پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

يىتىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلارغا ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلىدىغان مۇكاپات پۇلىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

130359

تارقاتقان ۋاقىت : 09-04-2018

كۆرگۈچىلەر : 2436

سۇئال

ئىجتىمائى پاراۋانلىق ئورۇنلىرى بىر يىتىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان كىشىگە ئايلىق 2000مىڭ رىيال ئاخىردا مۇكاپات ئۈچۈن 20مىڭ رىيال بېرىدۇ، بۇ مالنى ئالسا توغرا بولامدۇ؟مەن ئۇنىڭدىن ئىھتىياجىمغا لايىق ئالسام بولامدۇ؟بۇ مۇكاپات ئارتۇق بولۇپ قالسا بۇنى قانداق قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟،مېنىڭ بىلىشىمچە ئالىدىغان مۇكاپات مېنىڭ پەرزەنتلىرىمگە سەرپ قىلىدىغان ھاجەتلىرىمدىن كۆپ بولىدۇ.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     يىتىملارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش پايدىلىق بولغان ياخشى ئەمەللەردىن بولۇپ، بۇنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن ۋە يىتىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى جەننەتتە مۇشۇنداق يېقىن دەپ ئۆزىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىغا ئىشارەت قىلدى ۋە ئىككى بارمىقىنىڭ ئارىسىنى ئايرىدى. [بۇخارى رىۋايىتى5304-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2983-ھەدىس].

      ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "يىتىمغا ئىگە بولغۇچى دېگەن: يىتىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ، كىيىم-كىچەك، يىمەك-ئىچمەك بېرىپ، ئۇنى ياخشى تەربىيىلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق شەرەپ ئۆز يېنىدىن مال چىقىرىپ ياكى شەرئى پرىنسىپ بىلەن يىتىمنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇپ يىتىمنىڭ مېلىدىن سەرپ قىلىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان كىشىگە ھاسىل بولىدۇ". 

    ئىجتىمائى پاراۋانلىق مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن نىزامىدا مۇنداق بايان قىلىغان: "2-يىتىمنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش: بۇ ياردەم نىزامنىڭ 14-ماددىسىغا ئاساسەن يىتىمنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولۇپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ئائىلىلەرگە سەرپ قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېھتىياجلىق بولغان بالىلار ئاساس قىلىنىدۇ، ھىجىريە 1395-5-13-كۈنىدە مىنىستىرلار كېڭىشى تەرىپىدىن چېقىرىلغان 612-نۇمۇرلۇق قارارغا ئاساسەن: مىنىستىرلىق يىتىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان تەرەپلەرگە ئۇلار ياردەم ئېلىشنى خالىسا يىتىم بالىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ ئۇلارغا تۆۋەندىكىچە ياردەم بېرىلىدۇ:

-ئالتە ياشتىن كېچىك بولغان بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ئائىلىگە ئايدا 2000مىڭ رىيال بېرىلىدۇ.

-ئالتە ياشتىن چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ئائىلىگە ئايدا 3000مىڭ رىيال بېرىلىدۇ.

3-يىتىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېرىلىدىغان ياردەم: ھىجىريە 1395-10-13-كۈنىدىكى 1430-نۇمۇرلۇق قاراردا بېكىتىلگەن بويىچە: ئاتا-ئانىسى بىلىنمىگەن يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش مۇددىتى ئاخىرلاشقان ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن مالىيەدىن 20مىڭ رىيال ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ". مىنىستىرلىكنىڭ توربىتىدىن ئېلىندى.

http://www.mosa.gov.sa/portal/cdisplay.php?cid=10

نىزامدىن بىلىنگىنى بۇ مۇكاپات يىتىمنىڭ نەپىقىسى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى يىتىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ئائىلىلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر، بۇ يىتىمنىڭ كىپىللىكى ئاخىرلاشقاندا بېرىلىدىغان مۇكاپات بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ مۇكاپات ئائىلىنىڭ مۈلكىدۇر، بۇنىڭدىن ياكى يىتىمنىڭ خىراجىتىدىن ئاشقان نەرسىدىن پايدىلانسا توغرا بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى