سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

دۇنيا سىناق ۋە ئىمتىھان ماكانىدۇر

13205

تارقاتقان ۋاقىت : 24-07-2020

كۆرگۈچىلەر : 6593

سۇئال

دۇنيا دېگەن نېمە؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

دۇنيا ئەمەل-ئىبادەتنىڭ ئورنى، ئاخىرەت بولسا جازا-مۇكاپاتنىڭ ئورنى، جەننەت مۆمىنلەرنىڭ، دوزاخ كاپىرلارنىڭ ئورنىدۇر. جەننەت پاك ۋە گۈزەل ئورۇندۇر. جەننەتكە پەقەت مەنىۋىيىتى پاك، ياخشى ئەمەللەرنى قلغان كىشىلەرلا كېرىدۇ. ئاللاھ پاك ۋە گۈزەلدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئەمەلنىڭمۇ پاك ۋە گۈزەل بولغانلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بەندىلەرنى تۈرلۈك بالا-مۇسىبەتلەر بىلەن سىناش ۋە ئىمتىھان قىلىشى بولسا، مۆمىنلەرنى كاپىرلاردىن، سەمىمى راستچىل كىشىلەرنى يالغانچىلاردىن ئايرىشى ئۈچۈندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَحَسِبَ ٱلنَّاسُ أَن يُتۡرَكُوٓاْ أَن يَقُولُوٓاْ ءَامَنَّا وَهُمۡ لَا يُفۡتَنُونَ ٢ وَلَقَدۡ فَتَنَّا ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۖ فَلَيَعۡلَمَنَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ صَدَقُواْ وَلَيَعۡلَمَنَّ ٱلۡكَٰذِبِينَ تەرجىمىسى:ئىنسانلار "ئىمان ئېيتتۇق" دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز، دەپ ئويلامدۇ؟. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئاللاھ (ئىمانىدا) راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، (ئىمانىدا) يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم بىلىدۇ [سۈرە ئەنكەبۇت 2-3- ئايەتلەر].

ئىمتىھان ۋە سىناق نەتىجىسىدە پاك بىلەن ناپاك ئايرىلغاندىن، مۆمىن بىلەن كاپىر پەرقلەندۇرۇلگەندىن كىيىن، ئۇتۇق ۋە غەلبە قولغا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَّا كَانَ ٱللَّهُ لِيَذَرَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ عَلَىٰ مَآ أَنتُمۡ عَلَيۡهِ حَتَّىٰ يَمِيزَ ٱلۡخَبِيثَ مِنَ ٱلطَّيِّبِۗ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُطۡلِعَكُمۡ عَلَى ٱلۡغَيۡبِتەرجىمىسى: ئاللاھ ياماننى (يەنى مۇناپىقنى) ياخشىدىن (يەنى مۆمىندىن) ئايرىمىغۇچە مۆمىنلەرنى (يەنى سىلەرنى) ھازىرقى پېتىڭلارچە قويمايدۇ. ئاللاھ سىلەرنى غەيبتىنمۇ خەۋەردار قىلمايدۇ [سۈرە ئال- ئىمران 179- ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى كاپىرلاردىن ئايرىش ئۈچۈن بەندىلىرىنى سىنايدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: وَلَنَبۡلُوَنَّكُم بِشَيۡءٖ مِّنَ ٱلۡخَوۡفِ وَٱلۡجُوعِ وَنَقۡصٖ مِّنَ ٱلۡأَمۡوَٰلِ وَٱلۡأَنفُسِ وَٱلثَّمَرَٰتِۗ وَبَشِّرِ ٱلصَّٰبِرِينَ ١٥٥ ٱلَّذِينَ إِذَآ أَصَٰبَتۡهُم مُّصِيبَةٞ قَالُوٓاْ إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّآ إِلَيۡهِ رَٰجِعُونَ ١٥٦ أُوْلَٰٓئِكَ عَلَيۡهِمۡ صَلَوَٰتٞ مِّن رَّبِّهِمۡ وَرَحۡمَةٞۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُهۡتَدُونَتەرجىمىسى: «بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز دەيدۇ. ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر، ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر» [سۈرە بەقەرە 155-156-157- ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى سىنايدۇ، سەبىر قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇلارغا جەننەت بىلەن خوش-خەۋەر بېرىدۇ.

ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى جىھاد قىلىشقا بۇيرۇش ئارقىلىقمۇ سىنايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: أَمۡ حَسِبۡتُمۡ أَن تَدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ وَلَمَّا يَعۡلَمِ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ جَٰهَدُواْ مِنكُمۡ وَيَعۡلَمَ ٱلصَّٰبِرِينَتەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر جامائەسى! ئاللاھ سىلەردىن ھەقىقىي جىھاد قىلغانلارنى ۋە جىھادنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتلىرىگە چىدىغۇچىلارنى ئايرىماي تۇرۇپ، (پەقەت ئاغزىڭلاردا ئىمان ئېيتتۇق دېيىش بىلەنلا) جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ [سۈرە ئال-ئىمران 142-ئايەت].

مال-دۇنيا ۋە پەرزەنت ئىمتىھاندۇر.ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن بۇ نېمەتلەرگە شۈكرى ۋە رەھمەت ئېيتقۇچىلار بىلەن، مال-دۇنيا ۋە ئەۋلاد بىلەن بولۇپ كېتىپ، رەببىنى ئۇنتۇغۇچىلار ئارىسىنى ئايرىشتىكى ھېكمىتى ئىمتىھان قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَآ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَأَوۡلَٰدُكُمۡ فِتۡنَةٞ وَأَنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥٓ أَجۡرٌ عَظِيمٞ تەرجىمىسى: بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاب باردۇر [سۈرە ئەنپال 28-ئايەت].

ئاللاھ تائالا بەندىلەردىن شۈكۈر ئېيتقۇچىلار بىلەن ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىلارنى، ئىتائەت قىلغۇچىلار بىلەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئايرىش نەتىجىسىدە، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، بەندىلەرگە بەزى بالايى ئاپەت ۋە ھەرتۈلۈك نېمەتلەرنى بېرىش ئارقىلىق سىنايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: وَنَبۡلُوكُم بِٱلشَّرِّ وَٱلۡخَيۡرِ فِتۡنَةٗۖ وَإِلَيۡنَا تُرۡجَعُونَتەرجىمىسى: سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازا ۋە مۇكاپات بېرىمىز) [سۈرە ئەنبىيا 35-ئايەت].

بەندىلەرگە قىلىنىدىغان سىناق ئۇلارنىڭ ئىمانىغا قارىتا بولىدۇ، ئىنسانلار ئىچىدە پەيغەمبەرلەرگە قىلىنىدىغان سىناق ئەڭ ئېغىر بولىدۇ، ئاندىن ئىماندا ئۇلارغا يىقىن بولغانلارغا، يەنى ئۇلارنىڭ ئىمانىنىڭ مۇستەھكەم ياكى ئاجىزلىقى بويىچە سىناق قىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:مەن سىلەردىن ئىككى كىشى بەرداشلىق بەرگەنگە بەرداشلىق بېرىمەن يەنى ئىككى كىشىنىڭ قىززىتمىسىدەك قىزىۋاتىمەن.[بۇخارى رىۋايىتى 5648- ھەدىس].

ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۆمىنلەردىن كاپىرلارنى، ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى، رەھمەت ئېيتقۇچىلاردىن تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنى ئايرىش ئۈچۈن ئۇلارنى بەزى بالا-مۇسىيبەت ۋە نېمەتلەرنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئىمتىھان قىلسا، بەزىدە ئۇلارنى قاتتىق مۇسىيبەتلەر بىلەن سىنايدۇ.

بەندە بەزىدە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغاندا، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىشى ئۈچۈن ئۇنى مۇسىيبەتلەر بىلەن ئەدەپلەيدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: وَمَآ أَصَٰبَكُم مِّن مُّصِيبَةٖ فَبِمَا كَسَبَتۡ أَيۡدِيكُمۡ وَيَعۡفُواْ عَن كَثِيرٖتەرجىمىسى: سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار) [سۈرە شۇرا 30-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنەمۇنداق دەيدۇ: وَلَقَدۡ أَخَذۡنَٰهُم بِٱلۡعَذَابِ فَمَا ٱسۡتَكَانُواْ لِرَبِّهِمۡ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ تەرجىمىسى: ئۇلارنى بىز ھەقىقەتەن ئازاب (يەنى قەھەتچىلىك) بىلەن جازالىدۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا بويسۇنمىدى، ئىلتىجا قىلىپ دۇئامۇ قىلمىدى [سۈرە مۆمىنۇن 76-ئايەت].

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر. بەندىلەرنىڭ ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن چەكلىنىپ، ئۆز دەرگاھىغا پاك قايتىشى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى تەكرار ئىمتىھان ۋە سىناقلار بىلەن سىنايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَوَلَا يَرَوْنَ أَنَّهُمْ يُفْتَنُونَ فِي كُلِّ عَامٍ مَّرَّةً أَوْ مَرَّتَيْنِ ثُمَّ لَا يَتُوبُونَ وَلَا هُمْ يَذَّكَّرُونَتەرجىمىسى: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سىنىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇلار توغرىسىدا ۋەھىي نازىل بولۇپ، سىرلىرىنىڭ پاش قىلىنىدىغانلىقىنى) بىلمەمدۇ؟ ئاندىن ئۇلار تەۋبە قىلمايدۇ (يەنى نىفاقتىن قايتمايدۇ). ئىبرەتمۇ ئالمايدۇ [سۈرە تەۋبە 126- ئايەت].

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىپ، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى نەپسىلىرى پاك ھالەتتە ئۆز دەرگاھىغا قايتىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى بەزى مۇسىبەتلەر بىلەن جازالايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَنُذِيقَنَّهُم مِّنَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَدۡنَىٰ دُونَ ٱلۡعَذَابِ ٱلۡأَكۡبَرِ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَتەرجىمىسى: ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن بىز ئۇلارغا چوقۇم ئەڭ چوڭ ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئىلگىرى ئەڭ يېقىنقى ئازاب (يەنى دۇنيا ئازابى) نى تېتىتىمىز [سۈرە سەجدە 21-ئايەت].

ئاللاھ تائالا بەزى ۋاقىتتا بەندىلەرنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرۈم قىلىپ، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى تۈرلۈك مۇسىبەتلەر بىلەن سىنايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمانلارغا ئېغىرچىلىق، كېسەل، غەم-قايغۇ، ئەزىيەت ياكى قايغۇ-ھەسرەت، ھەتتا تىكەن سانجىلغانغا قەدەر ئەزىيەت يېتىپلا قالسا، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.[بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. بۇخارىي رىۋايىتى 5641- ھەدىس].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

مەنبە: پېشىۋا مۇھەممەد بىن ئىبراھىيم تۇۋەيجىرىينىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرى كىتابىدىن .