەس

سۇئال

جۈمە، شەنبە كۈنلىرى ھىجامە قىلدۇرۇش ياخشى كۆرۈلمىسىمۇ، ئەمما بو كۈنلەر ئاينىڭ 19 ياكى 17 ياكى 21-كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ شۇنداق بولامدۇ؟، چۈنكى ھەدىستە: چارشەنبە، جۈمە، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ھىجامە قىلدۇرماڭلار دېيىلگەن. بۇ مەسىلە ئەنگلىيە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى. مۇشۇ ھەدىس سەھىھمۇ ياكى سەھىھ ئەمەسمۇ؟، بۇ توغرىدا ئوچۇق چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھىجامە قىلدۇرۇشتا مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلەش توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئاغزاكى بولۇپ بىر قانچە ھەدىسلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھەدىسلەر تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:

بىرىنچى: ھىجامە قىلدۇرۇش ياخشى بولغان كۈنلەر توغرىسىدا بولۇپ، ئۇ كۈنلەر ھىجىرىيە ئېيىنىڭ 17-كۈنى (ئەگەر سەيشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا بەك ياخشى) 19-كۈنى ۋە 21-كۈنلىرى ۋە ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرىدە ھىجامە قىلدۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەر.

ئىككىنچى: ھەپتىنىڭ مەلۇم كۈنلىرىدە يەنى شەنبە، يەكشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرىدە ھىجامە قىلدۇرۇشتىن چەكلىگەن ھەدىسلەر بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەيشەنبە، چارشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ھىجامە قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەن ھەدىسلەرمۇ بايان قىلىنغان.

كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇ ھەر ئىككى قىسىمدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ زەئىپ (سەھىھ ئەمەس) لىكى توغرىسىدا كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلدى. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان. تۆۋەندە بۇ توغرىدا ئۆلىمالارنىڭ بەزى قاراشلىرىنى بايان قىلىمىز:

1-ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھدىن شەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرىدە ھىجامە قىلدۇرۇش توغرىسىدا سورالغاندا، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "بۇنىڭدا ھېچ گەپ يوق، چۈنكى مەن ھەر كۈنلۈكتە ھىجامە قىلدۇراتتىم،شۇڭا قايسى كۈندە ھىجامە قىلدۇرسا دۇرۇس بولىدۇ." ["ئەلمۇنتەقا شەرھى مۇئەتتا" 7-توم225-بەتتە بايان قىلىنغان بۇ سۆز، "ئەلئەتەبىييە" دىن نەقىل قىلىنغان.

مالىكى كىتابلىرىدىن "ئەلپەۋاكىھ ئەددەۋانى" ناملىق ئەسەرنىڭ 2-تومى338-بېتىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: "يىلنىڭ ھەممە كۈنلىرىدە ھەتتا چارشەنبە، شەنبە كۈنلەردىمۇ ھىجامە قىلدۇرۇش دۇرۇس بولىدۇ، بەلكى ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ بۇ ئىككى كۈندە ھىجامە قىلدۇرۇشنى ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ، بۇ ئىككى كۈندە باشقا داۋالىنىش ئىشلىرىنىمۇ ئۆچ كۆرمەيتتى. بۇ ئىككى كۈندە ھىجامە قىلدۇرۇشتىن چەكلىنىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا سەھىھ ھەدىس ھېسابلانمايتتى".

2-ئابدۇرەھمان ئىبنى مەھدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزى بۇيرۇغاندىن باشقا ھىجامە قىلدۇرۇشنىڭ ۋاقتى بېكىتىلگەنلىكى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان." [بۇ ئەسەرنى ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ "توقۇلما ھەدىسلەر" ناملىق ئەسىرى 3-توم 215-بەتتە بايان قىلغان.

3-خەللال رەھىمەھۇللاھمۇ ئىمام ئەھمەدتىن بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەر سەھىھ ئەمەس دېگەننى ھۆكۈمنى نەقىل قىلغان.

بۇ ھۆكۈمى ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ "پەتھۇل بارى" ناملىق ئەسەرنىڭ 10-تومى149-بېتىدە بايان قىلغان.

4-بەرزەئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئەبۇ زۇرئە رەھىمەھۇللاھنىڭ مەلۇم كۈندە ھىجامە قىلدۇرۇش ياخشى ياكى مەلۇم كۈندە ھىجامە قىلدۇرۇش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ دېگەن مەزمۇندا سەھىھ ھەدىس كەلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى ھۆكۈمىگە شاھىت بولدۇم." ["سۇئالاتۇل بەرزەئى" 2-توم 757-بەت].

5-ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇ توغرىدا ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھنىڭ "قايسى ۋاقىتتا ھىجامە قىلدۇرۇش، ئەبۇ مۇسا كېچىدە ھىجامە قىلدۇرغان" دېگەن ماۋزۇدىكى سۆزىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "مۇۋاپىق ۋاقىتتا ھىجامە قىلدۇرۇش توغرىسىدا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ ھەدىسلەر ئىمام بۇخارىنىڭ شەرتىگە چۈشمەيدۇ. ئەمما ھىجامە قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغاندا قايسى ۋاقىتتا بولسا بولاۋىرىدۇ. مەلۇم ۋاقىت بىلەن چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كېچىدە ھىجامە قىلدۇرغانلىقىنى بايان قىلدى." [پەتھۇل بارى"10-توم 149-بەت].

6-ئۇقەيلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھىجامە قىلدۇرىدىغان كۈننى تاللاش توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بېكىتىلمىگەن." ["ئەززۇئەپائۇل كەبىر" ناملىق ئەسەر 1-توم 150-بەت].

7-ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "ئەل ماۋزۇئات" ناملىق ئەسىرى 3-توم 211-215-بەتلىرىدە بۇ ھەقتە ماۋزۇ تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭدا بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنى توپلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ھەدىسلەرنىڭ ھىچبىرى سەھىھ ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلدى".

8-ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سۆزنىڭ خۇلاسىسى: مەلۇم كۈندە ھىجامە قىلدۇرۇشتىن چەكلىگەنلىك توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان." ["ئەل مەجمۇئ" 9-توم 69-بەت]. گەرچە ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ ھەر ئاينىڭ 17-19-21-كۈنلىرى ھىجامە قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ھەدىسنى ياخشى دەپ قارىغان بولسىمۇ، بۇ توغرىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ توغرىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان." ["پەتھۇل بارى" 10-توم 149-بەت].

ئىككىنچى: كۆپچىلىك ئۆلىمالار ھېجرىيە ئېيىنىڭ 17- 19- 21-كۈنلىرى ھىجامە قىلدۇرۇشنى ياخشى دەپ قارىغانلار، ئۆز قاراشلىرىغا تۆۋەندىكى دەلىللەرنى كەلتۈردى:

بىرىنچى: بۇ توغرىدا ساھابىلاردىن توغرا ئىسناد بىلەن ئەسەرلەر بايان قىلىنغان: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئاينىڭ تاق كۈنلىرىدە ھىجامە قىلدۇراتتى.

ئىمام تەبەرى رەھىمەھۇللاھ "تەھزىيبىل ئاسار"ناملىق ئەسەر 2856- نومۇرلۇق ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: مۇھەممەد ئىبنى بەششار ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ، ئەبۇ داۋۇد بىزگە ھەدىس سۆزلەپ بىرىپ مۇنداق دەيدۇ، ھىشام بىزگە ھەدىس سۆزلەپ بىرىپ مۇنداق دەيدۇ، قەتادە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇشۇ ئىسناد بىلەن ھەدىس بايان قىلىدۇ.

ئەبۇ زۇرئە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ئەڭ ياخشى ھەدىس ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئاينىڭ 17- 19- 21- كۈنلىرى ھىجامە قىلدۇراتتى دېگەن ھەدىستۇر. ["سۇئالاتۇل بەرزەئى" 2-توم757-بەت].

ئىمام تەبەرى رەھىمەھۇللاھ راپىئى ئەبۇل ئالىيەدىن يۇقىرىدىكى ئەسەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئاينىڭ تاق كۈنلىرى ھىجامە قىلدۇرۇشنى ياخشى كۆرەتتى.

ئىبنى ئەۋۇن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنىڭ بەزىسىنى ئاينىڭ 17- ۋە 19-كۈنلىرى ھىجامە قىلدۇرۇشقا تەۋسىيە قىلغان.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: سۇلەيم مۇنداق دەيدۇ، بىزگە ھىشام مۇھەممەدتىن ھەدىس بايان قىلىپ، ئۇنىڭدا 21-كۈنى دېگەننى زىيادە قىلغان.

بەلكىم ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاقىت بەلگىلەپ بەرگەنلىكتىن شۇ تاق كۈنلەردە ھىجامە قىلدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن بۇ ھەدىسلەرنىڭ ئىسنادىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يېتىدىغانلىقى بىلىنىدۇ، بەزى ئالىملار بۇ توغرىدىكى بەزى ھەدىسلەرنىڭ ئىسنادىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسالامغا يېتىدىغانلىقىنى كۈچلەندۈرىدۇ.

ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىككى مەڭزىدىن ۋە ئىككى دولىسىدىن ھىجامە قىلدۇراتتى، ئاينىڭ 17- 19- 21-كۈنلىرى ھىجامە قىلدۇراتتى،» دېگەن بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن. (2051).

شۇنىڭدەك كىيىنكى ئالىملاردىنمۇ ئىمام سۈيۈتى"ئەلھاۋى لىلپەتاۋىي"ناملىق ئەسەر 1 -توم279-280-بەتلەردە، ئىبنى ھەجەر ھەيتەمىئۆزىنىڭ پەتىۋاسىدا 4-توم 351-بەتتە، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" ناملىق ئەسەر 622-1847- نۇمۇردا كەلتۈرگەن.

بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئالىملارنىڭ كۆزقاراشلىرى، بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يېتىدۇ دېگەن سۆزنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىگە ئوچۇق-ئاشكارا ۋە كۈچلۈك دەلىل بولىدۇ.

ئىككىنچى: ئاينىڭ 17- 19- 21- كۈنلىرىدە ھىجامە قىلدۇرۇشنى تىبابەت جەھەتتىمۇ كۈچلاندۇرىلىدۇ:

ئەللامە ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھئاينىڭ 17- 19- 21-كۈنلىرىھىجامە قىلدۇرۇش توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنى كەلتۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسلەر تىبابەت جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن قاراشقىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ، چۈنكى ئاينىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ ئاينىڭ يىگىرمىسىدىن كىيىنكى كۈنلەردە ھىجامە قىلدۇرۇش ئاينىڭ ئەۋۋىلىدە ھىجامە قىلدۇرغاندىن ياخشىراق ۋە مەنپەئەتلىكرەك بولىدۇ.

ئەگەر ھىجامە قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاندا ئاينىڭ قايسى ۋاقتىدا قىلسا بولىۋىرىدۇ.

خەللال ئىسمەت ئىبنى ئىسامدىن ئاڭلىغىنىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ قايسى ۋاقىتتا قىنى قىززىسا شۇ ۋاقىتتا ھىجامە قىلدۇراتتى."

["زادىل مىئاد"4-توم 54-بەت].

ئەمما تىبابەت جەھەتتە ھەپتىنىڭ مەلۇم كۈنلىرىنى ھىجامە قىلدۇرۇشقا خاسلاشتۇرۇش توغرىسىدابىرەر سۆز ئىسپاتلانمىغان، ئەمما بەزى ساھابىلاردىن ئەسەربايان قىلىنغان، ئىسپاتلىنىشچە، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ھەپتىنىڭ شەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرىدە ھىجامە قىلدۇرۇشتىن ساقلىنىدىكەن. بۇ ئەسەرنى ئىبنۇل قەييىم رەھىمەھۇللاھ "زادىل مىئاد" ناملىق ئەسىرىنىڭ 4-تومى 54-بېتىدە خەللالدىننەقىل قىلغان.

ئىبنى مۇپلىھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەنبە ۋە چارشەنبە كۈنىلىرى ھىجامە قىلدۇرۇش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، بۇنىڭغا ئەبۇ تالىبنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ رىۋايىتىنى كەلتۈرگەن. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئىبنى ھەسساندىن قىلغان رىۋايىتىدە، ساھابىلار جۈمە كۈنىدە ھىجامە قىلدۇرۇشتىن ساقلىناتتى دېيىلگەن.

مىرۋەزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەبۇ ئابدۇللاھ ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ھەپتىنىڭ يەكشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرىدە ھىجامە قىلدۇراتتى".

قازى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يەكشەنبە كۈنى بىلەن سەيشەنبە كۈنىنىڭ ئارىسىنى تاللىدى، شەنبە ۋە چارشەنبە كۈنىدە ھىجامە قىلدۇرۇشنى ياقتۇرمىدى، جۈمە كۈنى قىلدۇرۇشتىن توختىدى".

بۇ يەردىكى قائىدە: بىر ئىشتىن توختىسا ئۇنىڭدىن ئىككى يول چىقىدۇ.

ئىمام زۆھرى رەھىمەھۇللاھ ئىسنادنى ساھابىغا يەتكۈزۈپ مۇنداق دەيدۇ: "شەنبە ياكى چارشەنبە كۈنى ھىجامە قىلدۇرغان كىشى بەرەس (ئاق كېسەل) بولۇپ قالسا بۇنى ئۆزىدىن كۆرسۇن". بۇ ئەسەرنى ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ھۆججەت دەپ زىكىر قىلغان بولسىمۇ ئەمما ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ بۇنىڭ ئىسنادى توغرا ئەمەس دېگەن.

ئىمام بەيھەقى رەھىمەھۇللاھ: "نۇرغۇن ئالىملار بۇ ئەسەرنىڭ ئىسنادى تۇتىشىدۇ دېگەن قاراشنى ئاجىز دەپ قارىدى، ساقلانغىنى بۇ ئەسەرنىڭ ئىسنادى ئۈزۈلگەن دېگەننى زىكىر قىلغان.

ئەبۇ بەكر ئىبنى ئەبى شەيبە بۇ ئەسەرنىڭ ئىسنادىنى مەكھۇلدىن ساھابىغا يەتكۈزۈپ رىۋايەت قىلغان.

ئىمام ئەھمەدكە: بىر كىشى ھەدىسنى ئاددى ساناپ چارشەنبە كۈنىدە ھىجامە قىلدۇردى؟ دېيىلگەندە، ئىمام ئەھمەد: قايسى ھەدىسنى؟ دېدى، ئۇ كىشى بەرەس (ئاق كېسەل) بولۇپ قالسا ئۆزىدىن كۆرسۇن دېگەن ھەدىسنى دېدى، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ: "ھېچ قانداق كىشىنىڭ ھەدىسنى ئاددى كۆرۈشى لايىق بولمايدۇ،" دېدې. [خەللال رىۋايىتى].

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىسنادنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆتۈرۈپ بايان قىلىنغان ھەدىستە: جۈمە كۈنىدە بىر ۋاقىت بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ھىجامە قىلدۇرغان كىشى ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ دېيىلگەن. بۇ ئەسەرنى بەيھەقى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان بولسىمۇ، ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا "ئەتتاپ ئىبنى خالىد" ئىسىملىك ئاجىز راۋى بار". بۇ ئەسەر يەنە ئىبنى مۇپلىھنىڭ "شەرىئەت ئەدەپلىرى" ناملىق ئەسىرى 3-توم 333-بەتتە، شۇنىڭدەك يەھيا ئىبنى مەئىين ۋە ئەلى ئىبنى مەدىينىدىنمۇ مۇشۇنىڭ ئوخشىشى كەلتۈرۈلگەن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى