پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تۇرمۇش قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان قىز-خانىملارغا نەسىھەت

132263

تارقاتقان ۋاقىت : 17-12-2012

كۆرگۈچىلەر : 4082

سۇئال

مەن توي قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن، يېڭى تۇرمۇش ھاياتىمنى بەرىكەتلىك ۋە ئاللاھ رازى بولىدىغان شەكىلدە باشلىشىم ئۈچۈن ماڭا پايدىلىق يوليورۇق ۋە نەسىھەتلەرنى قىلىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ئاللاھ تائالادىن تۇرمۇشىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىنى، يېڭى ھاياتىڭىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.

بىزنىڭ نەسىھىتىمىز: ئاشكارا يوشۇرۇن ئىشلىرىڭىزدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىپ، ھەرۋاقىت ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىشقا، توسقانلىرىدىن چەكلىنىشكە تىرىشىڭ. ھەرۋاقىت ئاللاھقا گۈزەل شەكىلدە ئىلتىجا ۋە تەۋەككۇل قىلىڭ. ئاللاھنىڭ تولۇق ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇڭ.

ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشىڭىز، ئېرىڭىزنى رازى قىلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد، ھۈسەيىن ئىبنى مۇھسىندىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئۇ كىشىنىڭ ھاممىسى ئۆزىنىڭ بىر ھاجىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالدىن: سىز تۇرمۇشلۇق بولغانمۇ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئايال: ھەئە دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: يولدىشىڭىز بىلەن قانداق ئۆتىسىز؟دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئايال: مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ئېرىمنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۇنى رازى قىلىشقا تىرىشىمەن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: ئېرىڭىز سىزنىڭ جەننىتىڭىز ياكى سىزنى ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئوتتۇر. ئۆزىڭىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزگە قاراپ بېقىڭ دېدى. شەيخ ئەلبانى جامىئۇل سەھىھدە بۇ ھەدىسنى ياخشى ھەدىس دېگەن.

ئېرىڭىز بىلەن بولغان تۇرمۇشىڭىزنى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھقا ئاسىيلىق بولمايدىغان ئىشلاردا ئۇنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىپ، رىغبىتىنى تولۇق ئورۇنداشقا تېرىشىش بىلەن باشلاڭ. تۇرمۇش قۇرۇشتىكى مەقسىتىڭىز ئۇنىڭ ئاللاھغا ئىتائەت قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بولسۇن.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كېچىدە تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئايالىنى مېھرىبانلىق بىلەن ئويغاتقان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. كېچىدە تۇرۇپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ئېرىنى مېھرىبانلىق بىلەن ئويغاتقان ئايالغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.

كېيىم-كېچەك، زىبۇ-زىنەتلىرىڭىزگە ئەھمىيەت بېرىڭ. يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا دائىم گۈزەل ھەيئەتتە، (يەنى سىزنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ھالەتتە) كۆرۈنۈشكە تېرىشىڭ. ئېرىڭىزگە ھەر ۋاقىت ئوچۇق چىراي بولۇڭ. تەبەسسۇمنى ھەرۋاقىت ئۆزىڭىزگە دوست تۇتۇڭ. پاكىزلىققا بەك ئەھمىيەت بېرىڭ. ئۆيىڭىزنى رەتلىك تۇتۇپ، مۇھىت گۈزەللىكىگە دىققەت قىلىڭ. ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان تائاملارنى تەييار قىلىشقا ئادەتلىنىڭ، چۈنكى ئەرلەر خىزمەتتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە ئائىلىدە ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ۋە ھاردۇقىنى چىقىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ بولىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ تەدبىرچانلىقى ۋە ئائىلىنى ياخشى تۈزەشتۈرىشى بىلەن بولىدۇ.

بىرەر قېتىم سىزدىن رەنجىپ قالسا، گەرچە سىزدىن خاتالىق سادىر بولمىسىمۇ ئۇنى رازى قىلىشقا تېرىشىڭ. بۇنىڭ بىلەن سىز جەننەت ئاياللىرىدىن بولۇشقا ھەقلىق بولىسىز. ئاللاھنىڭ دىنى شەرىئەتلىرىدە گۇناھ بولمايدىغانلا بولسا، ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ ۋە ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭ. تاكاللىشىپ جېدەل-ماجرا قىلماڭ، چۈنكى بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. شەرىئەتكە خىلاپ بولغان بىرەر ئىشلىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا ئاللاھنى ئەسلىتىپ چىرايلىق گۈزەل ئۇسلۇبتا نەسىھەت قىلىڭ. ئېرىڭىزدىن بىرەر ئازار كۈلپەتكە ئۇچرىسىڭىز سەۋىر قىلىڭ. ئەر-ئايال ئىككىڭلار ئارىسىدىكى نورمالسىزلىقنى ئائىلىڭىزدىكىلەر ياكى يېقىن كىشىلىرىڭىزگە دەرت تۆكۈپ شىكايەت قىلىشقا ئالدىرىماستىن، ئەر-ئايال ئىككىڭلار مەسىلىنى چىرايلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى ئائىلىنىڭ سىرىنى باشقىلارغا ئېچىپ بېرىش، ئېرىڭىزنى بىئارام قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئارىدىكى سۇغۇقچىلىقنى كۈچەيتىدۇ. قىينى ئاتا، قىينى ئانىڭىزنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىڭ، ئاچا-سىڭىل، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئېھتىرام قىلىڭ. ئەرنىڭ ئاتا-ئانا ۋە بىر تۇغقانلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش، ئايالنى ئېرىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىنى ئەسلىتىش بىلەن نەسىھىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىپ، رامىزان روزىسىنى تۇتۇپ، ئەۋرەتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئېرىگە ئىتائەت قىلغان ئايال ئۈچۈن قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ قايسى ئىشىكلىرىدىن خالىسىڭىز جەننەتكە شۇ ئىشىكتىن كېرىڭ دىيىلىدۇ. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد (1664) رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دېگەن.

ئاللاھ تائالادىن ئىككىڭلارنىڭ توي ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىشىنى، تۇرمۇشىڭلارنى ياخشىلىق ئۇستىگە قىلىشىنى سورايمىز.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى